مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 739|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تىلىمىزدا يېڭى پەيدا بولغان «مۇ» قوشۇمچىسى بىلەن «ھەم» سۆزنىڭ خاتا ق...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

61

يازما

268

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
268
تىلىمىزدا يېڭى پەيدا بولغان «مۇ» قوشۇمچىسى بىلەن «ھەم» سۆزنىڭ خاتا قوشۇلۇش ھادىسىسى

قومۇل تارانچىدىن ئىسكەندەر جېلىل


يېقىنقى مەزگىللەردە، ئېنتېرنېت تورلىرىدا ۋە ئەدەبىي شئېرلاردا «مەنمۇ ھەم بارىمەن»، «سېنىمۇ ھەم سېغىندىم» دېگەندەك خاتا تىلقۇرمىلىق (گرامماتىكىلىق) سۆزلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلاۋاتىدۇ. مەسىلەن، زامانىدىن پاكزات ئەپەندىنىڭ «كۈتۈش» ناملىق شېئىرىنىڭ بېشى مۇنداق:
قىيىن ئەمەس كۈتۈشلەر دائىم،
كېلەلمەيسەن ئەمما يامان.
ئازاپ ئەمەس سېغىنىشمۇ ھەم،
كۆرەلمەيمەن ئەمما يامان.
بۇ شىئېرغا مەمتىمىن مامۇت مۇزىكا ئىشلىگەن، داڭلىق ناخشىچىمىز نۇرنىسا ئابباس ناخشا ئوقۇغان. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە زامانىدىن پاكزات ئەپەندىنىڭ تالانتىدىن گۇماللانغىنىم يوق، مەن پەقەت ئاشۇنداق بىر خاتا ھادىسىنىڭ تىلىمىزدا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىغا بىر مىسال ئالماقچى خالاس.  
يۇقارقى جۈملىلەر ئەسلى: «مەنمۇ بارىمەن» ياكى «مەن ھەم بارىمەن»؛ «سېنمۇ سېغىندىم» ياكى «سېنى ھەم سېغىندىم»؛ «سېغىنىشىم ھەم» ياكى «سېغىنىشىممۇ» دەپ ئېلىنسا مۇۋاپىق بولۇر ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر تىلىدا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، ھەتتاكى باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىدىمۇ «مۇ» قوشۇمچىسى بىلەن «ھەم» سۆزنى تەڭ قوشۇپ ئىشلىتىدىغان ھادىسە يوق. بۇ ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تۆۋەندىكىلەردىن كۆرۈش مۇمكىن:
1. ھازىرقى ئۆزبىك ناخشا- مۇزىكىلىرى ۋە كىنو- تېلېۋىزىيەلىرىنىڭ تەسىرىدىن، ئۇيغۇرلاردىكى «ھەم» سۆزىنىڭ ئىشلىتىلىش چاستوتىسى يۇقىرىلاپ ماڭماقتا، لېكىن ئۇيغۇرچە ئالاھىدىلىكنى تاشلاپ قويۇشقا كۆزى قىيمىدىمۇ، ئەيتاۋۇر «مۇ» قوشۇمچىسىنىمۇ تەڭ ئىشلەتكەن. نەتىجىدە «مەنمۇ ھەم سېنى...» دېگەندەك خاتا تىلقۇرمىلىق ھادىسە كۆرۈلگەن؛
2. بەزى شائىرلارنىڭ شىئېرلىرىنى ۋەزىنگە ۋە قاپىيەگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، «سېغىنىشمۇ ھەم» دېگەندەك مىسرالارنى بارلىققا كەلتۈرگەن؛
3. يەنە بەزى ئۇيغۇرلار سۆزلىرىگە «پاساھەت» بېرىش ئۈچۈن، «سۆيگۈممۇ ھەم» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن؛
4. چاغاتاي تىلىدا «ھەم» سۆزىنىڭ ئىشلىتىلىش چاستوتىسى سەل يۇقىرى، شۇڭا يەنە بەزى كىشىلەر سۆزلىرىگە «قەدىمىي تۈس» بېرىش ئۈچۈن، «ھەم» سۆزىنى ئىشلەتكەن، لېكىن ئەتراپتىكى قايمىقۇشنىڭ تەسىرىدىن ياكى ۋەزىن تولۇقلاش مەقسىتىدە،   ئاشۇنداق قوشما ھالەتتە ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

ئەپسۇسكى، قەدىمكى تىللىرىمىزدىمۇ بۇنداق «سەنمۇ ھەم» دەيدىغان تىلقۇرما شەكلى يوق. مىسال ئالساق، 2011-يىلى نەشىردىن چىققان، فاكسىمىل نۇسخىسىمۇ تەڭ بېرىلگەن «چاھار دەرۋىش» ئەسىرىگە نەزەر سالساق، بۇنداق خاتا تىلقۇرما شەكلىنى قەتئىي ئۇچرىتالمايمىز. نەقىل:  
ئۇلار تەكلىپ قىلىپ تۇرۋالغانلىقى ئۈچۈن مەن ھەم بىر مۇنچە ئىچتىم. (68-بەت)
مەن ھەم قان ياشلىرىمنى تۆكەتتىم، ئۇ شېرىن سۆزلۈك سەرگۈزەشتىسىنى تامام قىلغاندىن كېيىن: (77-بەت)
توفان بالاغا دىلدىن بەردىم جان ھەم
چۈن سەل كېلىپ ئالدى ئۆيۈمدىن ھەمە غەم. (78-بەت)
كىيىك ئۇلاردىن قېچىپ مېنىڭ تەرىپىمگە يۈزلەندى. مەن ھەم ئېتىمنى چاپتۇرۇپ بېرىپ ئۇنىڭغا سىرتماق تاشلىدىم، ماڭا ھەم تۇتۇق بەرمەي باياۋان تەرەپكە كەتتى. (84-بەت)
- مېنى ھەم ئېلىپ بېرىڭلار، دېدىم مەن،- (104-بەت)
دېمەك، مەيلى قەدىمدە بولسۇن ياكى باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىللىرىدا بولسا، بۇنداق خاتا ھادىسە قەتئىي كۆرۈلمەيدۇ. ئۆزبىكلەرمۇ «مەن ھەم بارىمەن» دەيدۇ، ھەرگىز «مەنمۇ ھەم بارىمەن» دېمەيدۇ. چۈنكى «مۇ» بىلەن «ھەم» ئوخشاش مەنالىق سۆز، بۇنداق قوشۇپ ئېيتىش «مەنمۇمۇ بارىمەن» ياكى «مەن ھەم ھەم بارىمەن» دېگەندەك ئارتۇقچە بىر تەكرارلىنىشتۇر.
بەلكىم بەزى تىلچىلار «بۇ ھادىسە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات ھادىسىسى، خاتالىق ئەمەس» دەپ تۇرۋېلىشى مۇمكىن. لېكىن تىلنىڭ تەرەققىياتى چوقۇم شۇ تىلنىڭ يىلتىزى ئاساسىغا قۇرۇلۇشى كېرەك، يىلتىزىدا يوق ھادىسە ياكى قەدىمكى تىلدىمۇ يوق، ئەتراپتىكى تۈركىي تىللاردىمۇ يوق ھادىسىلەر ھەرگىزمۇ تىلنىڭ تەرەققىياتى ئەمەس، بەلكى بۇزۇلۇشىدۇر. مانا مۇشۇنداق كىچىك ۋە ئۇششاق خاتالىقلار تىلىمىزغا يىغىلىۋەرسە،يەنە يۈز يىلدىن كېيىن، كەلگۈسى ئەۋلاتلار بىز ھازىر يېزىۋاتقان ئەسەرلەرنى ئوقۇيالمايدىغان كۈلكىلىك ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ.
شۇڭا، ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتكۈچى قېرىنداشلارنىڭ كىچىك بولسىمۇ مۇشۇنداق خاتالىقلاردىن ساقلىنىش ئاساسىدا يازما يېزىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:07 , Processed in 0.056395 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش