مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 423|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خوتۇنباز تۇمۇچۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
خوتۇنباز تۇمۇچۇق
[ھېكايە]
سەئىد ئەھمەد [ئۆزبېكىستان]
تەرجىمان: ئەركمان

بىر ژۇرنالدا «خوتۇنباز تۇمۇچۇق» دېگەن ھېكايە بېسىلدى.
ھېكايىدە نېمىلەر دېيىلگىنىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنى كىمنىڭ يازغىنىنى سۆزلەيلى.
چايخانىچى ئەلىمەت بوۋا خېلىلا قېرىپ قالغان ئادەم. نەۋرىلىرى شۇنچىلىك كۆپكى، ئاتلىرىنى چاقىرىشنى بىلەلمەي سالىنى ۋەلى، ۋەلىنى سالى دەپ خاتالىشىپلا يۈرىدۇ. ئەلىمەت بوۋا نەۋرىلىرىگە قايسى چۆچەكنى ئېيتسا، بۇنى ئېيتىپ بولغان، دەپ جېدەل قىلىشىپ كېتىشىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزى چۆچەك توقۇيدىغان بولۇۋالغان. كەنجىۋاي، دەيدىغان چۆچەك ئاڭلاپ زېرىكمەيدىغان نەۋرىسى بار ئىدى. چاي ئۈستىدە بولسۇن ياكى ئاش ۋاقتىدا بولسۇن:
___ بوۋا، داۋاي، قېنى ئەمىسە چۆچەك ئېيتىپ بېرىڭ، ___ دەپ قەغىشلىك قىلىۋېرىدۇ. بوۋاي بۇ دۇنيادىكى جىمىكى چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بولغان، يېڭىسىنى توقۇپ چارچىغان. ئۇ ئاخىر ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ بىر چۆچەك توقۇدى:
___ بىر بار ئىكەن، بىر يوق ئىكەن، بىر تۇمۇچۇق بار ئىكەن…
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي نېمە ئىش بولۇپ كەتتى ئەيتاۋۇر، بىر ژۇرنالدا ئاشۇ«تۇمۇچۇق» لاپ ئېيتىپ چىقىپ قالدى. بوۋاي شۇنداق قارىسا ئۆزى توقۇغان چۆچەك ھېكايە بولۇپ چىقىپتۇ. ھېكايە ئاپتورى ئورنىغا كەنجە ئەلىمەتوۋ، دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. كەنجە بولسا ئەلىمەت بوۋاينىڭ بەكلا ئامراق نەۋرىسى، ئەمدىلا ئون تۆت ياشقا كىرگەن. ئاشخانىدىكىلەر«خوتۇنباز تۇمۇچۇق»نى راسا قىزىقىپ ئوقۇپ چىقىشتى.
خەيرىيەت، بۇمۇ ئۆتۈپ كەتتى.«خوتۇنباز تۇمۇچۇق»ئادەملەرنىڭ ئېسىدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئەمما ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتە-ئۆتمەي گېزىتتە«خوتۇنباز تۇمۇچۇق»سەرلەۋھەسىدە ماقالە چىقتى. گېزىت قولمۇ-قول تالاشتا قالدى. ئوقۇغانلارمۇ ئوقۇدى، ئوقۇمىغانلارمۇ ئوقۇدى. ماقالە شۇنداق باشلانغان ئىدى:
[يازغۇچى كەنجە ئەلىمەت ئۆزىنىڭ«خوتۇنبازتۇمۇچۇق»ئەسىرى ئارقىلىق ئارىمىزدىكى خوتۇنبازلارنى مەسخىرە چوغلىرى بىلەن كۆيدۈرگەن ۋە ھېكايىسىنى تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك يازغان. ئەسەردە يازغۇچىنىڭ مول ھايات تەجرىبىسى بارلىقى ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ھاياتنى كۆزىتىشتە كۆزلىرى شۇنچىلىك ئۆتكۈر، پىكرى زىيادە چوڭقۇر، تىلى راۋان ھەم گۈزەل. تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى بەەينى ئۇستا رەسسامدەك نازۇكلۇق بىلەن سىزىپ بەرگەن.
ئاپتور تۇرمۇشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئەسەردە مەلۇم دەرىجىدە پەلىسەپەۋىي خۇلاسىلەرمۇ بېرىلگەن. ھايات تەجرىبىسى، كلاسسىكلاردىن ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشى، ئۆزىدىن بۇرۇن شۇ تېمىدا ئىجاد قىلغان يېتۈك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئىجادىي پايدىلىنىشى ئاپتور ماھارىتىگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن.
دېمەك، ئەسەر ئاخىرىدىكى خوتۇنباز تۇمۇچۇقنىڭ باشقا تۇمۇچۇقلار ئارىسىدا پاش بولۇپ، ئۆز خوتۇنى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قېلىش كارتىنىسى شۇنچىلىك يارقىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق ئېسىدە قالىدىغان دەرىجىدە ئېنىق تەسۋىرلىنىشى ئەسەر مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەمىنلىگەن… ئوقۇغۇچىلار خوتۇنباز تۇمۇچۇقنىڭ پروتوتىك ئوبرازىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن يىرگىنىدۇ، نەپرەتلىنىدۇ، غەزەبلىنىدۇ ۋە باشقىلار.
خوتۇنباز تۇمۇچۇق خۇددى ئۆزئېيتقاندەك “مەن بار، ئالەم بار” دەپ ئويلايدۇ.
ئاپتور تۇمۇچۇق ئوبرازىنى يارىتىشتا پېرسوناژلارنى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرىدۇ، خاراكتېر يارىتىدۇ. مىساللارغا مۇراجەت قىلىپ باقايلى:
ئۇنىڭ ئىككىلا قانىتى ساق، بىر تۇمشۇق، يەنە ئىككى پۇتى مەۋجۇد.
قاراڭ! نەقەدەر سۈزۈك،ئېنىق، ئاجايىپ پورترېت-ھە!؟
كەنجە ئەلىمەت تۇمۇچۇق ئوبرازى ئارقىلىق سەلبىي تۇمۇچۇقلارنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى، خۇسۇسىي سىرلىرىنى قالتىس قىزىقارلىق كىنايىلەر بىلەن پاش قىلىدۇ. يەنە مىسال:
خوتۇنباز تۇمۇچۇق گۈلزار ئالدىدا بىر پۇتىدا ئۇچچىلاپ دەسسەپ، تۇمشۇقى بىلەن گۈل بەرگلىرىنى بىردىن-بىردىن ئۈزمەكتە:
___ «كېلىدۇ، كەلمەيدۇ، كېلىدۇ… »
ئەنە، گۈلزارلىقتىن نازاكەتلىك، ناھايىتى سەتەڭ تۇمۇچۇق پەيدا بولدى.
خوتۇنباز تۇمۇچۇقنىڭ يۈرەكلىرى ئويناقشىپ كەتتى. شاشلىق ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا چىقتى…
بۇنداق تەسۋىرلەر ئەسەردە كۆپ.
ئەمما ئەسەر بىرقاتار كەمچىلىكلەردىنمۇ خالىي ئەمەس.
ئەسەر قۇرۇلمىسىدا چېچىلاڭغۇلۇق بايقىلىپ تۇرىدۇ(تۇمۇچۇقلار ھەرياققا تارقاپ ئۇچۇپ يۈرۈشىدۇ).
خوتۇنباز تۇمۇچۇقنىڭ ۋىچىرلىشى ۋىتۋالاقنىڭ سايرىشىنى ئەسلىتىپ قويۇپتۇ. سەتەڭ تۇمۇچۇق خۇددى قارا قۇناقنىڭ ئۆزى.
ئەسەر سيۇژىتى كۆپرەك ئوچېركنى ئەسلىتىپ قويۇپتۇ.
ئاپتور بۇنىڭدىن كېيىن تۇمۇچۇقلار ئارىسىدا كۆپرەك بولسا، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆگەنسە، تىلى، ئادەتلىرىنى ئىنچىكە كۆزەتسە، بۇ نۇقسانلىرىدىن خالىي بولالايدۇ، كېيىنكى ئىجادلىرىدا تېخىمۇ پەرۋاز قىلالايدۇ.
ئومۇمەن ئالغاندا، «خوتۇنباز تۇمۇچۇق» كىتابخانلارنىڭ كۈنسېرى ئۆسۈپ بېرىۋاتقان قىزىقىش-ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرالايدىغان ئاجايىپ سەرمەزمۇن ئەسەردۇر.
بىز تالانت ساھىبى كەنجە ئەلىمەتدىن ئېرىق بويلارىدىن سوپۇن ئوغرىلايدىغان سېغىزغان، ئۈزۈملىرىمىزنى چوقۇپ يەپ تويمايدىغان قۇشقاچ، گلاسلىرىمىزنى تولا يەپ نابۇت قىلىۋېتىدىغان تۇتخورەك كەبى جانىۋارلار ھەققىدە نادىر ئەسەرلەرنى كۈتۈشكە ھەقلىقدۇرمىز.]
ئەنە شۇ ماقالە بېسىلىپ چىققان كۈنى چۆچەكچى ئەلىمەت بوۋاينىڭ ئامراق نەۋرىسى، يەنى «ھاياتتىن پەلىسەپەۋىي خۇلاسە چىقىرالايدىغان يازغۇچى كەنجە ئەلىمەتوۋ» تام تۈۋىدە تەڭتۇش بالىلار بىلەن كەپتەر ئويناپ يۈرەتتى.


خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:09 , Processed in 0.058670 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش