مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 974|ئىنكاس: 13
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«خەلق» دىگەننى «خەلىق» دەپمۇ ئېلىشقا بولماسمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
«خەلق» دىگەننى «خەلىق» دەپمۇ ئېلىشقا بولماسمۇ؟
گەرچە «خەلق» سۆزى ئاللىقاچان بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. خەنزۇچىدىمۇ نۇرغۇن سۆزلەر بار، خەت شەكلى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان، مەنىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش، بۇنداق سۆزلەرگە ئادەتتە لۇغەتتە « پالانى خەتكە قاراڭ» دەپ يېزىپلا، چۈشەندۈرۈش بەرمەيدۇ. بىزنىڭمۇ بەزى ئىملاسىنى ئاسان ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان، مەنىسى ئوخشاش سۆزلىرىمىزنىڭ ھەر ئىككى يېزىلىشىنى توغرا دەپ، مەسىلەن «خەلق» سۆزى ئۆلچەملىك قىلىنىپ، «خەلىق» سۆزىنىمۇ خاتا قىلىنمىسا، قانداق بولار؟

12

تېما

111

يازما

345

جۇغلانما

تەستىقلىغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
345
دىۋان
ۋاقتى: 2014-3-16 10:54:41 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر بوغۇملۇق سۆز، يەنى دوست،خەلق،دەرس ... دېگەندەك بۇنى ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكىسىغا خىلاپ ھالدا خەلىق دەپ ئېلىشنى قوللىمايمەن ، بۇنداق يېزىش ئۇيغۇرتىلىدا فونتىكىلىق پىرىنپىسقا ئۇيغۇن بولغان بىلەن ئەمما بىز مورفۇلوگىيەلىك پىرىنسىپ بويىچە يەنى تەلەپپۇزدىكىنى بىۋاستە كۆچۈرمەي بەلكى يېزىق قائىدىسى ئىملا قائىدىسى بويىچە يېزىشنى تەشەببۇس قىلدۇق  يەنە پارتكوم دېگەن سۆزنىمۇ  پارتىكوم دەپ ئەمەس  بەلكى پارتكوم دەپ يېزىقچە توغرا يېزىپ كەلدۇق ... بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ يېزىلىشىغا ۋە ئىملا قائىدىسىگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن مەنمۇ بىر كىچىك ئۆگەنگۈچى

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-16 17:05:43 | ئايرىم كۆرۈش
پەرىزات يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 10:54
بۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر بوغۇملۇق سۆز، يەنى دوست،خەلق،د ...

شۇ ئاشۇ قائىدىلەرنىمۇ ئادەم تۈزگەن، ئىلاھىي كىتابلارنىڭ سۈرىسى ئەمەس، چوقۇم ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ دەيدىغان.  ئەگەر زور كۆپ سانلىق كىشىلەر توغرا دەپ بېكىتىلگىنىنى ئىشلەتمىسە، خاتا ئىشلىتىپ كەلسە، ئۇنداقتا بۇ خاتالىقمۇ خاتالىق ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى "تىلنىڭ سۆڭىكى يوق" دەيمىز، بۇ ماقال-تەمسىلنى تىل ئىلمىغا ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.

12

تېما

111

يازما

345

جۇغلانما

تەستىقلىغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
345
يەر
ۋاقتى: 2014-3-16 17:25:20 | ئايرىم كۆرۈش
alma يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 17:05
شۇ ئاشۇ قائىدىلەرنىمۇ ئادەم تۈزگەن، ئىلاھىي كىتابلار ...

قائىدىنى ئادەم تۈزگەن دەپ بىرقەدەر مۇقىملاشقاننى ئۆزگەرتىۋىتىشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس ھېلىمۇ ئادەتتىكى خەتلەرنى خاتا يازىمىز كۆپ ئۆزگەرتىش چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويۇشتەك نەتىجىنى كەلتۈرۈپ قويارمىكىن ....

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-16 17:26:27 | ئايرىم كۆرۈش
پەرىزات يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 17:25
قائىدىنى ئادەم تۈزگەن دەپ بىرقەدەر مۇقىملاشقاننى ئۆز ...

دېگىنىڭىزمۇ توغرا  

10

تېما

82

يازما

374

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
374
6#
ۋاقتى: 2014-3-30 14:50:28 | ئايرىم كۆرۈش
خەلىق دەپ ئالساق بولىدۇ .بۇ سۆزنى راست دوست دېگەندەك ئاخىرقى ھەرپ تەلەپپۇز قىلىنمايدىغاقىلىنمايدىغان  سۆز بىلەن بىرگە قويساق بولمايدۇ.
بىز بۇنى ئىسىم, ئىسمى. خەلىق, خەلقى. ئىلىم, ئىلمى دېگەن سۆز بىلەن بىللە قويۇش لازىم.

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
7#
ۋاقتى: 2014-7-4 08:01:36 | ئايرىم كۆرۈش
ھېلىمۇ نۇرغۇن سۆزنىڭ بوغۇمىنى ئاشۇرۇۋەتتۈك، مەسىلەن ئەسلىدىكى بىر بوغۇملۇق "فاكت" نى "پاكىت" دەۋاتىمىز، "قەلب، جەلب" نى "قەلىب، جەلىپ" دېدۈك، ئەمدى "خەلىق" دېسەك بولماسمىكى ...
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

2

تېما

28

يازما

159

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
159
8#
ۋاقتى: 2014-7-4 14:06:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئەرەب -پارىس تىلىدىن كىرگەن بىر قىسىم بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئىملادا ئەسلىيسى بويىچە ئېلىپ، تەلەپپۇزدا ئاۋام تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلساقمىكىن دەيمەن.

19

تېما

61

يازما

268

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
268
9#
ۋاقتى: 2014-11-27 12:26:22 | ئايرىم كۆرۈش
بولمايدۇ!
"خەلق" دەپ ئوموملاشقانلىقى ئۈچۈن چوقۇم شۇنداق ئېلىش كېرەك. بۇنىڭغا "خەلق"مۇ توغرا دەپ يول قويۇپ بەرسە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
مەسىلەن، بەزى يۇرتلاردا "قولۇم" دېگەن ئۆلچەملىك ئىملانى ئۆز شىۋىسى بويىچىلا "قۇلام" دەپ ئېلىۋاتىدۇ. بۇ چاغدا مۇشۇنداق خاتا ئىملالارغىمۇ يېشىل چىراق يېقىشقا توغرا كېلىدۇ.
شۇڭا قېلىپلاشقاننى ئۆلچەم قىلىش كېرەك!
يەنە "نەشر" سۆزىمۇ بار، بۇنىڭمۇ ئارىسىغا ى نى قوشۇپ "نەشىر" دەپمۇ ئېلىش كېرەكمۇ؟
بۇنداق قىلساق،  ئىش توللاپ كېتىدۇ، تىل- يېزىقىمىز ئاران -ئاران تۇرغان يەردە، بۇنداق ئىملا ئۆزگەرتىدىغان ياكى ھەر خىل ئىملالارغا يول قويىدىغان ئىشنى قىلماي تۇرايلى!

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
10#
ۋاقتى: 2014-12-17 19:13:09 | ئايرىم كۆرۈش
قىسقارتالمايۋاتقاندا ئۇزارتىپ نېمە قىلىمىز؟ تەرەققىيات تېزلىشىۋاتقان زاماندا ئىمكان قەدەر قىسقارتقىدەك بولسا قىسقارتماق لازىم.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:05 , Processed in 0.067208 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش