خەلق مەيدانى
تاھىر ھامۇت
ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلايدىغان دۇلدۇلدەك خەتەرلىك مەن
ئۆزۈمنى دائىم خەلق مەيدانىدا كۆرىمەن
مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بايراق خادىسى
ھەر كۈنى بىر غېرىچتىن ئىگىزلەيدۇ
تېنىمدىكى مىتال تەركىپلەر
شۈبھىلىك نەزەردە بىزنى ئۇزاقتىن بۇيان كۆزىتىپ تۇرغان پەيغەمبەرلەردەك
ئېغىرلىق پەيدا قىلىدۇ
شامال ئولىشىۋالغان بۇ راست مەيداندا
ئېھتىيات بىلەن
ناتونۇش كىشىلەر بىر بىرىگە قاراشقا
ئەمما كۆرمەسلىككە تىرىشىدۇ
تونۇش كىشىلەر بىر - بىرى بىلەن سالاملىشىشقا
ئەمما پاراڭلاشماسلىققا تىرىشىدۇ
تۇيۇقسىزلا بىرمۇنچە ئادەم ۋاراڭ - چۇرۇڭ بىلەن
يەرنىڭ تېگىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى
پۇقراچە كىيىنگەن بىر دوختۇر قەغەزنى قاتلاپ ئايرۇپىلان ياساپ ئۇچۇرماقچى بولۇپ مېنى كۆرۈپ يالتىيىپ قالىدۇ
ئەي رېئالىزمچى يۈزلەر
ئەي رومانتزمچى كۆزلەر
ئەي ناتۇرالىمچى ھېلىقى يەرلەر
مېنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىمگە يانتاياق بولغان خىجىللىقىم
كۆمۈلۈپ قالغان قىزىقىشلىرىم
كېتىش ياكى تۇرۇشقا باغلانغان تەشۋىشلىرىم
ھەممىسى مۇشۇ خەلق مەيدانىغا جەم بولغاندا
بىر تال چېچىم قولۇمغا چۈشىدۇ
خاتىرە مۇنارىدىكى ئاشۇ قاپارتما ھەيكەللەر!
سومكىسىغا ئاق ياغلىق سېلىۋالغان ئاشۇ كىچىك قىزلار !
جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئايالنىڭ ساڭگىلىغان ئاشۇ ئېڭىكى !
ئەجەبا ئاجراپ كەتكەن ئېڭەكنى مەن تاڭامدىمەن ؟
پۇقراچە كىيىنگەن دوختۇرنىڭ كەتكىنىنى
چاۋاك چالغاچ يۈگرەۋاتقان ھالىتىنى كۆرمىدىڭلارمۇ ؟
مەن كۆردۈم ۋە چارلىغۇچى ئەسكەرلەرمۇ كۆردى
سىلەر نېمىشقا كۆرمەيسىلەر؟
سىلەر ئۇنىڭ بېشىغا قاراڭلار
بۇنداق مەيداندىن كېتىشكە
ئەمەلىيەتتە بىر ئادەم ئۈچۈن ئاياق بىلەن باشنىڭ پەرقى يوق
بىر چاغلاردا
بۇ مەيداننىڭ بۇرجىكىدىكى دەرەخلىكتە
ئۆلۈپ كېتىدىغان بىر ئايال بىلەن ئۇزۇن سۆيۈشكەنىدىم
مانا ئەمدى
مەيداننىڭ چېتىدىكى كونا تەختتە ئولتۇردۇم
ۋە شۇنداق خىيال ئاغزىمدىن چىقتى :
بۇ خەلق مەيدانىدا
بۇ مۇقەددەس جايدا
كۈن تىكلەشكەن بۇ پەيتتە
كۆلەڭگەڭگە قايت ئەي ئايالى ئۆلۈپ كەتكەن
بىچارە پادىشاھ !
ھەممە يەردە خەلق مەيدانى بار
لېكىن ھەممىلا يەردە ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلايدىغان دۇلدۇل يوق
2015 ــ يىل 25 - ئىيۇن
人民广场
人民广场
塔依尔.哈木提
我很危险,就像站着睡的神马
常常在人民广场遇见自己
广场中间的旗杆每天长高一乍
身体里的金属成分
就像以怀疑的目光观察我们的
那些先知
产生重量
风聚集的这座真实的广场上
小心翼翼地
陌生的人彼此瞧瞧
但努力避免互相看见
相识的人彼此问候
但努力避免互相谈话
突然有一群人喧哗着
从地里长出
他们中间
有一个便衣医生叠作一个纸飞机
就要抛向天空时看见我就收手
瞧这些脸庞,都是现实主义者
瞧这些眼睛,都是浪漫主义者
瞧那些隐私之处,都是自然主义者
我那伴随虚荣心的羞耻心
我那被深深埋藏的好奇心
我那关联到去留的忧郁之心
都聚集在人民广场时
一根头发飘落到我的手掌上
纪念碑上的那些浮雕!
手提包里塞着白头巾的那些小姑娘!
弥留之际的女人下垂的那个下巴!
难道我来兜绑分裂的下巴?
你们没有看见便衣医生已经离开?
没有看见他鼓掌着小跑的姿势?
我看见了,那些巡逻兵也看见了
你们为什么没有看见?
你们该瞧瞧他的头
要离开这种广场
其实,对一个人,头和脚没有什么区别
从前
在这广场角落的树林里
我和一个就要死去的女人接过长吻
而今天
我就坐了广场边上考旧的宝座
并且,这样的意念脱口而出:
在这人民广场
在这神圣之地
在这立日之时
你这个亡妻的可怜的国王
回归你的影子里吧!
到处都有人民广场
但不会到处都有站着睡的神马
2000年6月25日,乌鲁木齐
|