|
بىر مايمۇن دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا چېپىپ يۈرگىنىدە، كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بېرىپ ، قىلىچتەك بولۇپ قالغان بىرتال سۇنۇق شاخ ئۇنىڭ قارنىنى بۆسۈپ، خىلىلا يارىلاندۇرۇپتۇ، مايمۇننىڭ ئۈستى -بېشى قانغا مىلىنىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ، ئۇ ئورمانلىقتا ئۇچرىغان ھەممە مايمۇنغا تۈكلىرىنى قايرىپ، يارىسىنى كۆرسىتىپ : قارا بۇنىڭغا، يارا ئېغىزى بەك چوڭ، بۇ يەر بەكلا ئاغرىۋاتىدۇ ..دېيىشكە باشلاپتۇ. ئۇنىڭغا ئۇچرىغان ھەربىر مايمۇنمۇ، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپتۇ، تەسەللىي بېرىپتۇ ھەمدە ھەربىرى ئۆزى بىلىدىغان رېتسىپلارنى ئېيتىشىپتۇ.
لېكىن ھېلىقى مايمۇن، يەنىلا كۆرگەنلىكى مايمۇنلارغا يارىسىنى كۆرسىتىپ، دەردىنى تۆكۈپ، مەسلىھەتىنى ئېلىپ يۈرۈۋېرىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بىركۈنى يارىسى يۇقۇملانغانلىقتىن ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
ئورمانلىقتىكى بىر قىرى مايمۇن، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن ئېچىنىپ تۇرغان باشقا مايمۇنلارغا شۇنداق دەپتۇ :
- ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈردى !
قىرى مايمۇن توغرا دەيدۇ.
تۇرمۇشتا قەلبى يارىلانمايدىغان ئادەم يوق، شۇڭا ئازابلىرىڭىزنى پىشانىڭىزغا يېزىۋېلىپ، سازايى قىلىشىڭىزنىڭ ئورنى يوق، چۈنكى ئۇنى ھېچكىمنىڭ ئۆزى خالاپ ئوقۇغۇسى يوق. ئازابلىق ئىشلارنى ھەر قېتىم تىلغا ئالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ جاراھىتى بىر قېتىم قانايدۇ. ئەڭ ياخشسى ھەربىر ئادەم ئامالنىڭ بارىچە قەلبىدىكى جاراھەتلىرىنى ئۈن -تىنسىز داۋالىشى كېرەك، مانا بۇ ياشاشنىڭ ھەقىقىي تەمىنى تېتىش ھېسابلىنىدۇ، بۇ جەرياندا روھىڭىز تاۋلىنىدۇ.
سىز يەنە داۋاملىق قەلبىڭىزدە پىنھان تۇتۇشقا مۇناسىپ ئازابلىرىڭىزنى كۆرگەنلىكى ئادەمگە سۆزلەپ يۈرەمسىز؟ يەنە دوستلار چەمبىرەكلىرىدە سازايى قىلامسىز؟ مەنچە يەنىلا، خۇشاللىقىڭىزنى ئورتاقلىشىپ، ئازابلىرىڭىزئۈچۈن شېرىك ئىزدىمەڭ. تەسەللىيگە خۇمار بولۇپ قىلىش ، سىزنى ئۆلتۈرمىسۇن ...
- تاشپولات روزى ئەزىز خاتىرىسىدىن
* |
|