مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 772|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (9)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (9)

(8) ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىن باش تارتماسلىق كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل، مۇرەككەپ ۋەزىپىلىرى ئالدىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقنىڭ شادلىقى ۋە قايغۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئەل رازى قانۇنچىل ھۆكۈمەت، ئىجادچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشى كېرەك.

(八)加强政府自身建设,提高施政能力和服务水平。重任千钧惟担当。面对异常艰巨复杂的改革发展任务,各级政府要深入贯彻落实新发展理念,把全面建成小康社会使命扛在肩上,把万家忧乐放在心头,建设人民满意的法治政府、创新政府、廉洁政府和服务型政府。


قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇنچىللىق يولىغا سالىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئادا قىلىشى، قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەن ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. ھۆكۈمەت قانۇن مەسلىھەتچىلىكى تۈزۈمىنى پائال يولغا قويۇش لازىم. مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇ، گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تور سۇپىسىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاممىنى ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، ئىشنى قانداق قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك ۋە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈشى كېرەك.
ۋەزىپە ئۆتەشتە پاك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش-پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىمىز. پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېقىمغا قارشى يول تۇتۇپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارنى قاتتىق تۈزەش كېرەك. مەمۇرىي تەپتىشلىكنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بىلەن تولۇق قاپلاشنى تېزلىتىمىز. ھوقۇقنى كىچىكلىتىش ۋە ھوقۇققا چەك قويۇش، ئىجادىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى بوشلۇقىنى تارايتىپ، چىرىكلىك پەيدا قىلىدىغان تۇپراقنى تۈگىتىمىز. پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي تۈزىتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالايمىز.
مەسئۇلىيەتنى بىجاندىل ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجرا كۈچى ۋە ئىناۋەتنى ئۆستۈرىمىز. ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئومۇمنى كۆزلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، پىلانلاشقا، ئىشلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلىيەتتە چوڭقۇر كۆرسىتىپ، سىياسىي ئېڭىمىزنى، ئومۇمىيەت ئېڭىمىزنى، يادرو قىلىش ئېڭىمىزنى ۋە توغرىلىنىش ئېڭىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساپالىق، كەسىپلەشكەن دۆلەت مەمۇرلىرى قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈش لازىم. خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەت، ۋەزىپىلەرنىڭ كەمكۈتىسىز، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەتتىكى چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈزىتىش ۋە تۈگىتىش، ئورۇننى ئىگىلىۋېلىپ ئىش قىلمايدىغان ئەھۋالغا ھەرگىز يول قويماسلىق لازىم. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتچى ۋە ئىجادكارلارغا ئىلھام بېرىپ، مەدەتكار بولۇپ، كادىرلارغا ئىش قىلىشنى خالايدىغان، دادىل ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى 30 نەچچە يىللىق شانلىق نەتىجىلەرنى كادىرلار ۋە ئامما ئىشلەش ئارقىلىق ياراتقان.
ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. مەركەزنىڭ ئاكتىپلىقى بىلەن جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم. ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قازانغان جايلارنى قۇرۇلۇش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇش يېرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، مالىيە تىنما مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇكاپاتلاش-رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جايلارنى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ ئىش كۆرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، بەس-بەستە راۋاجلىنىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.
ۋەكىللەر!
جۇڭخۇا مىللەتلىرى − بىر چوڭ ئائىلە، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش − ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئورتاق مەسئۇلىيىتى. مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە ئىلغارلىق يارىتىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ كەتكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى پەرقلىق قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچە مەھەللە-بازارلىرىنى قوغداپ ھەم راۋاجلاندۇرۇپ، نوپۇسى ئازراق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق قەدەم تاشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە دائىر تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
مۇھاجىرلار سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
ۋەكىللەر!
ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. يېڭى بىر يىلدا، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىچكىرىلەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش، مۇنتىزىملىشىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. پارتىيە ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، گۇتيەندە ئېچىلغان پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم. ھەرقايسى يۆنىلىش، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، دائىمىي ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى پۇختا تەشكىللىشىمىز كېرەك. ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى ۋە قورال-جابدۇقلار تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. رەھبەرلىك-قوماندانلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنىڭ كۆلەم، قۇرۇلما ۋە سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشىمز كېرەك. ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم. زامانىۋى قوراللىق ساقچى قىسىملارنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. مۇھىم ساھەلەردە ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما، چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكا سانائىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز لازىم. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىدا بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر رىشتە باغلايدىغان يولغا مېڭىشى كېرەك.
ۋەكىللەر!
بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قەتئىي ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىش كۆرىمىز، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ چوقۇم ئۇزاققىچە ئاۋات ۋە مۇقىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باش مەمۇرلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئورنى ۋە رولىنى كۈچەيتىمىز. ئىچكى رايونلارنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىمىز.
بىز تەيۋەن خىزمىتىگە قارىتىلغان مۇھىم فاڭجېندا، «92-يىل ئورتاق قارىشى»دىن ئىبارەت سىياسىي ئاساستا داۋاملىق چىڭ تۇرىمىز، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدايمىز. ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ، پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئىككى قىرغاقتىكى ئاساسىي قاتلام ۋە ياشلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىمىز. «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەنى قۇۋۋەتلەپ، مىللىي ئادالەتنى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ تەقدىرداشلىق ئورتاق گەۋدىسىنى قولمۇقول بەرپا قىلىمىز.
ۋەكىللەر!
بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدايمىز. ئېلىمىزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىنى ياخشى تەشكىللەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىمىز. يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى رايون ۋە دۆلەتلەر بىلەن ئۇزاققىچە تىنچ بىللە تۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورۇنلۇق، قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايمىز. دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا پائال قاتنىشىمىز. چەت ئەللەردىكى مەنپەئىتىمىزنى قوغداش جەھەتتىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرى ۋە قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدايمىز. جۇڭگو خەلقئارا جامائەتچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ!
ۋەكىللەر!
كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن كېلەچەكتە ئىستىقبالغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، زېھنىمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا ئىشنىڭ ئوبدان باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، زامانىۋىلاشقان باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشايلى!


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-13 22:22:26 | ئايرىم كۆرۈش
[ltr]
(八)加强政府自身建设,提高施政能力和服务水平。重任千钧惟担当。面对异常艰巨复杂的改革发展任务,各级政府要深入贯彻落实新发展理念,把全面建成小康社会使命扛在肩上,把万家忧乐放在心头,建设人民满意的法治政府、创新政府、廉洁政府和服务型政府。
坚持依法履职,把政府活动全面纳入法治轨道。各级政府及其工作人员要严格遵守宪法和法律,自觉运用法治思维和法治方式推动工作,法定职责必须为,法无授权不可为。积极推行政府法律顾问制度。深入推进政务公开,充分发挥传统媒体、新兴媒体作用,利用好网络平台,及时回应社会关切,使群众了解政府做什么、怎么做。各级政府要依法接受同级人大及其常委会的监督,自觉接受人民政协的民主监督,接受社会和舆论监督,让权力在阳光下运行。
坚持廉洁履职,深入推进反腐倡廉。认真落实党风廉政建设主体责任,严厉整治各种顶风违纪行为。加强行政监察,推进审计全覆盖。以减权限权、创新监管等举措减少寻租空间,铲除滋生腐败土壤。推动党风廉政建设向基层延伸,坚决纠正侵害群众利益的不正之风,坚定不移惩治腐败。
坚持勤勉履职,提高执行力和公信力。政府工作人员要恪尽职守、夙夜在公,主动作为、善谋勇为。深入践行"三严三实",增强政治意识、大局意识、核心意识、看齐意识,加强作风和能力建设,打造高素质专业化的公务员队伍。健全并严格执行工作责任制,确保各项政策和任务不折不扣落到实处。健全督查问责机制,坚决整肃庸政懒政怠政行为,决不允许占着位子不干事。健全激励机制和容错纠错机制,给改革创新者撑腰鼓劲,让广大干部愿干事、敢干事、能干成事。中国改革开放30多年的辉煌成就,就是广大干部群众干出来的。
上下同欲者胜。我们要充分发挥中央和地方两个积极性。对真抓实干成效明显的地方,在建设资金安排、新增建设用地、财政沉淀资金统筹使用等方面,加大奖励支持力度。鼓励各地从实际出发干事创业,形成竞相发展的生动局面。
各位代表!
中华民族是一个大家庭,促进各民族和睦相处、和衷共济、和谐发展,是各族人民的根本利益和共同责任。要坚持中国特色解决民族问题的正确道路,坚持和完善民族区域自治制度,严格执行党的民族政策,深入开展民族团结进步创建活动,推动建立各民族相互嵌入式的社会结构和社区环境,促进各民族交往交流交融。落实促进民族地区发展的差别化支持政策,保护和发展少数民族优秀传统文化及特色村镇,加大扶持人口较少民族发展力度,大力实施兴边富民行动,让全国各族人民共同迈向全面小康社会。
我们要全面贯彻党的宗教工作基本方针,坚持依法管理宗教事务,促进宗教关系和谐,发挥宗教界人士和信教群众在促进经济社会发展中的积极作用。
我们要认真落实侨务政策,依法维护海外侨胞和归侨侨眷的合法权益,充分发挥他们的独特优势和重要作用,不断增强海内外中华儿女的向心力。
各位代表!
过去一年,国防和军队建设取得显著成效。新的一年,要紧紧围绕实现党在新形势下的强军目标,深入推进政治建军、改革强军、依法治军,全面加强军队革命化现代化正规化建设,坚决维护国家安全。坚持党对军队绝对领导的根本原则和制度,落实古田全军政治工作会议精神。统筹推进各方向各领域军事斗争准备,严密组织日常战备和边海空防管控。加强后勤保障和装备发展。稳步推进领导指挥体制改革,部署展开军队规模结构和政策制度等改革。提高军队建设法治化水平。建设现代化武装警察部队。推动重要领域军民融合深度发展。加强国防动员建设。发展国防科技工业。各级政府要大力支持国防和军队建设,走出一条新时期鱼水情深的军政军民团结之路。[10:50]
各位代表!
我们将全面准确贯彻“一国两制”、“港人治港”、“澳人治澳”、高度自治的方针,严格依照宪法和基本法办事。全力支持香港、澳门特别行政区行政长官和政府依法施政。发挥港澳独特优势,提升港澳在国家经济发展和对外开放中的地位和功能。深化内地与港澳合作,促进港澳提升自身竞争力。我们相信,香港、澳门一定会保持长期繁荣稳定。
我们要继续坚持对台工作大政方针,坚持“九二共识”政治基础,坚决反对“台独”分裂活动,维护国家主权和领土完整,维护两岸关系和平发展和台海和平稳定。推进两岸经济融合发展。促进两岸文教、科技等领域交流,加强两岸基层和青年交流。我们将秉持“两岸一家亲”理念,同台湾同胞共担民族大义,共享发展机遇,携手构建两岸命运共同体。
各位代表!
我们将继续高举和平、发展、合作、共赢的旗帜,践行中国特色大国外交理念,维护国家主权、安全、发展利益。办好在我国举行的二十国集团领导人峰会,推动世界经济创新增长,完善全球经济金融治理。加强与各主要大国协调合作,建设良性互动、合作共赢的大国关系。秉持亲诚惠容的周边外交理念,与地区国家持久和平相处、联动融合发展。深化南南合作、促进共同发展,维护发展中国家正当合法权益。建设性参与解决全球性和热点问题。加快海外利益保护能力建设,切实保护我国公民和法人安全。中国愿与国际社会一道,为人类和平与发展事业不懈努力!
各位代表!
奋斗才能赢得未来。让我们更加紧密地团结在以习近平同志为总书记的党中央周围,凝心聚力,奋发进取,努力完成今年经济社会发展目标任务,确保全面建成小康社会决胜阶段良好开局,为建成富强民主文明和谐的社会主义现代化国家、实现中华民族伟大复兴的中国梦作出新的贡献!
[/ltr]
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:05 , Processed in 0.060913 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش