مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 434|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

فاشىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
جىنايەت ۋە جازا!

فاشىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتى

مەنبە: خەلق تورى




سۆرەتتە: 1946-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى توكيو سوتى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، «پوتېسدام ئاخباراتى»غا ئاساسەن، ئۇرۇشتا غەلبە قىلغۇچى دۆلەتلەر ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى ئايرىم-ئايرىم سوتلىدى ھەمدە نيۇرىنبۇرگ سوتى ۋە توكيو سوتىدىن ئىبارەت ئىكى چوڭ خەلقئارا ھەربىي سوت قۇردى. نيۇرىنبۇرگ خەلقئارا ھەربىي سوتى 1945-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ 216قېتىم سوت ئېچىپ، 1946-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخىرلاشتى. سوتتا 24جاۋابكارنىڭ 22سىگە ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. توكيو سوتى 1945-يىلى 5-ئايدا سوت ئېچىشنى باشلاپ 1948-يىلى ئاياقلاشقانلىقى جاكارلاندى. ئىككى يىل 7ئاي ۋاقىت ئىچىدە جەمئىي 818قېتىم سوت ئېچىلدى، سوت خاتېرىسى 48مىڭ بەتتىن ئاشتى. سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بەرگەنلەر 419كىشى بولۇپ، كۆرسىتىلگەن ئىسپات 4000پارچىدىن ئاشتى. ھۆكۈمنامە 1213بەتكە يېتىپ، كۆلىمى نيۇرىنبۇرگ سوتىدىن ئېشىپ كەتتى.


توكيو سوتىنىڭ ئوبيېكتى ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى (ئاساسلىق ياكى باش ئۇرۇش جىنايەتچىسى) بولۇپ، ئاساسلىق بولمىغان ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان ھەرقايسى دۆلەتلەر ئايرىم سوت قۇرۇپ سوتلىدى. سۆرەتتە: موسسۇلىنى ۋە گېتلىر بىلەن بىرگە دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ فاشىست كاتتىبېشى، ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى توجو ھېدىكى





سۆرەتتە بوغۇپ ئۆلتۈرۈش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياپونىيە ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى گاكى شىرو





 نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئەڭ يۇقىرى بىۋاستە مەسئۇلىيىتى بار، بوغۇپ ئۆلتۈرۈش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياپونيە ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى ئىۋانى ماتسۇئى





1948-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى نەچچە يۈزمىڭ خەتلىك ھوكۈمنامىنى ئوقۇپ ئۆتتى. 12-نويابىر چۈشتىن كېيىن، يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى توجو ھېدىكى قاتارلىق 7كىشىگە بوغۇپ ئۆلتۈرۈش جازاسى ھۆكۈم قىلدى؛ ئاراكى جېنو قاتارلىق 16كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى؛ توگو شىگېنورىغا 20يىللىق، شىگېمىتسۇغا 7يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. سۆرەتتە: يىراق شەرق ھەربىي سوتىدا سوتلىنىۋاتقان ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى.


مەنبە: خەلق تورى




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-12 07:17 , Processed in 0.071727 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش