مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 394|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

"ھالرەڭ يەكشەنبە'" رومانىدىن پارچە رىزۋانگۈل يۈسۈپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-2 20:34  

"ھالرەڭ يەكشەنبە'" رومانىدىن پارچە
رىزۋانگۈل يۈسۈپ

  دىلنۇر ھىچكىم بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن چاغلاردا نەۋرە ئاكىسىغا بەكلا ئامراق ئىدى.ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە ئاتۇشقا بىرىپ نەۋرە تۇققانلىرى بىلەن قانغۇدەك ئوينىۋىلىپ كەلمىسە ئۇنىڭغا ھىساپ بولمايتتى. تۇققانلارنىڭ ئۆيى ئاستىن ئاتۇشتا بولۇپ مەنزىرىسى گۈزەل.سۈيى ئەلۋەك بىر يىزىدا ئىدى.كەڭرى قورۇ ئالدىدىكى باراڭغا ئىلىنغان تەك ئاستىدا بىر توپ بالىلار چۇقىرىشاتتى.ئەنجۇرلۈك باغ ئىچىدە مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناينىشاتتى.نەۋرە ئاكىسى ئابدۇسالام كىچىكلا تۇرۇپ ئۈستۈن ئاتۇشتا دۇكان ئاچاتتى.ئۇ ھەر كۈنى قايتىپ كەلگىنىدە بىر مۇنچە سوۋغاتلارنى كۆتۈرۈپ كىلەتتى.ئۇنىڭ سوۋغات ئەكىلىشى باشقا بالىلار ئۈچۈنمۇ ھەم دىلنۇر ئۈچۈنمۇ ئەجەپلەنگۈدەك ئىش ئەمەس ئىدى.دىلنۇر ئۇ چاغلاردا نەۋرە ئاكىسىنىڭ پەقەت ئۆزىنى دەپلا شۇنداق قىلىۋاتقىنىنى چۈشەنمەيتتى. دىلنۇر تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىدائوقۇۋاتقاندا ئۆزىدىن ئىككى يىل يۇقۇرى سىنىپتا ئوقۇيدىغان مەردان ئىسىملىك بىريىگىتنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ قالدى. بىر مەزگىلگىچە ئۇنىڭ شوخ كۈلكىلىرى ئازلاپ جىمىپ كەتتى.چۈنكى مەردان ھەمىشە ئۆزى بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان نۇرزىيەئىسىملىك ئاق سىرىق،ھاكاۋۇر بىر قىز بىلەن بىللە يۈرەتتى.نۇرزىيە مەردانغا سايىسىدەكلا ئەگىشىپ يۈرەتتى،مەرداننى ھەممە قىزلاردىن قىزغىناتتى. شۇ چاغلاردادىلنۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ،مەردان ئۆزىنىڭ سىنىپىنىڭ سىنىپ باشلىقى ئىدى.ئۇلار ھەمىشە يىغىنلاردا،ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئۇچرىشىپقالاتتى.ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىپ قىلىشلىرى كۆپىيىپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە نۇرزىيە بىرتوپ قىزلارنى ئەگەشتۈرۈپ مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىۋاتقان دىلنۇر، مۇنىرەلەرنىڭ ئالدىنى توستى.ئۇلارنىڭ جىدەل چىقىرىپ دىلنۇرنىڭ ئەدىپىنى بەرمەكچى بولغىنى ئىنىق ئىدى.ئۇكۈنى قىزلار تازا جىدەللەشتى.دىلنۇر بىلەن مۇنىرەلەرمۇ بوش ئەمەس ئىدى.ئۇلارنىڭچۆرىسىگىمۇ بىردەمدە بىرتوپ قىزلار پەيدا بولۇپ قارشى تەرەپنى ئوبدانلا تەمتىرىتىپقويدى .جىدەل تىزلا بىسىقتى ،ئەمما شۇنىڭدىن كىيىن نۇرزىيە گويا كۆز-كۆزقىلىۋاتقاندەك مەردانغا سۈركىلىپ دىگۈدەك يىقىن مىڭىپ قەستەن دىلنۇرنىڭ سىنىپىنىڭئالدىدىن نەچچە رەت ئۆتەتتى.

  كىيىنكى چاغلاردا مەردانلار ئالىي مەكتەپكەئىمتىھان بىرىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.دىلنۇر خىلى ئۇزۇنغىچە مەرداننىمۇ،نۇرزىيەنىمۇ ئۇچراتمىدى.ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى تۈگىگەندىن كىيىن ئۇلار مەكتەپتىنشۇ ئايرىلغانچە غايىپ بولۇشتى. ئۇلارمۇھەببەتلەشمىگەن،چوڭقۇر ھىسسىياتكەچۈرمىشلىرىنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولغاچ دىلنۇرنىڭ مەرداننى ئۇنۇتمىقى ئانچەتەسكە چۈشمىدى.ئەمما ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ تاسادىبى بىر پۇرسەتتە مەردانبىلەن قايتا ئۇچرىشىپ قالغاندا بولسا كونا ئوتلار قايتىدىن تۇتىشىپ لاۋۇلداپيىنىشقا باشلىدى.

  دىلنۇر،مەن،مۇنىرە ئۈچىمىز مەدىنىيەت سارىيىغاگۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسى كۆرگىلى بارغان كۈنى كۆرگەزمە زالىدا ئادەم خىلىلا جىقئىدى،تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكىلەرمۇ سۈرەتكە ئىلىش ئۈچۈن ئايلىنىپيۈرەتتى.مەرداننى ئەڭ ئاۋۋال مەن كۆردۈم.ئۇ سۈرەتكە ئىلىۋاتقان يىگىتكە قاراپ بىرنەرسىلەرنى دەپ چۈشەندۈرىۋاتاتتى .ئۇنىڭ قاملاشقان تۇرقى يىراقتىنلا كۆزگەچىلىقاتتى.دىلنۇر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى،چىرايىدىكى كۈلكىسى ئۆچۈپ سەلگىنەقىزاردى.

  مەردانمۇ بىزنى كۆردى،گىپىنى تۈگۈتۈپلا بىزتەرەپكە قاراپ كەلدى.

  -سالام قىزلار!-دىدى ئۇ قىزغىنلىق بىلەن –بىزنىڭكۆرگەزمىگە ھۆسىن قوشتۇڭلار، سىلەر يەنىلا قوشماقلاردەك ئايرىلماپسىلەردە !شۇڭاسىلەرنى ئاسانلا تونۇۋالدىم.

  -سىز يالغۇز تۇرسىڭىزمۇ بىزمۇ تونىۋالدۇق-دىدىمۇنىرە چاققانلىق بىلەن-سىز مەكتەپتە يالغۇز يۈرمەيتتىڭىز بولمىسا.

  بۇ سۆزنى مەردان خىيالىغا كەلتۈرمىگەندەك كۈلۈپقويدى،ئەمما دىلنۇر تامدەك تاتىرىپ كەتتى.

  پارىڭىمىز شۇنچىلىكلا بولدى.ئۇنىڭ تاماققا تەكلىپقىلىشلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن رەت قىلىپ كۆڭۈلسىز ھالەتتە ياتاققا قايتىپ كەلدۇق.

  دىلنۇر بىردىنلا خىيالچان بولۇپ كەتتى،ئەمماخىيالچانلىقى ئۇزاققا بارمىدى.مۇنىرە ئىككىمىزنى ھەيران قالدۇرۇپ مەردان بىلەنچاقماق تىزلىكىدە مۇھەببەتلىشىشىنى باشلىدى.

  -توۋا قانداقسىگە ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق تىزمۇھەببەتلەشتىڭ؟-دىدى مۇنىرە ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي.

  -مۇھاببەتلىشىشكە تىز ئاستا دەپ ھىساپلىشىشكەتمەيدىغۇ -دىدى دىلنۇر كىچىك قىزلاردەك دومسىيىپ –بىز بىر-بىرىمىزنى ياخشىكۆرىدىغىنىمىزنى باشقىلاردەك ئۇزاققىچە يوشۇرۇپ يۈرمىدۇق،شۇنىڭ بىلەنمۇھەببەتلىشىشكە باشلىدۇق شۇ.

  -ئۇنىڭغا سايىدەك ئەگىشىپ يۈرىدىغان ھىلىقى سىرىقئاسلان قىزچۇ؟-دەپ سورىدى مۇنىرە نارازىلىقىنى يوشۇرالماي.-ئۇنىڭ گىپىنى قىلمابولدى.-دىدى دىلنۇر مەنسىتمىگەندەك –مەرداننىڭ دىيىشىچە ئۇ ئەزەلدىن نۇرزىيەنىياخشى كۆرۈپ باقمىغانىكەن،ئۇ سىرىق مەرداننىڭ كەينىگە كىرىۋالىدىكەنتۇق.ھازىر ئۇ سىرىق ئاسلان بىر سودىگەرنىڭ كەينىدىنخوتەنگە كىتىپتۇدەك.*

  *

  *

  يىڭى يىل كەلدى.مەكتەپتە بىر ھەپتە بۇرۇنقىروژىستىۋا بايرىمىنىڭ قىزغىنلىقى تىخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى.ياتاقتىكىقىزلارروژىستىۋا بايرىمىدا ئىرىشكەن سوۋغاتلىرىنى كارۋىتىنىڭ بىشىغا قۇيۇپ تىخىكۆرۈپ،بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلىشىپ پۇخادىن چىقمىغان ئىدى.ئۈرۈمچىدىكى ياشلاربولۇپمۇ مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار روژىستىۋا بايرىمىنى يىڭى يىلدىنمۇ ھەتتا قۇربانھىيتتىنمۇ ئەتىۋارلىق بىلىشەتتى،بىر-بىرىگە ئەڭ ئىسىل سوۋغاتلارنى تەقدىمقىلىشاتتى.كوچىلاردا بايراملىق چىراقلار ۋال-ۋۇل قىلىپ كۆزنى چاقنىتاتتى.دۇكانلاردۇكانلىرىنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇپ قويغان قىزىل چاپان ئاق تەلپەك كىيىۋالغان روژىستىۋا بوۋاي خىرىدارلارغا خوشامەت قىلىپ ھىجىيىپ تۇرغاندەك  كۆرۈنەتتى.

  يىڭى يىل كۈنى ئەتىگەندە شىرزات  مىنى ئالغىلى كىلىمەن دەپ تىلفۇن قىلدى.مەنخۇشاللىقىمدا  چاچلىرىمنى چىرايلىقتاراپ  ياسىنىپ تەييار بولدۇم.چاپىنىمنىپىزرەك ئىدى،مۇنىرەنىڭ قارا خىرۇم چاپىنىنى سوراپ كەيدىم.

  -بۇ پەلتۇ ساڭا بەكلا ياراشتى-دىيىشتى قىزلار ماڭامەستلىكى كىلىپ

  -كەچتە بۇرۇنراق قايت جۇمۇ!سەندىن ئەنسىرەيمىز-دىدىمۇنىرە چاقچاق قىلىپ .

  مەن كۈلۈپ قويدۇم. شىرزاتنىڭ تىلفۇن قىلىشىنىكۈتۈپ تۇرمايلا پەسكە چۈشتۇم.

  ئۇرۇمچى ھەر يىلى يىڭى يىلنى مۇشۇنداق ئاپپاققارنىڭ باغرىدا سوزۇلۇپ ياتقىنىچە قارشى ئالاتتى.بىنا ئالدىدا بىر توپ قىزلارقارلارنى دۆۋىلەپ قار بوۋاي ياساۋاتاتتى.بىر قىز بوينىدىكى قىپ-قىزىل شارپىسىنىقار بوۋاينىڭ بوينىغا چىگىپ قويدى.قار بوۋاي قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرگىنىچە ھەممەقىزلارغا كۆز قىسىپ قاراپ تۇراتتى.شىرزات كەلدى.ماشىنىغا چىقىپ ئۇنىڭغا ئاتاپئالغان چاقماق شارپىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتقاچ –يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!-دىدىم.

  ئەخمەق قىز ،نىمىشقا ئاۋارە بولغانسىز،-دىدى ئۇكۈلۈپ-ئۆزىڭىز خەجلەشكە چىدىماي يىغىپ قويغان پۇلىڭىزغا ئالدىڭىز ھەقىچان.

  مەن –ھەئە-دىگەن مەنىدە بىشىمنى لىڭشىتتىم.

  -رەھمەت،مەن قوبۇل قىلدىم،بۇ شارپىنى بوينۇمدىنئايرىمايمەن-دىدى ئۇ.

  -كىچىسىمۇ بوينىڭىزغا سىلىۋالامسىز؟-دىدىم ھەيرانبولغان قىياپەتتە.

  -ياق ،بۇنى پەقەت كۈندۈزىلا سىلىۋالىمەن،-دىدى ئۇكۈلمەي تۇرۇپ-ئەمما ئۆزىڭىز توقىغان بولسىڭىز كىچىسىمۇ يىنىمدىن ئايرىمايتتىم.

  -بۇمۇ بوپتۇ،ئەگەر كىچىسىمۇ شارپىنى بويىڭىزدىنئالمىسىڭىز،شارپا بوينىڭىزغا يۆگىشىپ قىلىپ ئۇخلىيالمىسىڭىز چاتاق چىقاتتىغۇدەيمەن-دىدىم مەن.

  ئۇ كۈلۈپ كەتتى.

  -يىڭى يىلىڭىز شاكىلاتتەك شىرىنلىك ئىچىدەئۆتسۇن!-دىدى ئۇ ماڭا قىممەت باھالىق ئىسىل بىر قۇتا شاكىلاتنى سوۋغا قىلىۋىتىپ.

  مەن خوشاللىقىمنى باسالمىغان ھالدا ئۇنىڭ مەڭزىگەئاستاغىنە سۆيۈپ قويدۇم.پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا ئاجايىپ تاتلىق شىرىنلىك تاراپ كەتتى.بۇمىنىڭ مۇھەببەتلەشكەندىن بۇيان تۇنجى قىتىم ئۇنىڭغا بۇ دەرىجىدە يىقىنچىلىققىلىشىم ئىدى.ئۇمۇ ماڭا قاراپ- رەھمەت!-دىگەن مەنىدە كۈلۈپ قويدى.

  مەن ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ بۇمىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن يىڭى يىلىم دىگەنلەرنى خىيالقىلاتتىم.ئۇ ئۆزىنىڭ بەختىيارلىققا كۈنلىرىنىڭ باشلىنىۋاتقىنىدىن ئىنتايىن خۇشالئىدى،ئۇ خۇشاللىقىنى ھىچكىمدىن يوشۇرالمايتتى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:24 , Processed in 0.074055 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش