مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 514|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۆۋرۈكتە جۇدا بولغان مۇھەببەت فىلىمىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
بەشىنچى مەكتۇپ

ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان
تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

ئايرىلىش دەپ بىر ئىش يوق.
بۇ بىزنىڭ يالغانىمىز.
سۆيۈش بار ئەسلىدە، سېغىنىش بار، كۈتۈش بار.
ھازىر نەدىسەن؟ نېمە قىلىۋاتىسەن؟

كۈن ئاللىبۇرۇن تۇغدى.
ئويغانغان بولساڭ كېرەك.
چېچىڭنى تاراۋاتقاندا مېنى ئەسلىدىڭ، شۇنداقمۇ؟
ئۇنداق بولسا ئايرىلمىدۇق.
پەقەت ھىجراندا بىز كۈتۈۋاتىمىز.

ۋاقىتنى ئەسلىتىدىغان ھەممە نەرسىدىن نەپرەتلىنىمەن.
ئاۋۋال كۈتۈشتىن.
ئۆمۈر بويى يا ساقلاۋاتقان يا ساقلىتىۋاتقان ئادەم.
ھەر ئىككىسى چاتاق، ھەر ئىككىسى ئازابلىق تەرىپى ھاياتىمىزنىڭ.

بىر بالىنىڭ ئاۋۋال تۇغۇلىشىنى كۈتىشىدۇ،
ئاندىن مېڭىشىنى، گەپ قىلىشىنى، چوڭ بولۇشىنى...
ۋاقىت ئۆتىدۇ، ئەمدى بۇ قېتىم پۇل تېپىشىنى،
قانۇنلارغا بويسۇنۇشىنى،
ئىنسانلارنى سۆيۈشىنى، ئالدانماسلىقىنى، ئالدىماسلىقىنى كۈتىشىدۇ.

ۋە ئاندىن ئۆلۈمى كۈتۈلىدۇ ئىنسان بالىسىنىڭ.
ئۇچۇ؟ ئۇچۇ؟
ئىنسانلاردىن دوستلۇق كۈتىدۇ، سۆيگىنىدىن ساداقەت،
بالىلىرىدىن ھۆرمەت ۋە ئازراق ئارامچىلىق كۈتىدۇ،
سائادەت كۈتىدۇ ياشاشتىن.

ۋاقىت ئۆتىدۇ، بىر كۈنى ئۇمۇ ئۆلۈمنى كۈتىدۇ.
ئىزدىگەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى تاپالمىغان،
كۈتكەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كەلمىگەن بىر ئىنسان بالىسى سۈپىتىدە
كۆچۈپ كېتىدۇ بۇ دۇنيادىن.

مانا ھايات دېگەن نەرسىنىڭ جەريانى.
ياشىغاچ كۈتۈش، كۈتكەچ ياشاش
ۋە ياشىغاچ كۈتۈۋېتىپ ئۆلۈش!



سېغىنىشقا دەيدىغان گېپىم يوق.
ئۇ _ كۆمۈر ئۇۋاقلىرى ئارىسىدا يالتىرىغان بىر ئەينەك پارچىسى.
ئۇ- سۆيگۈمىزنىڭ تىنىقى، ۋېسالىمىزنىڭ مەناسى.
ئۇ- كۈتۈشلىرىمىزنىڭ بىردىنبىر گۈزەل تەرىپى.

ئىنسانىيەت دۇنياسى سېغىنىشلىرىمىز بىلەن جەلىپكار،
ھاياتىمىز سېغىنىشلار بىلەن گۈزەل.
سېغىنىشنىڭ قىرتاق بىر تەمى بار، بولۇپمۇ سېنى سېغىنىشنىڭ.
بىر ھېدى بار بارلىق گۈللەرگە تېگىشمەيمەن.
بىر نۇرى، بىر رەڭگى بار سېنى سېغىنىشنىڭ، تەسۋىرلىگۈسىز.

سەن سالغان بارلىق ئازابلارغا چىداۋاتقان بولسام؛
سېنى سېغىنغانلىقىم ئۈچۈندۇر.
كۈتۈشنىڭ قورقۇنچلۇق زەھىرى ئۆلتۈرمىگەن بولسا مېنى؛
سېنى سېغىنغانلىقىم ئۈچۈندۇر.

تىرىك تۇرغان بولسام، ئىچىمدە ئۈمىت بار بولسا،
يەنە سېنى سېغىنغانلىقىم ئۈچۈندۇر.
سېنى بۇنچىلىك سېغىنمىسام؛ بۇنچىلىك سۆيمەيتتىم!






ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:08 , Processed in 0.148763 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش