مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 252|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىر تال چاچ---- ئادىل تۇنىياز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-5-18 21:20:07 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
بىر تال چاچ
ئادىل تۇنىياز  


ياستۇقۇمدا بىر تال چاچ

ئېزىپ كەتتىم ئوقۇغاچ .

تۈن كېچىدىن چىقماقتا

چاچنىڭ رەڭگى قاتمۇ قات .


ئۇزاق ئۇزاق سۆزلەيدۇ

چاچنىڭ تىلى سۈكۈنات .

كېچەم سىنى كۆرمەيدۇ

مېنىڭ قەلبىم توكۇر ئات .


بىر تال چاچنى پۇرايمەن

تونۇش گۈلدەك قىلىدۇ .

ھاياتىمنى پۇرايمەن

قاپقارا ھىد كېلىدۇ .


چاچتەك تال تال خىيالىم

يار بويىغا ئېسىلغان .

يار چېچىنى دار دېدىم

مەن شۇ دارغا ئېسىلغان .


بىر تال چاچنى سۆرەيمەن

تۈندىن تۈنگە چىقالماي .

ئۇيغۇر تىلى دېرىزەم

توساتتىنلا چىقتى ئاي .


2010-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:24 , Processed in 0.054104 second(s), 25 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش