ئايمۇھەممەد ساھىبى ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى
سادىر تۇرسۇن نىياز
1984–يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن ئايمۇھەممەد ساھىبى ھازىرغىچە بىر تۈركۈم نادىر ھېكايە-پوۋېستلىرىنى خەلققە تەقدىم قىلدى. ئايمۇھەممەد ساھىبى ئەسەرلىرىدە ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكان خوتەن دىيارىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى رېئاللىقى، شۇنداقلا بۇ دىياردا ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەت، خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ ياشىغان، ياشاۋاتقانلارنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، رېئال مەسىلىلەر بەدىئىي كەڭلىكتە تەسۋىرلەنگەن، ناچار ئىللەتلەر قامچىلانغان.
ئايمۇھەممەد ساھىبى ئەسەرلىرىنى تېما جەھەتتىن دېھقانلار تۇرمۇشى ۋە يېزا مائارىپ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلانغان ئەسەرلەر، تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەر، ھەجۋىي ئەسەرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ «ھاكىم كەپىسى»، «ئاچچىق ئالما»، «بۇ يەرنىڭ سوغۇقى قاتتىق»، «خەير–خوش جىگدىلىك»، «قاياش»، «يۈك» قاتارلىق ھېكايىلىرىدە 20–ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى يېزىلارنىڭ ئەھۋالى، دېھقانلار تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولسا، «تونۇردا»، «بىرنى بىر دېگۈلۈك» قاتارلىق ھېكايىلىرىدە ئىلگىرى خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىنىدۇ. «تار كوچا»، «ھارۋىكەش ناخشىسى» پوۋېستىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ۋە زىيالىيلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ناچار مەنىۋى ئىللەتلەر قامچىلانغان.
ئايمۇھەممەد ساھىبىنىڭ تېما، مەزمۇن جەھەتتىن مۇشۇنداق كۆپ تەرەپلىمە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى مۇنداق: بىرىنچى، پېرسوناژلار خاراكتېرى ئۆزگىچە ۋە جانلىق يارىتىلغان. ئاپتورنىڭ ھەر بىر ئەسىرىدە مۇئەييەن پېرسوناژلار ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوي–خىيالى، ئارزۇ–ئارمىنى، مەنىۋىيىتى قېزىپ چىقىلغان. مۇشۇ ئاساستا پېرسوناژلار مۇكەممەل ۋە جانلىق يارىتىلىپ، خاراكتېر جەھەتتىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىنغان. ئۇنىڭ «ھاكىم كەپىسى» ناملىق ھېكايىسىدىكى بوۋاي ئاق كۆڭۈل ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن بولسا، «ئاچچىق ئالما» ھېكايىسىدىكى ئالمىچى ئوبرازى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئورۇنلۇق گەپ–سۆز ۋە ئىش–ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزىگە تارتىشقا ماھىر ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. «بۇ يەرنىڭ سوغۇقى قاتتىق» ھېكايىسىدىكى بەختاخۇنمۇ تۇرمۇشنىڭ قاتتىق سىنىقىغا، يوقسۇزلۇقنىڭ موھتاجلىقىغا چىدىسىمۇ، لېكىن ئىززەت–ئابرۇيىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا يول قويمايدىغان غۇرۇرلۇق ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. «تار كوچا» پوۋېستىدىكى جامالىدىن قۇياشى كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئىجادىيەت سېپىگە سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، ئىجادىيەتچىلەرنىڭ نوپۇزىنى يەرگە ئۇرىدىغان ساختىپەزلەرنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنسە، «ھارۋىكەش ناخشىسى» پوۋېستىدىكى جۈمە شامال كەچمىش كەچۈرمىشلەرگە باي، دۇرۇس ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن.
ئىككىنچى، خوتەن تارىخىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرا ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، خوتەنلىكلەرنىڭ راستچىل، سەمىمىي پىسخىكىسى نامايان قىلىنغان. «بىرنى بىر دېگۈلۈك» ھېكايىسىدە خوتەنلىكلەرنىڭ سەمىمىي، راستچىل روھىي دۇنياسىنى تىپىك ۋەقەلەر ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. ئاپتور بۇ ھېكايىنى يېزىشتا«بىرنى بىر دېگۈلۈك» ناملىق رىۋايەتتىن پايدىلانغان بولۇپ، ئەسەرنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن تىپىك بولغان تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۆزى گۆدەك بولسىمۇ، قەلبى راست سۆزلۈك شىرئەلىخان ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ، كىشىلەرنى راست سۆزلۈك بولۇشقا دالالەت قىلغان. شىرئەلىخان ھېكايىنىڭ تۇرمۇش رېئاللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى ئاساسى ئوبراز. ئۇ توقۇلما ئاساسىدا يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا خوتەن خەلقىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان خاراكتېرى مۇجەسسەملەنگەن.
ئۈچىنچى، ھەجۋىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرمۇ ئايمۇھەممەد ساھىب ئىجادىيىتىدە مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ھەجۋىي خۇسۇسىيەت «تار كوچا»، «ھارۋىكەش ناخشىسى» ناملىق پوۋېستىنى مەركەز قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىق، ماختانچاقلىق، دورامچىلىق قاتارلىق ئىللەتلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ھەجۋىي قىلىنغان، قامچىلانغان. «خۇمار» ئايمۇھەممەد ساھىبىنىڭ ھەجۋىي پۇرىقى كۈچلۈك ھېكايىلىرىنىڭ بىرى. ھېكايىدە ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ھەۋەس قىلىدىغان، ئەمما ھەۋىسىگە يارىشا نەتىجە قازىنالمىسىمۇ، ئۆزىنى يەنىلا ئىجادىيەت ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شەخس دەپ ھېسابلايدىغان ماختانچاق، مەمەدان ئوبرازىنى يارىتىپ، تۇرمۇشتىكى مۇشۇنداق ئېقىمغا تەۋە كىشىلەرنى تەنقىد قىلغان.
«تار كوچا» پوۋېستى ئايمۇھەممەد ساھىبىنىڭ ھەجۋىي ئەسەرلىرىدىكى يۇقىرى پەللە ھېسابلىنىدۇ. پوۋېستتا ئەدەبىي ئىجادىيەت كوچىسىغا ئۆز ماھارەت-ئىقتىدارى، بىلىمى، تالانتى بىلەن ھېسابلاشماي كىرىپ قېلىپ، نەتىجە قازىنالمىغاننىڭ ئۈستىگە بۇ كوچىدا مېڭىشتىن توختىماي، بۇ كوچىنى تار كوچىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان شۆھرەتپەرەس، ئابرۇيپەرەس كىشىلەر قاتتىق قامچىلانغان. پوۋېستتا يەنە تارىمى، خۇشخۇي، ۋولقانى، ئوغۇزى، گۈلخانى، سەكپارى، ئۆركىشى، دېھقانى، خەنجىرى، قۇتيارى تەخەللۇسىدىكى قەلەمكەشلەر ياندىن مەيدانغا چىقىرىلىپ، ئەدەبىيات قوشۇنىدىكى ئادەم كۈچى، ئەقلىي كۈچ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقىغا بولغان ئېچىنىشى ئىپادىلەنگەن.
تۆتىنچى، تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك. ئايمۇھەممەد ساھىبىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى پېرسوناژلار تىلىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر قوللىنىلىپ، كىتابخانلار ئەسەرگە جەلپ قىلىنغان. ئۇنىڭ «ھاكىم كەپىسى» ھېكايىسىدە تەسۋىرلەنگەن بوۋاي ئوبرازى، «ئاچچىق ئالما»، «بۇ يەرنىڭ سوغۇقى قاتتىق» ھېكايىسىدىكى «مەن» قاتارلىقلارنىڭ تىلىدا ئايمۇھەممەد ساھىبىنىڭ تىل ئىشلىتىشتىكى ماھارىتى نامايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئوبرازلارتىلىدا دەۋر رېئاللىقى، پېرسوناژلار خاراكتېرى ئىپادىلەنگەن.
|