ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇشۇنداق يۈكسىلىشىدە ئىچكى ئامىل ھېسابلانغان ئۆزىمىزنىڭ كلاسسىك ئەنئەنىمىزنىڭ تەسىرىدىن سىرت، تاشقى ئامىل بولغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.
بىزدە نەزەرىيىۋى تەتقىقات ئەزەلدىن كەمچىل بولۇپ كەلگەن. بىزدە ئەمەلىي ئۈنۈم بار، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ»،«تۈركىي تىللار دىۋانى»، «ئون ئىككى مۇقام» قاتارلىق بەدىئىي ۋە سەنئەت مىراسلىرىمىزنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مۆجىزە بولۇپ تۇيۇلۇشى بۇنىڭ مىسالى، جۈملىدىن بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ، بىزدە دۇنياۋى ئەدەبىيات سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىشقا تېگىشلىك ئۈندۈرمىلەر يوق ئەمەس. ئاساسلىق گەپ بىزدە شۇ ئېسىل ئۈندۈرمىلەرنى پەرۋىش قىلىدىغان نەزەرىيىۋى ئاساس ۋە ئۇنى جاھانغا تونۇتىدىغان قۇدرەت يوق. لېف تولستوينى، پۇشكىننى، دوستويىۋسكىينى جاھانغا تونۇتقان زادى نېمە؟ ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى، لېكىن، قۇدرەتلىك رۇس تىلى ۋە چوڭقۇر بىلىملىك رۇس نەزىيىچىلىرى بولمىغان بولسا، بەلكىم ئۇلار قېزىلمىغان ئالتۇنغا ئوخشاپ كۆمۈك پېتى قاللار ئىدى. شۇڭا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيكەنمىز، ئۆزىمىزنىلا چۈشىنىپ قالماي، يەنە چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات جەريانى، بۈگۈنكى يۈزلىنىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشمىزغا توغرا كېلىدۇ.
1.چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات جەريانى
چەت ئەل ئەدەبىياتى دېگىنىمىزدە ئادەتتە شەرق ئەدەبىياتى ۋە غەرب ئەدەبىياتى دەپ ئاساسلىق ئىككى كاتېگورىيىگە بۆلۈنىدۇ. شەرق ئەدەبىياتى بىزگە بۇرۇندىنلا خېلى تونۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر غەرب ئەدەبىياتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەتتى. ئىلگىرى شەرق غەربكە تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، ھازىر غەرب شەرققە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە غەربنىڭ تەسىرىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. ئەقەللىيسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ رۇس ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇڭا، غەرب ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات جەريانى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتمەي بولمايدۇ.
غەرب ئەدەبىياتى ئەدەبىياتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىن ھېسابلانغاندا، كلاسىسكىزىم، ئاقارتىش ھەرىكىتى، رومانتىزم ، تەنقىدىي رېئالىزم ۋە مودېرنىزم قاتارلىق ئالتە يۇقىرى پەللە ياراتقان.
بۇنىڭ ئىچىدە بۈگۈنكى زامان دۇنيا ئەدەبىياتىغا بەكرەك تەسىر كۆرسىتىۋاتقىنىنى رومانتىزم ، تەنقىدىي رېئالىزم ۋە مۇدېرنىزمدىن ئىبارەت.
رومانتىزم ياۋروپادا 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
بۇ ئېقىمنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بولغان ئىسلېر، رۇسسو ، بايرون، گيوتى، ۋاتىزۋاز، گېئورگى سان قاتارلىقلار كلاسسىكلىرىنىڭ ئىدراكنى سەنئەتنىڭ ئۈستىگە قويۇۋېلىشىغا، رېئاللىقنى ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ قويۇشىغا نارازى بولۇپ، ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنى، رېئاللىقنى غايىۋى تەسەۋۋۇرغا ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ۋاتىزۋاز:«شېئىر كۈچلۈك ھاياجاننىڭ تەبىئىي ھالدا ئېقىپ چىقىشى» دېسە، گېئورگى سان:«سەنئەت رېئاللىقنى كۆچۈرۈپ قويۇش ئەمەس، بەلكى غايىۋى ھەقىقەتكە بولغان ئىزدىنىش» دېگەن .
رومانتىزم كلاسسزمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە، بولۇپمۇ شېئىرىيەتتە قاپىيە، رادىپ، ۋەزىن قاتارلىق جەھەتلەردىكى قائىدە-مىزانلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەدەبىياتنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا يېقىنلاشتۇرغان . شەھەر مەدەنىيىتىنى سۆكۈپ، تەبىئەت دۇنياسىنى مەدھىيىلىگەن، سۇسسونىڭ«تەبىئەت دۇنياسىغا قايتىش» دېگەن سۆزى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق شوئارى بولۇپ قالغان.
بۇ مەزگىلدە يېزىلغان نادىر ئەسەرلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن پۇشكىن، يابرون، شىللېر، لېرمونتۇق، گيۇتى، رۇسسو، پېتوفى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى كۈچلۈك رومانتىزملىق روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان. رومانتىزم ئەينى مەزگىلدە پۈتۈن ياۋروپاغا تارقىلىپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە كۈچلۈك رول ئوينىغان.
19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغا كەلگەندە رومانتىزم ئەدەبىياتى ئاستا-ئاستا سۇسلاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تەنقىدىي رېئالىزم ئالغان، بۇ مەزگىلدە تەبىئىي پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ماتېرىياللىزىمنىڭ ئىدېئالىزم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى كىشىلەرنى ئەنئەنىۋى كۆز قاراش ۋە خام خىياللارنى تاشلاپ، دۇنياغا ئوبيېكتىپ نەزەر بىلەن قاراشقا ئۈندىگەن. نەتىجىدە كۆپلىگەن يازغۇچىلار سۇبيېكتىپ ئارزۇ ۋە تەبىئەت گۈزەللىكىگە بولغان ئىنتىلىشتىن رېئال تۇرمۇشقا قايتقان. جەمئىيەتتىكى قاراڭغۇ تەرەپلەرنى ئەينەن تەسۋىرلەشكە، رېئال تۇرمۇشنى ئۆز پېتى تېزىشقا كىرىشكەن. نەتىجىدە رومانتىزم ئاستا-ئاستا چەتكە قېقىلغان، رېئالىزم ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى قۇدرەتلىك بىر ئېقىم بولۇپ شەكىللەنگەن. بالزاك ئەنە شۇ رېئالىزمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلامچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرى رومانتىزم ئۇسلۇبىدا ئەسەر يازغان پۇشكىن، خوفمان، گوگول قاتارلىقلارمۇ رېئالىزم ئۇسلۇبىدا ئەسەر يېزىشقا باشلىغان. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە يەنىلا رومانتىزم ئامىللىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، رېئالىزمنىڭ مەيدانغا كېلىش بىلەن رومانتىزم پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتمىگەن، بەلكى رېئالىزىمغا سىڭىشىپ كەتكەن. لېف تولستوي، مۇپاسسان، چېخوق، تۈرگېنېف، گوركىي قاتارلىق ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشلۇق بولغان مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ كۆپ سانلىق ئەسەرلىرى رېئالىزملىق ئۇسلۇبتا يېزىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك كىتابلار ۋە مەتبۇئاتلاردىمۇ رېئالىزملىق ئەدەبىياتنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى خېلى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلغان، شۇڭا بۇ ھەقتە كۆپ توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
19-ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىغا كەلگەندە ياۋروپادا رېئالىزملىق ئەدەبىيات-سەنئەتكە نىسبەتەن ئوچۇق –ئاشكارا نارازىلىق پەيدا بولغان. تەنىجىدە مودېرنىزم ئەدەبىياتى شەكىللىنىپ رېئالىزملىق ئەدەبىيات بىلەن بەيگىگە چۈشكەن.
شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، بىزگە ئىلگىرى رېئالىزم ئىنقىلابىي، مودېرنىزم ئەكسىيەتچى دەپ تەشۋىق قىلىنغاچقا، تا ھازىرغىچە مودېرنىزم ئاتالغۇسىنى ئاڭلىسىلا، بەزىلىرىمىزدە، ئۇنى ناچار ئەدەبىي ئېقىم، دىگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، مودېرنىزم ئەسلىدىكى رومانتىزم ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ھازىرغا قەدەر يۈز نەچچە يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈردى. ئېلىمىزدە «4-ماي» ھەرىكىتىدىن باشلاپ تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىغان، لۇشۈن قاتارلىق مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا ئۇنى چەتكە قاقىدىغانغا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. بۈگۈنكى زامان چەت ئەل ئەدەبىياتىنى چۈشىنىمىز دەيدىكەنمىز، مودېرنىزمغا بىر ئىلىم سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغىنىمىز تۈزۈك. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بىزگە ماس كېلىدىغان تەرەپلىرىمۇ، ماس كەلمەيدىغان تەرەپلىرىمۇ بار. شۇڭا، ئۇنى چەتكە قاققىلىمۇ، قارىغۇلارچە، مېخانىك ھالدا دورىغىلمۇ بولمايدۇ.
مودېرنىزم تاسادىپىي پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس. ئۇنىڭ يىلتىزى دەل رومانتىزمدۇر. شۇڭا، ئەينى چاغدا مودېرنىزم «يېڭى رومانتىزم » دەپمۇ ئاتالغان. مودېرنىزم 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ پېشۋالىرى ئامېرىكىلىق ئېدگار ئاللان پوئې، فىرانسىيىلىك بودلېر قاتارلىقلار. رۇسىيىلىك دوستويېۋسكىيمۇ مودېرنىزم ئەدەبىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
ئېدگار ئاللان پوئې «ساپ سەنئەت»، «ساپ شېئىر» نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەت رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئەمەس، بەلكى نوقۇل ھالدىكى سۇبيېكتىپلىق تەپەككۇر جەريانىدىن ئىبارەت، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، رېئاللىقنى ئەينەن دوراش سەنئەت ھېسابلانمايدۇ. سەنئەت چوقۇم رېئاللىقتىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك. بودلېر، شېئىر تەبىئەت دۇنياسىنى دوراش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، روھىي دۇنياغا يۈزلىنىشى، تۈرلۈك بېشارەتلەرگەتايىنىپ، ئادەمنىڭ خىيالىنى «تەرجىمە»قىلىپ چىقىشى كېرەك، دەپ قارىغان. دوستويېۋسكىيمۇ ئۆزىنىڭ «جىنايەت ۋە قازا»،«دەلتە»،«ئاكا-ئۇكا كارامازوفلار» قاتارلىق رومانلىرىدا ئىجتىمائىيلىققا ئىگە ئومۇمىي ئىشلاردىن كۆرە، شەخسنىڭ روھىي دۇنياسىغا بەكرەك چۆككەن.