مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
ئىگىسى: ئەركمان
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تارىم دادخاھ ھەقىدە ھېكايە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
11#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-16 20:49:01 | ئايرىم كۆرۈش
ھېكايىگە خاتىمە ئورنىدا
(تارىم دادخاھ بىلەن گۆھەربانۇمنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسى)
ھىجران فرانسوۋا

تارىم دادخاھ مىلادى 1900-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى خوتەننىڭ  كېرىيە ناھىيىسىدە بىر تۈگمەنچى ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن (بۇ يىل توپ-توغرا 108 ياشقا كىرىدۇ). ئەسلى ئىسمى تارىم، دادخاھ دېگىنى تارىم دادخاھنىڭ دادىسى ھاشىم تۈگمەنچىدىن نەچچە ئەۋلاد ئىلگىرىلا ئۇلارنىڭ جەمەتىگە سىڭىپ قالغان ئاتالغۇ ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا دادخاھ دېگەن بۇ ئىسىمنى بەزىلەر "لەقەم" دەپ چۈشەندۈردى، يەنە بەسىلەر "نەسەب نامى" دېگەن بولدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، "دادخاھ" دېگەن بۇ سۆز بۇ جەمەتكە نەچچە ئەسىر ھەمراھ بولۇپ كەلدى. سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا، تارىم دادخاھنىڭ گوھەربانۇم بىلەن تونۇشىشىمۇ دەل مۇشۇ "دادخاھ"نىڭ خاسىيىتىدىن بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئالاھازەل ئازغىنا كەم بىر ئەسەر ئىلگىرىكى ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى. تارىم دادخاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان قىران چاغلىرى بولسا كېرەك، بۈگۈنمۇ ئىلگىرىكى ئادىتى بويىچە بېلىگە ئىككى زاغرىنى تۈگۈپ دولىسىغا كەتمىنىنى سالغىنىچە قۇم سايدىكى يەرگە سۇ ئېچىش ئۈچۈن گوھەربانۇملارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى يولدىن ئۆتۈپ قالدى. گۆھەربانۇم رېسىدە بولۇپ تولغان چاغلىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك ئىككى مەڭزى، سەدەپتەك چىشلىرى، ياشلىق ئۇچقۇنى چاناپ تۇرغان سېھىرلىك كۆزلىرىنى كۆرگەن  ئەركەك زاتىنىڭ خېلى كۈنلەرگىچە ئۇيقۇسى ھارام ئىدى. ئۇنىڭغا نى-نى يىگىتلەر ئىچ-پەش تارتىپ باققان بولسىمۇ، بىراق ھەممىسىلا ئۈمىدسىز قېلىشقان ئىدى. بىراق تارىم دادخاھچۇ؟ گۆھەربانۇمنىڭ تارىم دادخاھنىڭ بۇ يولدىن ئۆتىشىنى ساقلاپ تۇرغىنىغا ئىلگىرىكىدەكلا خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغان ئىدى. مانا بۈگۈن تارىم دادخاھ بۇ ئالدى تەرەپتىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ تۇرقى خۇددى گۆھەربانۇم ئىلگىرىكى قېتىملاردا ئوغرىلىقچە كۆزەتكەنگە ئوپمۇ-ئوخشاش، شۇ قەدەر بىپەرۋا ئەمما ئاجايىپ مەردانە، ئۇ نىمىلەرنىدۇ غىڭشىپ ئېيتىۋاتقاندەك ئىدى، ئەمما ئۇنى گۆھەربانۇم زادىلا ئېنىق ئاڭلىيالمىدى.
-- بىر ئەسىر داۋام قىلغان مۇھەببەت! -- بۇ گۆھەربانۇمنىڭ ئاۋازى ئىدى. تارىم دادخاھ ئۇنىڭغا يېقىنلاپلا قالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە گۆھەربانۇمغا بۇ سۆزنى ئېغىزدىن چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەن كۈچ-قۇدرەتنىڭ نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى بىر ياراتقان ئىگەم بىلمىسە، بۇنىڭغا گوھەربانۇمنىڭ ئۆزىمۇ جاۋاب بېرەلمەيتتى.
-- ھوي، گوھەرخانكەنغۇ بۇ! مەندە بىرەر ئىشىڭ بارمىتتى، گۆھەر! -- دېدى تارىم دادخاھ پەرۋاسىزلا.
-- ياق! ...ياق!... -- گۆھەر ھولۇققىنىدىن ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قېلىپ ئاران دېگەندە -- "دادخاھ" دېگەن نېمە گەپ بۇ؟-- دېگەننىلا ئېغىزىدىن چىقىرالىدى.
-- ھەي گۆھەر!.. ھەي گۆھەر!... مېنى يولۇمغا ماڭغىلى قويماي، ئەجەب بىر سوئالنى سورىدىڭ-يا ئادەمدىن، ھە راست بۇ سوئالغا تاغام كەنجى دادخاھ جاۋاب بېرەلەيدۇ. مەن تاغامدىن سوراپ ساڭا جاۋاب بېرەي گۆھەر! -- تارىم دادخاھ سۆزىنى تۈگىتىپلا خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يولىغا راۋان بولدى. گۆھەر تۇرغان يېرىدە ھاڭۋېقىپ خېلى ئۇزۇنغىچە مىدىر-سىدىر قىلماي تۇردى. تارىم دادخاھ گەرچە ئۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئۇ ئېسىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن ھېلىلا بولۇپ ئۆتكەن ئىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نەقەدەر قەيسەرلىك كۆرسەتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ يۈردى. ئۇنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ، چىشلىرى تامامەن تۆكۈلۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر ئەسىر بولاي دېگەن ئاشۇ ئىش ئۇنىڭ ھېلىھەم خۇددى تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا ئېسىدە، مۇشۇ قىش-ياز، باھار-كۈز، قار-يامغۇر بوران-چاپقۇن بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتكەن بىر ئەسىرگە يېقىن ئۆمرىدە ئۇنىڭغا بىردىن-بىر تەسەللى بولۇپ كەلگەن، ھەتتا بۇ ئۇنىڭغا ئۆزىدىن پەخىرلىنىدىغان بىردىن-بىر روھىي ئوزۇق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. كۈنلەر ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى، گوھەربانۇم بولۇپ ئۆتكەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيدۇ. بىراق تارىم دادخاھنىڭ "ھەي گۆھەر!... ھەي گۆھەر!" دېگىنى ھېلىمۇ ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ.
شۇ ئىش بولۇپ نەچچە كۈندىن كېيىن تارىم دادخاھ گۆھەربانۇمنى ئىزدەپ كەلدى. كېيىنكى خاسىيەتلىك كۈنلەر توغرىلىق جىق توختالغۇم يوق، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تارىم دادخاھمۇ سۆيگۈنىڭ سىرىتمىقىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى (خۇدا ئۇنداق كۈننى بەندىسىگە كۆرسەتمىسۇن!...)، شۇ كۈنلەردە بۇلارنىڭ ئىشىنىڭ شەپىسىنى بىلىپ قالغان گۆھەربانۇمنىڭ دادىسى سەلىم ياپسا گۆھەربانۇمنى قورۇغا سولىۋېلىپ سىرتقا چىقارمايدىغان بولدى. بىچارە تارىم دادخاھ ئۇلارنىڭ قورۇسىغا سۇ كىرىدىغان سۈڭغۈچتىن قىسىلىپ كىرىمەن دەپ سوقۇما تامنىڭ ئارىسىغا قاپسىلىپ قېلىپ يا ئالدىغا يا كەينىگە ماڭالماي 2 سائەت تامىنىڭ ئارىسىدا تۇرغاننى دېمەيلا قوياي، مىڭ بىر مۇشەققەتتە تامدىن ئۆتۈپ گۆھەربانۇمنىڭ قورۇسىغا كىرىشىگە ھويلىدا باغلاقلىق تۇرغان ئۆكۈزدەك كېلىدىغان كۆتمەك قۇيرۇق ئىت باغلاقلىق ئارغامچىنى ئۈزۈۋېتىپ، تارىم دادخاھنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىنى تالاپ نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ئۇنىڭ بىرمۇ ساق يېرىنى قويمىدى. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك، دېگەندەك ئىتنىڭ قاۋىشىدىن ئويغىنىپ كەتكەن سەلىم ياپسا قولىدا كۆتۈرۈپ چىققان كالتەك بىلەن تارىم دادخاھنى ئۇرۇپ يېرىم جان قىلىپ قويدى. كېچىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئېنىق كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، گۆھەربانۇم ھۇجرىسىنىڭ دېرىزىسى ئالدىدا تۇرۇپ ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇردى، دادىسىنىڭ تارىم دادخاھنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن گۆھەربانۇم جاننى ئالقانغا ئېلىپ ھۇجرىسىدىن چاچراپ چىقىپ دادىسىنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ نالە قىلدى.
-- دادا!.. بولدى ئۇرماڭ! مەن نېمە دېسىڭىز شۇنىڭغا كۆنەي!...
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ سەلىم ياپسا قىزى گۆھەربانۇمنى يۇقىرىقى مەھەللىدىكى يېزا ئاقساقىلىنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلدى. " يىغلىماڭ قىز!  يىغلىماڭ! تويىڭىز بولدى...ئالتۇن تۆشۈك، ئالتۇن بۆشۈك ئۆيىڭىز بولدى...
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يېزا ئاقساقىلى يىراق بىر جايغا پۈتۈن جەمەتى بىلەنلا كۆچۈپ كەتتى. تارىم دادخاھ شۇ قاباھەتلىك كۈندىن باشلاپ گۆھەربانۇمنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىدى.
يىللار ساقلاپ تۇرمايدۇ، ئارىدىن 60،70-يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.
ئالدىنقى يىلى كېرىيىگە "قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى" ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى كەلدى. بۇ يۇرتتا قۇربان تۇلۇمنى بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ بىلىدىغان بىردىن-بىر شاھىدتىن تارىم دادخاھلا قالغاچقا فىلىم گۇرۇپپىسى ئانچە كۈچىمەيلا تارىمدادخاھنى تېپىۋالدى. فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ گۈزەل سەنئەت يېتەكچىسى داڭلىق رەسسام بولغاچقا ئۇنىڭ ھازىرقى سۈرىتىدىن بىر پارچە سىزىپ ئۇنىڭغا سوغا قىلدى، رەسسام سوغا قىلغان بۇ رەسىمنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى تارىم دادخاھ شىنجاڭ لىنىيىسىدە باش سۈرەت قىلىپ ئىشلەتكەن بولسا، ئەسلى نۇسخىسىنى ھۇجرىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان بىر يېرىگە ئېسىپ قويدى. سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى قايتىدىغان چاغدا ئۆزلىرى ئىشلەتكەنگە خېلى بولغان قول كومپيۇتېرىدىن بىرنى تارىم دادخاھقا خاتىرە سۈپىتىدە ھەدىيە قىلدى. بېشىدا تارىم دادخاھ بۇ ئوقەتكە قاراپمۇ قويمىغان ئىدى، كېيىن نەۋرىسى قۇتلۇق دادخاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ نەرسىنى ئۆيىگە جايلاشتۇرۇپ كۇنۇپكىلىرىنى بېسىشقا قىزىقىپ قالدى.
-- بالام، بۇ نەرسە بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگىلى بولامدۇ؟
-- شۇنداق بوۋا! نېمە دېسەڭ شۇنى تاپالايسەن!
-- شۇنداقمۇ؟ گۆھەرنىمۇ تاپالامدىمەن؟
بوۋاي نەۋرىسىنىڭ ئالدىدا گۆھەرنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ تاشلىغىنىدىن ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى.
-- بوۋا گۆھەر دېگەن نېمە ئۇ؟
-- ھاي بالام مۇنداقلا دەپ قويدۇم!
بوۋايغا نەۋرىسى نەچچە ئايغىچە ھاردىن-تالدىم دېمەي ئۆگەتتى. ھەتتا شىنجاڭ لىنىيىسىگىمۇ "تارىم دادخاھ" دېگەن نام بىلەن تىزىملىتىپ بەردى.
مانا مۆجىزە دېسە مۇشۇنى دېسە بولىدۇ، بوۋاي كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىنجاڭ لىنىيىسىدىن گۆھەربانۇم ئۆز قولى بىلەن يازغان قۇرلارنى ئوقۇدى. گۆھەربانۇم تارىم دادخاھقا ئاتاپ يازغان خېتىگە تۆۋەندىكىدەك تېما بەرگەن ئىدى: "تارىم دادخاھقا ئۆچ بولدۇم!"
تارىم دادخاھ بوۋاي، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
12#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-16 20:50:22 | ئايرىم كۆرۈش
تارىم دادخاھنىڭ پۇشايمىنى

ئىلاھا ، يوقنى بار ئەتكەن ئۆزۈڭسەن ،
پەقىر دادخاھنى زار ئەتكەن ھەم ئۆزۈڭسەن .
بىلەلمەيمەن نە تەندەمەن-جاندا مەن ،
بۇ كويلارغا بەند ئەتكەن بىر ئۆزۈڭسەن .
ئىشق مۈلكىدە يېگانە پەرۋانەمەن ،
دېمەيكىم پەرۋانە، ئاجىز ئاشىقمەن.
بۇ يولدا جاھان كەزگەن پەھلەۋانمەن،
نە پەھلەۋان، بىر جاھان ناتىۋانىمەن.
تىكەنسىز گۈلزار ئارا يۈرگەندۇرمەن ،
ھەققە دەر زەئىب دىلىم، باتىلدۇرمەن.
نازىنىن تىز پۈكسە پەش قاقىپتۇرمەن،
ئەمدى پۇشايمان، ياقام چاك ئەتىپدۇرمەن.
دېسە گەر " رىزقىمسەن " پەرۋا ئەتمەپمەن ،
بۇ دەم دىل دەر « ئەسلى رىزقىم ئۆزۈڭسەن ،
جاھاندا يېگانە باتىل خۇنخورسەن »
ئىي دادخاھ، ئۆل ئەمدى خۇنخور ئۆزۈڭسەن .
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:24 , Processed in 0.055142 second(s), 21 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش