مەھمۇد دەرۋىش شىئېرلىرىدىن: كۆرگىلى بولىدىغان مۇزىكا ئەمەت يولداش تەرجىمىسىكۆرگىلى بولىدىغان مۇزىكا
مۇزىكا تىڭشاۋاتسام بىر باغچا ماڭا قاراپ ئېچىلدى،
ئاھاڭلىرى ئايلىنىپ غۇنچىگە تىڭشىدىم كۆزلىرىم بىلەن،
ئاۋازلاردا كۆرىنىش، كۆرىنىشلەر ئۆزگەرمەكتە ساداغا
ئەدەبىياتنىڭ ئىستىئارەسىگە ئايلىنىش بەكمۇ يىراقتا.
سېرىنگۈلنىڭ گۈل تەكچىسىدىن ئېسىل تاماق شىرەسىگە چىقىشى
يۇچۇنلارنىڭ ئويلىمىغان زېيىنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈندۇر،
مەشىقلىنىپ ساقلىغۇچىنىڭ كەلگۈسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈندۇر،
سۇ پەرىسى سۇنىڭ شادىيانە كۈيلىرىنى ئاڭلىغىلى نىكەم،
ئاشۇ كۈينىڭ ئۆزىگە بولغان مەدھىيە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى ھەم،
شۇڭلاشقا ئۇ ئۇچراپ باقمىغان ھېچقانداق كەمسىنىشلەرگە.
مېھمانخانا تولسا پىيازگۈلىگە بىردىنلا
قۇيۇق ھىدلىرى ئۇرۇلار دىماقلارنى غىدىقلاپ شۇنچە
ئۇنىڭ كەيبلىرى كەيىبلىگىمنى مۇردەتلەر.
رۇخسارگۈل ئوخشىمىغاچ
ئىككى گىرەلەشمە ئاۋازنى تولۇق بېرەر ئايرىپ،
ئاۋازلار سىڭەر توي ۋە ماتەم مۇراسىمىغا كۆز ياشتەك...
ئاق باش ئوتمۇ ئوخشىماس
ئۇ تاغ ئىتىكىدىكى فىرمىسىدا
چەكسىز دالانى مەدھىيەلەپ كۆڭلى تاپار قانائەت...
مۇشۇلارنى تىلغا ئېلىپ دېمەكچىمەنكى:
قىزىل ئەتىرگۈل ـــــ كۆرگىلى بولىدىغان مۇزىكا،
يەسىمەن گۈلى ـــــ سېغىنىش خېتى،
لېكىن
كىملەرنىڭ ئىبەرتىپ كىمنىڭ تاپشۇرۋالدىغانلىقىنى بىلمەيمەن زىنھار.
|