مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 747|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت زۆرۈر ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر (باغداش مۇنبىرى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-15 15:53  

ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت زۆرۈر ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر



ئەخمەت مۆمىن تارىمى(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى, نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى)

ئۇيغۇر تارىخى دېگەندە , كەڭ مەنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخى , تار مەنىدە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىنكى تارىخى كۆزدەتۇتۇلىدۇ. بۇ بىر ئۇزاق ھەم مۇرەككەپ جەريان بولۇپ, بۇنىڭدا ئاۋال ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا , ھەرقايسى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىغا نەزەر ئاغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتەمەملىكەت ئىچىدىكى تارىخشۇناسلارنىڭ ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن قارىشى بۇيىچەئېيتقاندا , ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە خاتىرىلەنگەن دىلار, دىڭلىڭلار, تېلىلار , قانقىللار (ئېگىز ھارۋىلىقلار) بىلەن چوڭقۇر تارىخىييىلتىزداشلىق مۇناسىۋىتى بۇلۇپ, دىلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان شىمالىي دىلارمىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 2000 - يىللاردا غەربىي شىمالدا ئوردوس يايلىقىنى مەركەزقىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان . مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە شىمالىي دىلار شەرقىي دىڭلىڭلار دېگەن نامبىلەن ئاتىلىشقا باشلاپ, بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالىيتەرەپلىرىدە دىڭلىڭ قەبىلىلىرى بىرلەشمىسىنى تەشكىل قىلغان. مىلادىيە 3 - ئەسىردىنكېيىن تېلېلار, قانقىللار دەپ ئاتالغان.بۇ ناملار گەرچە ھەرخىل بولسىمۇ, بىراق ئاھاڭ جەھەتتىن بىر - بىرىگە يېقىن, يەنىبىر مىللەت نامىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ, ھەممىسى <<تۈرك>> دېگەننامنىڭ خەنزۇچە ھەر خىل ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت(1). ئۇلار ھۇن ئىمپېراتۇرلۇقى دەۋرىدە ھۇنلارنىڭ تەركىبىدە بولغان. 4 - ئەسىرگە كەلگەندەقانقىللار (يەنى تېلېلار) شەرقىي قانقىللار ۋە غەربىي قانقىللار دەپ ئايرىمئاتالغان, 4 5 - ئەسىرلەردە تېلېلار ياكى قانقىللارنىڭ غەربىي قىسمىتەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى, ئالتاي تېغى, جۇڭغارىيە ئويمانلىقى, يەتتەسۇۋادىسىغا ماكانلىشىپ, بۇ يەردىكى غەيرىي تۈركىي خەلقلەر (ئاساسلىقى ساكلار , تۇخرىلار) بىلەن قوشۇلۇپ ياشاپ, تەدرىجىيتىل - يېزىق, ئۆرپ - ئادەت, مەدەنىيەت ۋە ئىگىلىك جەھەتتە تۈركلىشىش ۋەزىيىتىنىكەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇ قانقىللارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسى ۋە يولباشچىسى ئۇيغۇرلار بولغان. مىلادىيە6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە, تېلېلار ياكى قانقىللارغا مەنسۇپ بولغانئاشىنا قەبىلىسى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ, جۇرجان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ, مىلادىيە 552 - يىلى موڭغۇلىيە يايلىقىدىكى ئۆتۈكەن تېغىنى مەركەز قىلىپ, داڭلىق كۆكتۈرك خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. <<كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ تېررىتورىيەسى شەرقتەلياۋخەي دېڭىزىدىن غەربتە ئارال دېڭىزىغىچە, جەنۇبتا چوڭ قۇملۇقتىن شىمالداشىمالىي دېڭىزغىچە(بايقال كۆلىگىچە) يەتكەن>>(2). نەتىجىدە بارلىق تېلېقەبىلىلىرى, جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن. ئۇيغۇرلاركۆكتۈرك خانلىقى دەۋرىدە خانلىقنىڭ سىياسىي, ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ, بۇ خانلىقنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان ھەم ئۇيغۇر دېگەن نام قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامىغا ئايلانغان. تەخمىنەن مىلادىيە 744 -يىلى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى كۈچىيىپ, تۈرك خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈپ , يەنىلا ئۆتۈكەن تېغى باغرىنى مەركەز قىلىپ ئورقۇن ئۇيغۇرخانلىقىنى قۇرغان.بۇ خانلىق كۈچەيگەن مەزگىلدە زېمىنى بۇرۇنقى ھۇنلار , تۈركلەرنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت, يەنىمۇ كېڭەيگەن . جۈملىدىن شەرقتە ھىنگان تاغلىرىغا, غەربتە ئوتتۇرا ئاسىياغا, شىمالدابايقال كۆلىگە , جەنۇبتا ھازىرقى گەنسۇغا يەتكەن. ھازىرقى شىنجاڭ رايونى يەنىلا ئۇلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت رايونى بولغان (3). بۇخانلىق ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تۈرك خانلىقىغا ۋارسلىق قىلىپ, نىسبەتەن مۇقىم فېئودال ھاكىمىيەت بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلغان يايلاق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتامۇھىم رول ئوينىغان. مىلادىيە 840 -يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەبىئىي ئاپەت, ئىچكى نىزا ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن يىمىرىلىپ, ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىككى تارماققا بۈلىنىپ جەنۇبقا (ھازىرقى سەددىچىن بويلىرىغا) ۋە غەربكە (ھازىرقى تەڭرىتېغى ئەتراپلىرىغاۋە يەتتىسۇ, ئىسسىقكۆل, پامىر ئەتراپلىرىغا ) كۆچكەن, بىرقىسمى ئەسلى ماكانىدا قېلىپ كېيىنچە باشقا خەلقلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن. ئورقۇن ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچكەندىن كېيىن , شىنجاڭ رايونى تەدرىجى ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ماكانىغا ئايلانغان.بۇنىڭ بىلەن بۇ رايوندا ئۇيغۇرلىشىش ۋەزىيىتى كېلىپ چىققان.نەتىجىدە بۇيەردە ياشىغان خەلقلەرمۇ كېيىن ئۇلارغا قوشۇلۇپ, ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنىتەشكىل قىلغۇچى خەلقلەردىن بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلار ئىككى تارماققا بۈلىنىپ كۆچكەندىن كېيىن غەرىبكە كۆچكەن تارامى دەسلەپتە ئالتاي تېغىدىن ئۈتۈپ ئۇيەردىكى قارلۇقلار بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن ئۇلارنىڭ بىرقىسمى ھازىرقى گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىغا كەلگەن. بىرقىسمى ئاۋال تۇرپان, بەشبالىققا(جىمىسار ئەتراپىغا), ئاندىن كۈسەن(كۇچا), قاراشەھەر ئەتراپىغا كەلگەن. يەنە بىر قىسمى داۋاملىق غەرىپكەمېڭىپ, يەتتىسۇ , سوياپ دەرياسى ۋە پامىر ئەتراپلىرىغا كەلگەن. كېيىنچە خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋەجەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسمى بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ تەخمىنەن مىلادىيە 870-يىلى ئەتراپىدا گەنجۇنى ( ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيې ئەتراپى ) مەركەز قىلغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان , بۇخانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتە ھازىرقى گەنسۇدىكى تيەنشۈيگە, غەربتە قۇمۇلنىڭ شەرقىگە, شىمالدا ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىگە, جەنۇبتاخېلەنشەن, چىلەنشەن تاغلىرىغىچە يەتكەن بولۇپ(4), كېيىن ئۇلارتاڭغۇتلار تەرىپىدىن يىمىرىلگەن. تۇرپان, بەشبالىققا, ئاندىن كۈسەن(كۇچا), قاراشەھەر ئەتراپىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ تەخمىنەن مىلادىيە 866 – يىلى ئەتراپىدا تۇرپان , بەشبالىقنى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنى قۇرۇپ چىققان , بۇ خانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردەزېمىنى شەرىقتە شاجۇ (گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭ ) غىچە, غەربتە كۇچانىڭ غەربىگىچە, شىمالدا جۇڭغارئويمانلىقىغىچە, جەنۇبتا خوتەننىڭ شىمالىغىچە يەتكەن بولۇپ(5) , بۇخانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي , ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. بۇ خانلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى بىلەن زىچ ئىقتىساد , مەدەنىيەت ئالاقىسى قىلغان بولۇپ, دەل مۇشۇ خانلىق دائىرىسىدە بۇددا ۋە مانى دىنلىرىنىڭ تەسىرىدىكى گۈللەنگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن. كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ئاۋال قارا قىتانلارغا , ئارقىدىن موڭغۇللارغا قارام بولغان. يەتتىسۇ , سوياپ دەرياسى ۋەپامىر ئەتراپلىرىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇيەردەبۇرۇندىن ياشاۋاتقان بىلەن قېرىنداش خەلقلەر بىلەن قوشۇلۇپ, تەخمىنەن مىلادىيە 850 - يىلى ئەتراپىدا بالاساغۇن (ھازىرقى قىرغىزىستاندا) ۋە قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار خانلىقىنى قۇرغان , بۇ خانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتەكۇچاغىچە, غەربتە ماۋەرائۈننەھىر(ئامۇ, سىر دەريالىرى ۋادىسى)گىچە, شىمالدا ئىلى ۋادىسىغىچە, جەنۇبتا خوتەنگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ(6), 10-ئەسىردە قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىنى رەسمىي قۇبۇل قىلىپ دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇرۇشى بىلەن بۇ خانلىق دائىرىسىدە تەدرىجىي ھالدا ئەسلىدىكى ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغان, ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپ- پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆزگىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شەكىللىنىپ چىققان. كېيىن قارا خانىلار خانلىقىنىمۇ ئاۋال قاراقىتانلار, ئارقىدىن موڭغۇللار بويسۇندۇرغان. ئەلۋەتتە , مىلادىيە 9-ئەسىردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي –ئىجتىمائىي ھاياتىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدىمۇ مۇرەككەپ بىر ئەھۋالنى شەكىللەندۈرگەن. جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تەركىبىگە كىرگەن خەلقلەرنىڭ9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن نىسبىي مۇستەقىل ئۈچ خانلىققا بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋەبۇلارنىڭ تارىخىي , ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان تەرەققىيات يولىغا مېڭىشى بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىككى خىل ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن, يەنى بۇددا ۋە مانى دىنلىرى ھەم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى(شۇنداقلا گەنجۇ ئۇيغۇرمەدەنىيىتى) بىلەن ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپ- پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىكى قاراخانىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تامامەن ئايرىم تەرەققىيات يولىغا ماڭغان. ئەمما , مەيلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى(شۇنداقلا گەنجۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى) بولسۇن ياكى قاراخانىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولسۇن ئەسلىدىكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن , جۈملىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىدىن تايماي تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇرلارمىلادىيە 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قارا قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا , 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن تەخمىنەن ئۈچ ئەسىرگىچە موڭغۇللارنىڭ( جۈملىدىن تۈركلەشكەن موڭغۇللارنىڭ موغۇللارنىڭ) ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان . بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىدە ۋە مەدەنىي ھاياتىدا يەنە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن. ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىلار خانلىقى دەۋرىدىكى كەسكىن ھاكىمىيەت چېگرىسىنى يوقىتىپ, ئۆزئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىپ, دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئىسلام دىنىغا ئومۇمىيۈزلۈك ئېتىقادقىلىشقا باشلاپ, كەڭ زېمىن ئىچىدە پەيدىنپەي مەدەنىيەت بىرلىكىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇپ, بىرقەدەر ئورتاق بولغان مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . مۇشۇنداق تارىخىي شارائىتتا, مىلادىيە 1514 - يىلى سەئىدخان يەركەننى پايتەخت قىلغان سەئىدىيەخانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ خانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە ئەمەلىي باشقۇرغان زېمىنى شەرىقتە قۇمۇلغىچە, غەرىبتە پامىرغىچە, شىمالدا بالقاش كۆلىگىچە, جەنۇبتاكەشمىرگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان(7). مانا مۇشۇ سەئىدىيەخانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇپ(8) ھەم ئىجتىمائىي , ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە زور يۈكسىلىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن . كېيىن بۇ خانلىقنى ئاپاق خوجا جۇڭغارلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئاغدۇرۇپ , ئۆزى قورچاق خان بولغان. جۈملىدىن سەئىدىيە خانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا جۇڭغارخانلىقىغا قارام بولغان. مىلادىيە18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارنى ۋە خوجىلارنى تىنچىتىپ, پۈتۈن شىنجاڭنى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغائالغان. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغائۆتكەن ۋە يېڭى بىر ۋەزىيەت ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي , ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى كۈتۈۋالغان. ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىرپۈتۈن جەريانىنى ئۇمۇمىي نۇقتىدىن ھەم ھەرقايسى دەۋرلەر نۇقتىسىدىن چۈشىنىش ئەلۋەتتە كۆپ زېھىن تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە بۇخۇسۇستا ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۆز تارىخچىلىرىمىز ۋە باشقا مىللەت (ياكى دۆلەت)تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە باشقا تىل –يېزىقلاردا يېزىلغان ئەسەرلەر كۆپ بولسىمۇ, ئەمما ئۇلار تەتقىقاتتىكى يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن , ئەينى بىر تارىخىي پاكىتتىن پەرىقلىق يەكۈن چىقىرىپ, ئوخشاش بولمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قارىغان. گەرچە بۇنداق مەسىلىلەر ئىلىم ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تۈزىتىلىپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ , لېكىن نۇرغۇن زور مەسىلىلەرئۈستىدە يەنىلا ئىنتايىن پەرىقلىق قاراشلار ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرتارىخىغا قىزىققۇچىلاردا تولىمۇ قايمۇقۇش, گاڭگىراش پەيدا قىلىپ , ئۇيغۇر تارىخىنى ھەقىقەتكە ئۇيغۇنراق كېلىدىغان بىر ئەھۋالدا چۈشىنىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا , ئۆز تارىخچىلىرىمىز ۋە باشقا مىللەت (ياكى دۆلەت) تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە باشقا تىل –يېزىقلاردا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە , ئاندىن مەلۇم بىرتارىخىي مەسىلە ئۈسىتىدە ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. مەن يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ, ئۆز تارىخىمىزغا قىزىققۇچى كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئويلىشىپ, دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز تارىخچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرتىل-يېزىقىدا يېزىلغان ۋە باشقا مىللەت (ياكى دۆلەت) تارىخچىلىرى تەرىپىدىن باشقاتىل – يېزىقلاردا يېزىلىپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان (قىسمەن خەنزۇ تىلىدايېزىلغان ياكى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان) ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەرئىچىدىكى بىرقەدەر ئىلمىي پوزىتسىيەدە يېزىلغان دەپ قارالغان ئەسەرلەرنىڭ تىزىمىنى تۇرغۇزۇپ چىقتىم. بۇيەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى, بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىگە تارىخىي رومانلار كىرگۈزۈلمىدى. چۈنكى, تارىخىي رومانلار رومان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەدەبىي ئەسەرلەرگە مەنسۇپكى, گەرچە ئۇلارنىڭ ئەكىس ئەتتۈرىدىغىنى تارىخىي ۋەقەلەربولسىمۇ, ئەمما ئۇلارغا يازغۇچىنىڭ مۇئەييەن ھېسسىياتى, بەدىئىي توقۇلمىسى قۇشۇلۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن, ئۇلار ھەقىقىي ئىلمىي تارىخ ئەسىرى بولۇش سۈپىتىنى ھازىرلىيالمايدۇ, ئۇلارنى پەقەت تارىخنى بەدىئىي ۋاسىتە بىلەن ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئەدەبىي ئەسەر دەپلا قاراشقا بولىدۇ.


بىرىنچى, ئومۇمىي ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر :

1. <<ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى>>نى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان: <<ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە 2-نەشرى. 3. لىن گەن , گاۋزىخۇ :<< قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى >> , شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2000- يىلى 12 – ئاي ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.4. ليۇ زىشياۋ:<<ئۇيغۇر تارىخى>>, ئىككى قىسىم (جەمئىي تۆت كىتاب), مىللەتلەر نەشرىياتى 1987- يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى(1-قىسىم ئىككى كىتاپ); شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى(2-قىسىم ئىككى كىتاپ).5. ياڭ شېڭمىن :<< قەدىمكى ئۇيغۇرلار>>, شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998 – يىل ئۇيغۇرچە 1- نەشىرى.6. قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى تۇزگەن: <<ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۇركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشرى. 7. ئەنۋەر بايتۇر, خەيرىنسا سىدىق: << شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى >> , مىللەتلەر نەشرىياتى 1991 – يىل ئۇيغۇرچە1-نەشرى.8.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر, تارىخ تەتقىقات ئورنى تۈزگەن:<< شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى>>, جەمئىي ئۈچ قىسىم, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىل ئۇيغۇرچە يېڭى نەشرى.9. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى تۈزگەن:<<جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقاتى(مەجمۇئەسى)>>, جەمئىي 6قىسىم, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى, مىللەتلەر نەشرىياتى, 1998 -2013-يىللار نەشرى.10. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى نەشىرگە تەييارلىغان:<<24 تارىختىكى غەربىي يۇرت تارىخىغا دائىرماتېرىياللار>>(<<تارىخىي خاتىرىلەر>>دىن <<مىڭ سۇلالىسى تارىخى>> غىچە , جەمئىي توققۇزكىتاپ), شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2012-يىلى ئۇيغۇرچە يېڭى نەشرى.11. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەرىپىدىن تۈزۈلگەن :<<شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى>>, جەمئىي 54 قىسىم, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.12. قۇربان ۋەلى: <<بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز>>, شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى 1986-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.13. خانىدا تورۇ :<<غەربى يۇرت مەدىنىيەت تارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.14. توختى مۇزارت:<<ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئۈستىدەتەتقىقات>>, مىللەتلەر نەشرىياتى 1995-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.15. ھاجى نۇرھاجى, چېن گوگۇاڭ:<<شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنىڭ قىسقىچە تارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.16. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:<<ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى>> , شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.17. غەيرەتجان ئوسمان:<< ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.18. ئەخمەت مۆمىن تارىمى:<<ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىق تارىخىدىن بايان>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2014-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشرى. 19.رېن يىفېي , ياسىن ھوشۇر:<<ئۇيغۇرلار>>, مىللەتلەر نەشرىياتى 2014-يىلى ئۇيغۇرچە1-نەشرى.

ئىككىنچى, ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى, تۈرك خانلىقى , ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە):

1. تۇرغۇن ئالماس:<<ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى>>, قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى 2. لىن گەن: << ھۇنلارنىڭ ئۇمۇمىي تارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2004– يىلى ئۇيغۇرچە 1– نەشىرى.3. لىن گەن:<<تۈرك تارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.4.ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق:<<ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.5. بېرنىشتام:<< 6 8-ئەسىرلەرىدىكى ئۇرخۇن – يېنىسەي تۈركلىرىنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تۈزۈمى >>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.6. ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن: <<قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 - يىل ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.7. ئابدۇقەييۇم خوجا: <<غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995 - يىل ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.8.ئابلىز مۇھەممەت سايرامى:<<سۈي, تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلەر>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999 - يىل ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى. 9. ۋىلىيام مونتىگومېرى ماكگوۋېرىن:<<ئوتتۇرائاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2013 - يىل ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.10.ۋ.ۋ. بارتولىد:<<يەتتىسۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى >>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.11. ۋ.ۋ. بارتولىد:<<ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىدىن12 لېكسىيە >>, مىللەتلەر نەشرىياتى 2012-يىلى ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.

ئۈچىنچى, قاراخانىيلار خانلىقى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە):

1. ھاجى نورھاجى:<< قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1983 – يىلى ئۇيغۇرچە 1– نەشىرى.2. ھاجى نورھاجى :<<قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋەقاراخانىيلار>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001 – يىلى ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.3. موللا ھاجى:<<تەزكىرەتۇل بۇغراخان>>, ئابدۇرېھىم سابىت نەشىرگە تەييارلىغان, قەشقەر ئۇيغۇرنەشرىياتى 1988- يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.4. ۋېي لياڭتاۋ: <<قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.5. خۇا تاۋ: <<غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات>> , شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 – يىلى ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.6. رىشات گەنچ:<<قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى>> , شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1990-يىل ئۇيغۇرچە1-نەشرى.7. مەھمۇد كاشىغەرى:<<دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>>1-, 2, -3-توم, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1980-1984-يىللار ئۇيغۇرچە 1-نەشرى..8. يۈسۈپ خاس ھاجىپ:<<قۇتادغۇبىلىك>>, مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.

تۆتىنچى, ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە):

1. د.ئى. تىخونوف:<<ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2000- يىلى ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى. 2. ئا.گ. مالىياۋكىن:<<9 12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1993- يىلى ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.3. تيەن ۋېيجياڭ : << ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىدىن بايان>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى 4-ئاي خەنزۇچە 1-نەشرى.

بەشىنچى, چاغاتاي خانلىقى ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئائىتئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ بېشىدىن مىلادىيە 16-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە):

1. ليۇ يىنشېڭ:<< چاغاتاي خانلىقى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات>>, شاڭخەي قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى2011-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.2. شاڭ يەنبىڭ:<< يۇەن سۇلالىسىدىكى ئۇيغۇرلار>> , مىللەتلەرنەشرىياتى 2008-يىلى ئۇيغۇرچە1-نەشرى.3. ئابلىز مۇھەممەت سايرامى, ئابدۇرازاق توختى: <<يۇەن سولالىسىدە ئۆتكەن مەشھور ئۇيغۇر شەخسلەر>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.

ئالتىنچى, يەركەن سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن مىلادىيە 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە):

1. مىرزامۇھەممەد ھەيدەر كوراگان:<<تارىخى رەشىدى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.. .2. شاھ مەھمۇد جۇراس:<<سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار>>, قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى1988-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.3. موللامىرسالىھ كاشىغەرى: << چىڭگىزنامە >> , قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985 – يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.4. ھاجى نۇر ھاجى:<<يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.5. ۋېي لياڭتاۋ: << يەركەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن بايان>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.6. توختى مۇزارت:<<ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى>>, خەلق نەشرىياتى(بېيجىڭ) 2013-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.7. توختى مۇزارت:<<ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى>>, مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2015-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.

يەتتىنچى, خوجىلاردەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىيە 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە):

1. مۇھەممەد سادىق كاشغەرى:<<تەزكىرەئى ئەزىزان>>, نىجات مۇخلىس, شەمسىدىن ئەمەت نەشىرگە تەييارلىغان, قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988- يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.2. يۈنۈسجان ئېلى :<<17-18-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۇڭغارلارنىڭ مۇناسىۋىتى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.

سەككىزىنچى , چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىيە 20-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە):

1. مۇللا بىلال نازىمى : << غازات دەر مۈلكى چىن >>, ئۇيغۇرچە <<شىنجاڭ تەزكىرىسى>> ژورنىلىنىڭ1995-يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسى.2. موللا شاكىر:<<زەپەرنامە>>, ئۇيغۇرچە <<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>> ژۇرنىلىنىڭ1981-, -1982 يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغاننۇسخىسى.3. موللا موسا سايرامى: <<تارىخى ئەمىنىيە>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1988-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.

4. موللا موسا سايرامى: <<تارىخى ھەمىدى>>, مىللەتلەر نەشرىياتى1986-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.

5.ئا. ن. كىروپاتكىن: <<قەشقەرىيە>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1983-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى. 6. چارلىز بولگېر : <<ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987-يىلى ئۇيغۇرچە1- نەشرى. 7. سۇبېيخەي , خۇاڭ جيەنخۇا:<<قۇمۇل, تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ تارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.


توققۇزىنچى, جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(مىلادىيە1912-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە):

1. بۇرھان شەھىدى:<<شىنجاڭدىكى 50 يىلىم>>, مىللەتلەرنەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى. 2. چېن خۇيشېڭ قاتارلىقلار يازغان:<<مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭ تارىخى>>, مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى. 3. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان:<<شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى>> , مىللەتلەرنەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى. 4. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان:<<شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلارخاتىرىسى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى. 5. سەيپىدىن ئەزىزى:<<ئۆمۈر داستانلىرى>>, مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى. 6. ساۋدانوپ زاھىر:<<5-كورپۇسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلابىي مۇساپىسى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى. 7. سۇپاخۇن سوۋۇروپ:<<مەن كەچكەن كېچىكلەر>> , مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.


پايدىلانمىلار:


(1)(8) ياڭ شېڭمىن : << قەدىمكى ئۇيغۇرلار>>, شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998 – يىل 8 – ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشىرى.(2)فەن ۋېنلەن : <<جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى>> 4-قىسىم, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2009 - يىلى 10 -ئاي ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.(3) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق:<<ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچەتارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى 5-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى. (4)ليۇزىشياۋ: <<ئۇيغۇر تارىخى>>, بىرىنچى قىسىم 2 -كىتاب, مىللەتلەر نەشرىياتى 1987- يىلى10-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى.(5)(6) ھاجى نورھاجى :<<قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار>>, شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001 – يىلى 8– ئاي ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى. (7) لىن گەن, گاۋ زىخۇ: << قەدىمكى ئۇيغۇرلارتارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000– يىلى 12 – ئاي ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.

(ئەسكەرتىش: ماقالىدا كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر 1980-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرتىل-يېزىقىدا ۋە قىسمەن خەنزۇ تىل-يېزىقىدا نەشىردىن چىققان ئەسەرلەر ئىچىدىكى مەن ئۆزۈم مۇھىم ھەم زۆرۈر دەپ قارىغان ئەسەرلەر بولۇپ, بۇ پەقەت مېنىڭلا قارىشىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىمكانىيىتىمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى يەنە بەزى مۇھىم ئەسەرلەرنى كۆرەلمىگەن بولۇشۇم , بۇسەۋەبتىن ئۇلارنى بۇيەردە كۆرسىتەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن.شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە ئىمكانىيىتى بولسا تولۇقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە كېلىپ ئۆزۈم ھازىر نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بولغانلىقىمدىن , يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى يېنىمدا بولمىغاچقا, ئۇلارنىڭ ناملىرى, نەشىر قىلغان نەشرىيات ۋە نەشىر قىلىنغان ۋاقتى توغرىسىدا سەۋەنلىكلەر كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنىمۇ قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋەئىمكانىيىتى بولسا توغرىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن).


ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت زۆرۈر ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
دىۋان
ۋاقتى: 2015-7-15 17:44:33 | ئايرىم كۆرۈش
مەرھۇم ت.مۇزئارتنىڭ "ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر تارىخى" نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كەمىنە تەرجىمە قىلغان ئىدىم،  مەرھۇم ھايات چېغىدا مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى، ھازىرغىچە چىقمايۋاتىدۇ!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-15 17:46:44 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2015-7-15 17:44
مەرھۇم ت.مۇزئارتنىڭ "ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر تارىخى" ن ...

كاتتا ئىشتىن بىرنى قىلىپتىكەنسىز، سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ  بىز بىلەن تېزراق يۈز كۆرۈشكەي

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
يەر
ۋاقتى: 2015-7-15 17:49:19 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە تۇنجى ئۇيغۇر پەلىسەپە دوكتورى، تۈركولوگ تېنېشېۋنىڭ  ئوقۇغۇچىسى ياسىن ھوشۇرئەلىنىڭ  "جۇڭگودا مىق مەتبەئەنىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە دەسلەپكى تارقىلىشى — ئۇيغۇرلارنىڭ مىق مەتبەئەگە قوشقان تۆھپىسى" دېگەن ئەسەرمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىدى، بۇنىسى چۈشۈپ قاپتۇ، كەمىنە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى پۈتتۈرۈپ مىللەتلەر نەشرىياتىغا سۇنغىلى  4 يىل بولدى، مىللەتلەر نەشرىياتىدىكى يەئقۇب ئەپەندى ھازىرغىچە تەۋرىمەيۋاتىدۇ!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
5#
ۋاقتى: 2015-7-17 22:46:22 | ئايرىم كۆرۈش

جۇڭگو تارىخىدىكى ئاتالمىش <<ئۇلپان>> مۇناسىۋىتى توغرىسىدا

گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

ئەخمەت مۆمىن تارىمى

(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى, نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى )


گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا خوددى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسى بىلەن يېقىن دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقاندەك, ئاخىرقى مەزگىلدىكى تاڭ سۇلالىسى, بەش دەۋردىكى ھەر قايسى پادىشاھلىقلار(يەنى كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقى, كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقى, كېيىنكى جىن پادىشاھلىقى , كېيىنكى خەن پادىشاھلىقى, كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقى), سۇڭ سۇلالىسى بىلەنمۇ ئىزچىل قۇيۇق سىياسىي, ئىقتىساد, مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ساقلاپ, داۋاملىق ئەلچى ئەۋەتىشىپ تۇرغاندىن سىرىت يەنە ئۆزئارا سودىنى قانات يايدۇرغان.
گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى دەسلەپتە شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنى كۆزدەتۇتۇپ, تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئالاقە قىلىشنى يەنىلامۇھىم سىياسىي پائالىيىتى قىلغان. جۈملىدىن 874 – يىلى گەنجۇ ئەتراپلىرىدا ماكانلاشقان ئۇيغۇرلار گەرچە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى تېخى رەسمىي قۇرمىغان بولسىمۇ, خېشى رايۇنىدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇرلار گۈرۈھى بولۇش سۈپتىدە تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئەلچىلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقان. شۇيىلى تاڭ سۇلالىسىمۇ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەلىۋىگەبىنائەن شى زۇڭلۇنى ئەلچى قىلىپ تەيىنلەپ خېشى رايونىغا ئەۋەتكەن , ئەمما ئۇ يولداتوسۇلۇپ قېلىپ, مەنزىلگە يېتىپ بارالمىغان. 875 – يىلى, گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانى تۇڭرايوللۇق ئىسىملىك بىر كىشىنى ئەلچى قىلىپ تەيىنلەپ تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن, تاڭ سۇلالىسىمۇ گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىميىتىنى ئىتراپ قىلىپ, قاغاننىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا ئون مىڭ توپ يىپەك مال ئەۋەتىپ بەرگەن
(1)
.شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىق ئەلچىلەر ئۈمەكلىرىنى ئەۋەتىشىپ تۇرغان. <<كونا تاڭنامە>>, <<يېڭى تاڭنامە>> قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا, گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسىگەتەخمىنەن 5 قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن
(2)
.
گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى يەنە تاڭ سۇلالىسى بىلەن تويلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملىگەن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خېشى رايونىدىكى سىياسىي تەسىرىنى كېڭەيتكەن. كېيىنچە بارا-بارا قۇدرەت تېپىپ, بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ كەتكەن تاڭ سۇلالسىنىڭ ئىشلىرىغاھەر قانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئارىلىشىپ كەلگەن. <<ئەلنى ئىدارە قىلىشقاپايدىلىق ئۇمۇمىي ئۆرنەكلەر >>دە خاتىرىلىنىشىچە, مىلادىيە 902 – يىلى گەنجۇ ئۇيغۇرقاغانى تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ, ئەگەردە تاڭ پادىشاھى ماقۇل كۆرسە, تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتىدىغانلىغىنى ئۇقتۇرغان.پادىشاھ خەن ۋۇغا جاۋاپ مەكتۇپ يېزىشنى تاپشۇرغان. خەن ۋۇ پادىشاھقا: << ياۋايىلارنىڭ يۈرىكى قارا كېلىدۇ. ئۇلارغائىشىنىشكە بولمايدۇ. ئېلىمىزدە ئېسىل ئادەملەر ۋە بۇيۇملارنىڭ بارلىقىنى, شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ بەك ناچارلىقىنى, مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ چۈشكۈن ھالىتىنى كۆرگەندە, ئۇلاردا جەزمەن تاڭ دۆلىتىنى كۆزگە ئىلماسلىق تۇيغۇسى ئويغۇنىدۇ, شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئاچكۆزلۈك پەيدا بولىدۇ. ئۇلاردىن باشقا, خۇيچاڭ يىللىرى ( 841 –846 – يىللىرى ), ئۇيغۇرلارنى تاڭ ئەسكەرلىرى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئەمدى ئۇيغۇرلارمۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلمىساق بولمايدۇ. قاغانغا مەكتۇپ يازغاندا تاڭ سۇلالىسىگە ياردەم ئۈچۈن كېلىدىغان ئۇيغۇرئەسكەرلىرىنىڭ كىچىك كۆلەمدە كېلىشىگە ماقۇل بولۇپ, كەڭ كۆلەمدە كېلىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق توغرىسىدا يازغان تۈزۈكرەك بۇلارمىكىن ... >> دەپ مەلۇمات سۇنغان, پادىشاھ بۇ تەكلىپكە قۇشۇلغان
(3)
. بۇ ئاقىۋەتتە تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەل ھىراۋۇل جۇچۈەنجۇڭنىڭ قۇلىدا ھالاك بولىشىغا سەۋەب بولغان.جۈملىدىن مىلادىيە 907-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغان
(4)
.
تاڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن, ئۇنىڭ ئورنىغا كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقى( مىلادى 907 – 923 – يىللار) قۇرۇلدى. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىتتىپاقداش تېپىش يۈزىسىدىن كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقى بىلەن ئالاقە باغلىغان.ئەينى چاغدا شاجۇدىكى بەيئەتچىلەر قۇشۇنىنىڭ ھىراۋۇلى جاڭ چېڭفېڭ <<ئالتۇنتاغ دۆلىتى >> نى قۇرۇپ, كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىنى ئىتراپ قىلمىغاچقا, كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىمۇ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن يېقىنلاشقان. بۇنداق قوش تەرەپلىك ئېھتىياج ئىككى ئەلنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا ئاساس سالغان.<<كونا بەش دەۋر تارىخى>>, <<يېڭى بەش دەۋر تارىخى>>, <<بەش دەۋر تارىخىغا ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر>> قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا, گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىغا جەمئىي 3 قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن بولۇپ
(5)
, كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىھتىياجى بىلەن گەنجۇ ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەت جەھەتتىكى ئارزۇسى ئۇدۇل كەلگەنلىكتىن ئۇلار تېزلا ئورتاق تۇنۇشنى شەكىللەندۇرگەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە, جاڭ چېڭفېڭنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاكىميەت تىكلەپ خان بولىۋېلىشىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقى مۇقەررەر قۇبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ, بۇ خوشنا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا مۇقەررەر ھالدا بىر بىشارەت بەرگەن. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ, كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاسىيلارنى ( يەنى جاڭ چېڭفېڭنى ) جازالاش تەلپىگە ماقۇل بولغان. بۇنداق قىلغاندا ئۇلار ھەم ئوتتۇراتۈزلەڭلىك پادىشاھلىقىنىڭ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇرەلەيتتى, ھەم خېشى رايونىغا تەنھا خوجا بولۇش ئارزۇسىغا يىتەلەيتتى
(6)
.
مىلادى 923 – يىلى كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئورنىغا كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقى ( مىلادى 923 –936 – يىللار ) قۇرۇلدى.بۇ شىمالىي جۇڭگو رايونىدا ياشايدىغان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان شاداپىت قەبىلىسىنىڭ باشلىقى لى سۈنشۈي تەرىپىدىن قورۇلغان پادىشاھلىق ئىدى. بۇ قەبىلىنىڭ ئەجداتلىرى تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ تەيزۇڭ دەۋرىدە (مىلادى627 – 650 – يىللار) ھازىرقى جۇڭغار ئويمانلىقىدىن شىمالىي جۇڭگو رايونىغاكۆچۈرۈلگەن
(7)
, ئۇلار بۇ جايلاردا ئۇزاق زامان ياشاش نەتىجىسىدە, خەنزۇمەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ ئاساسەن خەنزۇلاشقان, بولۇپمۇ خەنزۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى قوللىنىشقا باشلىغانىدى. لى سۈنشۈي كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا, غەربىي تەرىپىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ناھايتى قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ , چېگرا رايونلاردا چوڭ سودا بازارلىرىنى ئاچقان. گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىمۇ كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقى قۇرۇلۇشى بىلەنلا 924-يىلى ئۆز ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ, سىياسىي, ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتكەن. <<كونا بەش دەۋرتارىخى>>, <<يېڭى بەش دەۋر تارىخى>>, <<بەش دەۋر تارىخىغا ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر>>قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا, گەنجۇ ئۇيغۇرخانلىقى كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىغا 13 قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن بولۇپ بۇ ئارقىلىق ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن
(8)
.
مىلادى 936- يىلى كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ 2 –پادىشاھى لى سىيۇەننىڭ كۈيئوغلى شى جىڭتاڭ ئىسيان كۆتۈرۈپ, لوياڭ شەھىرىنى ئىگىلەپ, كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ, ئۇنىڭ ئورنىغا كېيىنكى جىن پادىشاھلىقىنى ( مىلادى 936 – 946 – يىللار ) تىكلىدى. بۇ چاغدا, گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى پۇقرالىرى بىلەن كېيىنكى جىن پادىشاھلىقىنىڭ پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسى يەنىلا داۋاملاشقان.لېكىن , مۇشۇ چاغدىكى ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدىكى ھۆكۈمەت ئالاقىلىرى ھەققىدە بىرەرئىشەنچىلىك ماتېرىيال يوق
(9)
. قارىغاندا, گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى جىن پادىشاھلىغى بىلەنمۇ خۇددى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلىقلارغا ئوخشاش ئۆزئارا ئەلچى ئەۋەتىشىپ تۇرغان بولسا كېرەك. <<كونا بەش دەۋرتارىخى>>, <<يېڭى بەش دەۋر تارىخى>>, <<بەش دەۋر تارىخىغا ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر>>قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا, گەنجۇ ئۇيغۇرخانلىقى كېيىنكى جىن پادىشاھلىقىغا 8 قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ, بۇ ئارقىلىق ئۆز ئارامۇناسىۋەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن
(
10)
.
مىلادى 946-يىلى كېيىنكى جىن پادىشاھلىغى ئاغدۇرۇلۇپ, ئۇنىڭ ئورنىغا كېيىنكى خەن پادىشاھلىقى ( مىلادى947 – 950 – يىللار ) قۇرۇلدى, مىلادى 951-يىلى كېيىنكى خەن پادىشاھلىقىنىڭ ئورنىغا كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقى ( مىلادى 951 – 960– يىللار )چىقتى. تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا, گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى بۇ پادىشاھلىقلار بىلەنمۇ سىياسىي, ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە زىچ ئالاقىدە بولغان, <<كونا بەش دەۋر تارىخى>>, <<يېڭى بەش دەۋرتارىخى>>, <<بەش دەۋر تارىخىغا ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر>> قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋەدۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا, گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى خەن پادىشاھلىقىغا 2 قېتىم, كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقىغا 8 قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن
(
11)
. بۇ پادىشاھلىقلارمۇ گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ناھايىتى قويۇق ئالاقە ئورناتقان .
مىلادى 960 – يىلى كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقىنىڭ سەركەردىسى جاۋ كۇاڭيىن بيەنجىڭ شەھىرىنىڭ (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيفېڭ شەھرى) يېنىداھەربى ئۆزگىرىش قىلىپ, سۇڭ سۇلالىسىنى قۇردى.شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا جەمئىي 53 يىل داۋام قىلغان بۆلۈنمىچىلىك دەۋرى ئاخىرلىشىپ, ئاخىر بىرلىككە كەلگەن دۆلەت مەيدانغا كەلدى, بۇ چاغدا گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى سۇڭ سۇلالىسى بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى.
<<ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر>>, <<سوڭ سۇلالىسى تارىخى>>, <<سوڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەردىن تاللانما>>, << تەيپىڭ شىڭگو يىللىرىدىكى خاتىرىلەر >>قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگەئاساسلانغاندا, گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى سوڭ سۇلالىسىگە جەمئىي 28 قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن
(
12
)
. جۈملىدىن سۇڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا, يەنى مىلادى 962 –يىلى ۋە 964 –يىلى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىگە ئىككى قېتىم ئەلچىلەر ئۆمىگى ئەۋەتكەن. سۇڭ سۇلالسىمۇ مىلادى977 – يىلى جاڭ سەن باشچىلىقىدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى شاھ يارلىغى ۋەشەخسەن قاغانغا ئاتالغان نۇرغۇن سوغا – سالاملار بىلەن گەنجوئۇيغۇر خانلىقىغا ئەۋەتكەن
(
13
)
. مىلادى 980 – يىلى گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ تۆگە, ئات, مارجان, كەھرۋا, قاشتېشى سوۋغا قىلغان.مىلادى 987-يىلى گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدىكى خېلوچۈەن (ئېرغۇنا دەرياسى) ئۇيغۇرلىرى بۇ جايدا تۇرۇشلۇق بىر شاھزادىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۇڭ سۇلالىسىغا تۆت قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. مىلادى1011 – يىلى, گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدىكى چىنجو ( ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تىيەنشۈي شەھرى ) ئۇيغۇرلىرىنىڭ سەردارى سۇڭ سۇلالىسىغا كېلىپ سوۋغا – سالام تەقدىم قىلغان. مىلادى 1023 – يىلى چىنجو ئۇيغۇرلىرىنىڭ سەردارى يەنە سۇڭ سۇلالىسىغاكېلىپ, ئات ۋە باشقا سوۋغا – سالاملارنى تەغدىم قىلغان
(
14
)
.1036-يىلى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تامامەن يۇقالغاندىن كېيىنمۇ, 1042– يىلى شاجۇ ئۇيغۇرلىرى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا – سالام تەغدىم قىلغان.مىلادى 1050– يىلى شاجو ئۇيغۇرلىرى يەنە سۇڭ سۇلالىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ, قاشتېشى قاتارلىق سوۋغا – سالاملارنى تەغدىم قىلغان. مىلادى 1073 – يىلى شاجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەلچىلىرى يەنە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بيەنجىڭ شەھرىگە كېلىپ سوۋغا – سالام تەقدىم قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ 300 مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان
(
15
)
.دېمەك, بۇ چاغدا شاجۇ ئۇيغۇرلىرى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىدىكى كۈچلۈك بىر ئىجتىمائىي گورۇھ سۈپىتىدە سۇڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا, تارىخنامىلەردىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا, 998 – يىلىدىن 1024 – يىلىغىچە بولغان 20نەچچە يىل ئىچىدە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئاز بولغاندىمۇ ئالتە قېتىم بۇددا راھىبلىرىنى سۇڭ سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتىپ, بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرغان. سۇڭ سۇلالىسى بۇ راھىبلارنى ئىززەت- ئىكرام بىلەن ئوبدان كۈتىۋالغان, شۇنداقلا ئۇلارغا << نېرۋانا سۇترا >> ھەم باشقا نوملارنى ھەدىيە قىلغان
(
16)
.
ئومۇمەن, <<كونا تاڭنامە>>, <<يېڭى تاڭنامە>>, <<كونا بەش دەۋرتارىخى>>, <<يېڭى بەش دەۋر تارىخى>>, <<بەش دەۋر تارىخىغا ئائىت مۇھىم خاتىرىلەر>>, <<كىتابلار جەۋھىرى>>, <<ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر>>, <<سوڭ سۇلالىسى تارىخى>>, <<سوڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر >>, <<سوڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەردىن تاللانما>>, <<تەيپىڭ شىڭگو يىللىرىدىكى بارچەئىقلىم ھەققىدە خاتىرىلەر >>قاتارلىق تارىخىي كىتابلار ۋە دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگەئاساسلانغاندا, گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 160نەچچە يىل جەريانىداتەخمىنەن تاڭ سۇلالىسىگە 5 قېتىم, بەش دەۋردىكى كېيىنكى لياڭ پادىشاھلىقىغا 3قېتىم, كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقىغا 13 قېتىم, كېيىنكى جىن پادىشاھلىقىغا 8 قېتىم, كېيىنكى خەن پادىشاھلىقىغا 2 قېتىم, كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقىغا 8 قېتىم , سوڭ سۇلالىسىگە 28 قېتىم بولۇپ جەمئىي 60 قېتىمدىن ئارتۇقراق ئەلچى ئەۋەتكەن(ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن) ھەم باشقا شەكىللەر بىلەن كىچىك كۆلەمدە سودا قىلغان . بۇنىڭدا كېيىنكى تاڭ پادىشاھلىقى, كېيىنكى جىن پادىشاھلىقى, كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقى ۋە سوڭ سۇلالىسىگە كۆپرەك ئەلچى ئەۋەتكەن بولۇپ, نورمال ئەھۋالدا يىلدا دېگۈدەك ئەلچى ئەۋەتىپ تۇرغان, بەزىدە بىر يىلدا ئىككى, ھەتتا ئۈچ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. ئەلچىلەرنىڭ سانىدىن قارىغاندا, ئاز بولغاندا 3-5 ئادەم, كۆپ بولغاندا نەچچە ئون ئادەم, ھەتتايۈزنەچچە ئادەم ئەلچىلىككە ئەۋەتىلگەن . ئالايلۇق, 1004 – يىلى كەبىسە 9 – ئايدا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىگە 129 ئادەمدىن تەركىب تاپقان زور ئەلچىلەرئۈمىكىنى ئەۋەتىپ جەڭ ئېتى ۋە باشقا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلغان. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى, ھەر قېتىم بارغان ئەلچىلەر ناھايتى نۇرغۇن سوۋغاتلارنى تارتۇق قىلغان. مەسىلەن, 965 – يىلى 12 –ئايدا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتكەندە مىڭ تۇياق ئات, بەشيۈز توياق تۆگە, بەش يۈز كاللەك قاشتېشى, بەش يۈز جىڭ كەھرىۋا, 40 جىڭ نۈشۈدۈر, سەككىز تىزىق مارجان, مىڭ توپ چەكمەن ۋە باشقا سوۋغاتلارنى تارتۇق قىلغان. تارتۇق قىلىنغان سوۋغاتلارنىڭ تۈرى ناھايتى كۆپ بولۇپ, بۇنىڭ ئىچىدە خېشى رايۇنىنىڭ ئۆزمەھسۇلاتلىرىمۇ, غەربتىكى جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارمۇ بار ئىدى
(
17)
.
گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى بىلەن بولغان بۇنداق قۇيۇق ئالاقىسى ئىلگىرىكى ئورخۇن ئۇيغۇرخانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ داۋامى بولۇپ, مۇھىمى ئۇ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنى تېخىمۇ كوپ ئىختىسادى مەنپەئەتكە ۋە سىياسىي يۆلەككە ئىگە قىلىپ, ئۇلارنىڭ خېشى رايونىدىكى ھەر قايسى ھاكىميەتلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئورنىنى ساقلاپ تۇرالىشىغا پايدىلىق بولغان
(
18)
.
گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭ جەھەتتىن مۇنداق ئۈچ تەرەپكە يىغىنچاقلاشقابولىدۇ: بىرىنچىسى, سىياسىي مۇناسىۋەت. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى خېشى رايۇنىدا ئۆزئورنىنى مۇستەھكەملەش ھەم ئەتراپتىكى ھاكىميەتلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىش ئۈچۈن, ئاۋال ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئىرىشىشنى ئويلىغان. شۇڭا ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئالاقە قىلغان. ئىككىنچىسى, ھەربىي مۇناسىۋەت. بەزى ئالامەتلەردىن قارىغاندا, گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى بىلەن مۇئەييەن دەرىجىدە ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. بۇ ئۇنىڭ شاجۇدىكى بەيئەتچىلەر قۇشۇنى ھاكىميىتى ۋە تاڭغۇتلارغا قارشى تۇرۇشىغا پايدىلىق بولغان. ئۈچىنچىسى, سودا مۇناسىۋىتى. بۇنىڭدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى بىۋاستە گەنجۇ ئۇيغۇرخانلىقىدىن كىلىدىغان ياكى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك كىلىدىغان ئات, دۇرا – دەرمەك, ئۇنچە – مەرۋايىت قاتارلىق ماللارغا ئېھتىياجلىق بولغان.گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بولسا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كېلىدىغان يىپەك, كىيىم – كىچەك, ئالتۇن – كۈمۈش بۇيۇم قاتارلىق ماللارغا ئېھتىياجلىق بولغان. ئىقتىسادى جەھەتتىكى بۇنداق ئالماشتۇرۇش ھەر ئىككىلا تەرەپكە نىسپەتەن ناھايتى پايدىلىق بولغان.
ئۇنداقتا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھەر يىلدا دېگۈدەك ئۆزئەلچىلىرىنى نۇرغۇن سوۋغاتلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىغا ئەۋەتىشىدىكى مەقسىدى زادى نىمە? بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت مال ئالماشتۇرۇش(سودا قىلىش), يەنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى جاۋابەن تارتۇق قىلغان كاتتاسوۋغاتلار ئارقىلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئىرىشىشتىن ئىبارەت. تارىخنامىلەردەئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەلچىلىرىگە جاۋابەن تارتۇق قىلغان سوۋغاتلىرى كۆپىنچە << كىمخاب تون, كۈمۈش كەمەر, يىپەك >> دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇھەقتىكى خاتىرىلەر بەك ئاددى بولغانلىقتىن, بىز تارتۇق قىلىنغان سوۋغاتلار بىلەن جاۋابەن تارتۇق قىلىنغان سوۋغاتلارنىڭ قىممىتىنى سېلىشتۈرۈپ بولالمايمىز.ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى كۆپىنچە سىياسىي نۇقتىدىن چىقىپ, << يىراقتىكىلەرنى رام قىلىش >> نى ئويلاپ, ھەر قېتىم جاۋابەن سوۋغات تارتۇق قىلغاندا ئۇيغۇر ئەلچىلىرى تارتۇق قىلغان سوۋغاتنىڭ قىممىتىدىن ئاشۇرۋەتكەن. ئالايلۇق, تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر ئەلچىلىرىگە جاۋابەن سوۋغات تارتۇق قىلغاندا كۆپىنچە شايى, كىمخاب, دوردۇن, ھىلھىلە قاتارلىق يىپەك توقۇلمىلارنى بەرگەن. يەنە كىلىپ بۇلارنى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرلۈك ماللارنىڭ سېلىشتۈرما باھاسى بۇيىچە ھىساپلاپ بەرگەن.بۇئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا زور نەپ يەتكۈزگەن. كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقىغا كەلگەندە, جۇتەيزۇ يارلىق چۈشۈرۈپ ئەسلىدىكى تارتۇق مال سودىسىنى ئەل ئىچى سودىسىغا ئۆزگەرتكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلار خېلى نەپ ئالغان. ئۇمۇمەن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسى, بەش دەۋردىكى ھەر قايسى پادىشاھلىقلار ۋە سۇڭ سۇلالىسى بىلەن قىلغان تارتۇق مال سودىسىدا ئەل ئىچى سودىسىغا قارىغاندا زور پايدىغا ئېرىشكەچكە, مول نەپ تىگىدىغان بۇ سودىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن
(
19)
.
بۇنىڭدىن شۇنى بىلىشكە بۇلىدۇكى, گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى بىلەن بولغان ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلىش مۇناسىۋىتى ماھىيەتتە ئىقتىسادى مەنپەئەتنى پىشاڭ قىلغان بىر خىل سودا مۇناسىۋىتى بولۇپ, ئاتنى ئاساس, باشقامەھسۇلاتلارنى قۇشۇمچە قىلغان بۇنداق سودا ئەمەلىيەتتە تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئارىسىدىكى ئات – يىپەك سودىسىنىڭ داۋامى بولغان. ھالبۇكى, ئوتتۇراتۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئوردا تارىخچىلىرى قەدىمكى ئادەت بويىچە, گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سودا كارۋانلىرىنىڭ مال ئېلىپ كېلىشىنى << قاغاننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئەلچى تارتۇق ئېلىپ كەلدى >>, <<ئەلچى تارتۇق تەغدىم قىلدى >> دەپ خاتىرىلىگەن. سودا كارۋانلىرى ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن ماللارنىڭ بەدىلىگە تاپشۇرۇۋالغان تاۋارلارنى بولسا << ئوردا تەغدىم قىلغان مول سوۋغا – سالاملار>> دېگەن. ئۇلار بۇنداق خاتىرىلەشتە, ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئابرويى, ئىناۋىتىنى كېيىنكىلەر ئالدىدا يوقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلاتتى
(
20
)
. ئەمەلىيەتتە , بۇ يەردە قانداقتۇر ئاتالمىش <<تارتۇق يوللاش>> مۇناسىۋىتىدىن شەكىللەنگەن<<بېقىندىلىق>> مۇناسىۋىتى ياكى <<مەركەزگە قارام بولۇش >> مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئەلچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتى مۇنداق بىر نەچچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
بىرىنچىدىن, بۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى تېرىقچى خەلقلەر بىلەن ئەتراپتىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر – بىرىگە نەپ يەتكۈزۈشىگە پايدىلىق بولغان. جۈملىدىن خېشى ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىدىن چىقىدىغان ئات, تۆگە, كالا, قوي قاتارلىق ماللارنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن زۆرۈر بولغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىنىڭ يىپەك, ئاشلىق, چاي قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئالماشتۈرۈشقا ئېھتىياجىلىق بولغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەلقلەر بولسا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تېرىقچىلىق ۋە قاتناش ئىشلىرىدا ئىنتايىن زۆرۈر بولغان تۆگە, كالا, ئات قاتارلىق ماللارغا ئالماشتۈرۈشقا ئېھتىياجلىق بولغان. بۇنىڭدا, سودا ئارقىلىق كۆزى ئېچىلغان ئۇيغۇرلار بۇنداق ۋاستىلىك سودا ئارقىلىق مالنى مالغا ئالماشتۈرۈپ, زور پايدىغا ئىرىشىپلا قالماي, يەنە ئۆز ئىگلىكىنىڭ تەرەققىياتىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرى بولسا ئۆزىدە ئات كامچىل , بولۇپمۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر كۆندۈرگەن ئىسىل ئاتلار كامچىل بولغاچقا, يەنە كىلىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن تارتىپ سۇڭ سۇلالىسى مەزگىلىگىچە ئۇرۇش ئۆزۈلمىگەچكە, گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەقدىم قىلغان ئاتلارغا ئىرىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاتقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۇبدانلا قامدىغان. بولۇپمۇ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ جەڭ ئاتلىرى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشىدە ناھايتى مۇھىم رول ئوينىغان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بۇلىدۇكى, بۇنداق ئەلچىلىك مۇناسىۋىتى ئىككىلا تەرەپكە نىسپەتەن نەپ يەتكۈزۈش رولىنى ئۇينىغان.
ئىككىنچىدىن, بۇنداق مۇناسىۋەت يىپەك يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ, شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد, مەدەنىيەت ئالماشتۈرۈشىغا كاپالەتلىك قىلغان. گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىغا تارتۇق قىلغان سوۋغاتلىرىدىن قارىغاندا, ئات ۋە تۆگە خېشى رايۇنىنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرى بولغاندىن باشقا , پارىس كىمىخاپى, پارفىيە يىپىكى , قاشتېشى, كەھرىۋا, مارجان, نۈشۈدۈر, قىزىل تۇز, ئالماس, شىر, پىل چىشى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئۇتتۇرا ئاسىيانىڭ, جەنۇبى ئاسىيانىڭ ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ مەھسۇلاتلىرى بولۇپ, بۇ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا تەقدىم قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرق, غەرىب مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۈرۈش رولىنى ئۇينىغانلىقىنى, شۇنداقلا خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىپەك يۇلى سودىسىدا يىتەكلەش رولىنى ئۇينىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى, گەنجۇ ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ تارتۇقچى ئەلچىلىرى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد, مەدەنىيەت ئالماشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم رول ئوينىغان
(
21
)
.
ئومۇمەن, گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى تاڭ سۇلالىسى, بەش دەۋردىكى ھەرقايسى پادىشاھلىقلار ۋە سۇڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆزەتكەندە, ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان بولۇپ, سىياسىي, ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆز ئارا زىچ ئالاقە قىلىشقان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى پادىشاھلىقلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاش گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسي دۆلەت سىياسىتى بولغان. چۈنكى , بۇ مەزگىلدە گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى بارغانسېرى كۈچلىنىۋاتقان تاڭغۇتلار ۋە قىتانلارنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ, ئەگەردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى پادىشاھلىقلاربىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىماي دۈشمەنلىشىپ قالسا , ئۇ ھالدا ھەرتەرەپتىن زەربىگە ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالدا قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا گەنجو ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى پادىشاھلىقلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ يېقىن ئۆتۈشىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتتە قوللىنىلغان ئاقىلانە تەدبىر دېيىشكە بولىدۇ.

ئىزاھ:
(1) لىن گەن, گاۋ زىخۇ يازغان, ئابلەت نۇردۇن قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان: <<قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى >>, 314 -بەت , شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000 – يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.
(2) (5) (8)(10) (11) (12) (17) (21) لۇ چىڭفۇ: << گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئەلچىلىك مۇناسىۋىتى ھەققىدە >>, << مىللەتلەر تەتقىقاتى >>ژورنىلى 1999-يىللىق 3-سان.
(3) سىما گۇاڭ: << ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۇمۇمىي ئۆرنەكلەر >> 252 – جىلد , جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى 1956-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(4) (6) لۇچىڭفۇ: << ئالتۇنتاغ دۆلىتى بىلەن گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا >>, <<دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى >> 1999 – يىللىق 1 – سان ( ئۇمۇمىي 35 – سان ).
(7) <<يېڭى تاڭنامە. شاداپىتلار تەزكىرىسى>>, جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(9) (14) ئەنۋەربايتۇر, خەيرىنىسا سىدىق : <<شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى >>, 571 –597 – بەتلەر, مىللەتلەر نەشىرىياتى 1991 – يىل ئۇيغۇرچە1-نەشىرى.
(13) <<سۇڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر . قارام ياتلار (4). ئۇيغۇرلار >> , جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1957-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(15) سەي مېيبياۋ, جۇ چىڭشۇ, جۇ رۈيشى, دىڭ ۋېيجى, ۋاڭ جوڭ : << جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى >> 5-توم 216 219 – بەتلەر, شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2009 – يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشىرى.
(16) پېڭ شياڭچيەن:<< لياۋ, سۇڭ, غەربىي شيا, جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي شىمالدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەتقىقات >>, دوكتۇرلۇق ماقالىسى, خېبىي ئونۋېرسىتىتى2004 – يىلى 6 – ئاي.
(18) (19) جۇ يۆخەي:<< گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئەتراپتىكى ھاكىميەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە تەتقىقات >>, ماگىستىرلىق ماقالىسى, غەربىي شىمال پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى 2005 –يىلى 5 – ئاي.
(20) قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى تۈزگەن, ئۇيغۇر سايرانى تەرجىمە قىلغان: <<ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى>>, شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000 – يىل 3-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.

مەنبە: باغداش مۇنبىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:24 , Processed in 0.103027 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش