مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 342|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«ئىلى» ئاتالغۇسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
«ئىلى» ئاتالغۇسى ھەققىدە

ئىلى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان،كەڭ كەتكەن يېشىل ۋادا بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مول سۇ بايلىقى، ئىقلىم بايلىقى، كان بايلىقى،مال–چارۋا بايلىقى، ئورمان بايلىقى ۋە ساياھەت بايلىقلىرى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچىۋە سىرتىغا داڭلىق بولغان تولىمۇ گۈزەل زېمىن. شۇڭا ئۇنىڭ «چېگرا سىرتىدىكى جياڭنەن»دېگەن نامى بار. بۇ گۈزەل زېمىننىڭ نامى «ئىلى» ھەققىدە ھازىرغا قەدەر تالاش–تارتىشلارناھايىتى كۆپ. چەت ئەل تارىخچىلىرى بولسۇن، جۇڭگو تارىخچىلىرى بولسۇن، بۇ ھەقتە كۆپلىگەنتەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان. تۆۋەندە بۇھەقتىكى قاراشلارنى قىسقىچە شەرھىلەپ ئۆتمەكچىمەن.
1. قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى بىلەن پالتاخۇنئەۋلاخان تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتمولوگىيىسى» ناملىق كىتابتا «ئىلى»ھەققىدەئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنى بايان قىلىپ كېلىپ ئاخىرىدا «تاۋرىخ خەمىسە شەرقى»دا‹ئىلە — بۇ دەريانىڭ ئەسلى ئىسمى جىم سۈيى› دەپ كۆرستىلىدۇ. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇنىڭغائاساسەن، «قەدىمكى تىلدا، ئىلەنىڭ مەنىسى ئوڭاي تاشىدىغان، تېشىۋېرىدىغان، بارغانچەئەزۋەيلەيدىغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىلى چوڭ تاشقىنلىق دەريا دېگەنلىك» دەپ يەكۈنچىقارغان.
2. «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 1986–يىل 2–سانىدائېلان قىلىنغان يۇنۇسجان ئېلى نامىدىكى «‹ئىلى› ئاتالغۇسى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدەبۇ ھەقتە خېلى كەڭ دائىرىدە ئىزدىنىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، مۇنداق يازغان: «…ئىلى ئاتالغۇسىھەققىدە ھازىر مەتبۇئات ساھەسىدە ھەرخىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لېكىن بۇ قاراشلارنىڭھەممىسى ئىلى دېگەن نامنى نوقۇل ھالدا موڭغۇلچە سۆز ۋە يېقىنقى زاماندىكى سۆز قىلىپكۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولدى:

بىرىنچى، ‹ئىلى› موڭغۇلچە سۆز دېگەن قاراش.
بۇ قاراشتىكىلەر ‹ئىلى› موڭغۇلچە ‹روشەن، سۈزۈك،يالتىراق› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپ شەرھىيلەيدۇ (بۇ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ئۇيغۇرچە1984–يىلى ئاپرېل سانىدىكى ما شۈيشى تەرجىمە قىلغان ‹شىنجاڭ يەر ناملىرى ھەققىدە› دېگەنماقالە بىلەن سوۋېت ئالىمى م.س. بۇدانارسكىنىڭ ئۇيغۇرچە ‹جۇغراپىيىلىك ناملار لۇغىتى›كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان).

ئىككىنچى، ‹ئىلى› ‹ئىلە› دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققاندېگەن قاراش.
بۇ قاراشتىكىلەر موڭغۇللار ئىلى دەرياسىنى ‹ئېلەغۇل›دەپ ئاتايدۇ. ‹ئېلە — بوشلۇق، غول، ئېقىن سۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ› دەپ قارايدۇ(بۇ پېشقەدەم شائىر ئەلقەم ئەختەمنىڭ ‹تارىم› ژۇرنىلى 1984–يىل 8–سانىدىكى ‹ئىلى ۋادىسى›دېگەن شېئىرىنىڭ ئىزاھاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان).
ئۈچىنچى، ‹ئىلى› — ‹ئېلىپ تاشلا› دېگەن سۆزدىكى‹ئېلە›سۆزىدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراش.
بۇ خىل قاراشتىكىلەر تۇغلۇق تۆمۈرخان 160مىڭغا يېقىنموڭغۇلنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن ۋاقىتتا، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان موڭغۇللار ئىسلامدىنىغا بولغان ئېتىقادىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كاپىرلىقنىڭ بەلگىسى بولغان تەلپەكلىرىنى(باش كىيىم) دەرياغا تاشلىۋەتكەن. نەتىجىدە دەريا سۈيى توسۇلۇپ قېلىپ، دەريا ياقىسىدىكىكۈرە شەھىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، قىرغاقتىكى كىشىلەر تەلپەكنىئېلىپ تاشلاڭلار دەپ توۋلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ‹ئېلىپ تاشلا› دېگەن سۆزدىكى ‹ئېلە› سۆزىدەريانىڭ نامى بولغان قالغان دەپ ئىزاھلايدۇ ( بۇ قۇربان ئەلى خالىدىننىڭ ‹تارىخى خەمىسەشەرقى› ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە 1–تومىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان).

تۆتىنچى، ‹ئىلى› ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ‹ئىللىق، تۈز،ساپ› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دېگەن قاراش.
بۇ خىل قاراشتىكىلەر ئىلى دەرياسى بۇرۇن ‹ئالما دەرياسى›دەپ ئاتىلاتتى. 18–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭغارلارنىڭ توپىلىڭىنىبېسىقتۇرغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئىلى كۆچۈرۈپ چىقىپ،ئىلىدا ۋىلايەت، ۋازارەت، ناھىيە، مەھكىمىلەرنى تەسىس قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ‹ئالمادەرياسى›نىڭ نامى ‹ئىلى دەرياسى› غا ئۆزگەرتىلگەن دەپ قارايدۇ (بۇ مۇكەررەم تىلىۋالدىنىڭ‹شىنجاڭ ياشلىرى› ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە 1983–يىلى 11–سانىدىكى ‹ئىلى دەرياسى›ناملىقماقالسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان).
بەشىنچى، ‹ئىلى› — ‹داڭلىق› دېگەن مەنىدىكى ئۇيغۇرچەسۆز بولۇپ، دەريانىڭ نامىدىن كەلگەن ئەمەس دېگەن قاراش.
بۇ خىل قاراشتىكىلەر چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جەنۇبىيشىنجاڭدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار بۇ يەرنىڭ ياپيېشىل يايلاقلىرىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز‹ئىلى› دەپ ئاتاشقان دەپ قارايدۇ ( بۇ قورغاسلىق ئابلا ئەپەندىنىڭ ‹تارانچى تارىخى›دېگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان).
ئالتىنچى، ‹ئىلى› موڭغۇلچە سۆز ئەمەس دېگەن قاراش.
بۇ خىل قاراشىتىكىلەر موڭغۇللار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشتىنبۇرۇنمۇ ‹ئىلى› ئاتالغۇسى بارئىدى. بۇ تارىخىي ماتېرىياللاردا ئەينەن يېزىلغان. شەرقىيۋە غەربىي خەن سۇلالىسى تارىخىدا مەزكۈر نام ‹ئىلى› دەپ يېزىلغان. بۇ دەۋردە ئىلى ۋادىسىداتۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ساك، ئۇيسۇن تائىپىلىرى ياشىغان ئىدى. ‹ئىلى› دېگەن نامنىساك، ئۇيسۇن تائىپىلىرى قويغان. ‹ئىلى› دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىمۇ ‹ئېل، ئەل، ئېلى› دېگەنتۈرك سۆزلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ چۈشەندۈرىدۇ (بۇ ئابلىز شېرىپنىڭ ‹ئۈرۈمچى كەچلىكگېزىتى› 1984–يىل نويابىر سانىدىكى ‹يەر ناملىق ھەققىدە› ناملىق ماقالىسىدا ئوتتۇرىغاقويۇلغان).»
يۇنۇسجان ئېلى ئەپەندى يۇقىرىقى ماقالىسىدا، مەتبۇئاتلاردائېلان قىلىنغان «ئىلى» ئاتالغۇسى ھەققىدىكى ئالتە خىل قاراشنى ئايرىم–ئايرىم شەرھىيلەپ،بۇ قاراشلاردىكى خاتالىقلارنى دەۋر جەھەتتىن، شۇنداقلا پاكىت ئاساسلىرىنىڭ تولۇق بولماسلىقىقاتارلىق جەھەتلەردىن ئىنكار قىلىدۇ. ئاخىرىدا خۇلاسە چىقىرىپ «ئىلى» نامىنىڭ كېلىپچىقىشىنى، ئىلى رايونىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى بولغان ئوغۇزلارنىڭقۇرغان «ئىلى دۆلىتى»نىڭ نامى دەپ ئىزاھلايدۇ.
3. «گۈلدەستە» ژۇرنىلىنىڭ 1986–يىل 1–سانىدا تۇرسۇنياسىن نامىدىكى «ئىلى نامىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئىلىدا ساقلانغان ئاسارە–ئەتىقىلەر توغرىسىداقىسقىچە بايان» ناملىق ماقالىدا «ئىلى» ئاتالغۇسىنى «‹ئىلى› دېگەن نامنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭئەڭ دەسلەپكى ئاساسىي تىيانشان ئەتراپىدىكى 12 غول دەريا ئېقىنىغا جايلاشقان ئەل نامىغابېرىلگەن ئۇيغۇرچە نام دەپ مۇجەسسەملەشتۈرۈشكە بولىدۇ» دەپ ئىزاھلىغان.

4. «گۈلدەستە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئابلەتسەمەت نامىدىكى «ئىلى» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىم» دېگەن ماقالىدا«‹ئىلى› دېگەن بۇ نامنى ئەجدادلىرىمىز قويغان، ‹ئىلى› دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىمۇ ‹ئىل، ئەل،ئىلى› دېگەن مەنىدىكى تۈرك سۆزلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇپ» دەپ ئىزاھلىغان.
5. «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1987–يىل 4–سانىدائابدۇساتتار ناسىرى نامىدىكى «ئىلى ۋە ئىلىدىكى قەدىمكى شەھەرلەر» ناملىق ماقالىدابۇ نامنىڭ كېلىپ چىققىنىغا 2000 يىلدىن ئاشقانلىقى مەشھۇر تارىخىي ئەسەر «خەننامە»دىكىپاكىتلارغا ئاساسەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ‹ئىلى› سۆزىنىڭ مەنىسىنى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «ئىل» سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى ئاساسىدا شەرھىيلەپ، «ئىل،ئوچۇقلۇق، بوشلۇق، قوۋۇق ئالدىدىكى بوش يەر» دېگەندەك مەزمۇنلارغا باغلاپ شەرھىيلىگەن.
يۇقىرىقى ماقالە–ئەسەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلاردا،«ئىلى» ئاتالغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خېلى زور دەرىجىدە ئىزدىنىشلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغاقويغان. بولۇپمۇ «ئىلى» ئاتالغۇسىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنلا مەيدانلا كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلابۇ نامنى مۇشۇ زېمىندا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قويغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلارئاساسىدا ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرگەن. شۇنداقتىمۇ ئىلى ئاتالغۇسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرنىيەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ۋە پاكىتلىق ئاساستا شەرھىيلەش يەنىمۇ مۇھىم.
يۇقىرىقى ماقالىلارنىڭ بەزىلىرىدە ‹ئىلى› ئاتالغۇسىنىسۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسى ئاساسىدا ئۇدۇللا ئىزاھلىغان. يەنە بەزىلىرىدە دەلىللەش كۈچىگەئىگە بولغان پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بۇ پاكىتلاردىن يانداپ ئۆتۈپ كەتكەن.بىراق بۇ ماقالىلاردىكى قاراشلارنى بىر تەرەپلىمە ئىنكار قىلىش مېنىڭچە توغرا ئەمەس.خىلمۇخىل قاراشلارنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق توغرا بولغان، دەلىل–پاكىتلىقنۇقتىئىنەزەرلەرنى تېپىش يەنىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن.
تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەر ئارقىلىق ‹ئىلى› ئاتالغۇسىھەققىدىكى ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى:
1. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ھۆججەت خاراكتېرلىك ئەسىرى«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا: «ئىلى — بىر دەريانىڭ نامى. ئۇنىڭ ئىككى قىرغىقىدا تۈركقەبىلىلىرىدىن ياغما، توخسى ۋە بىر قىسىم چىگىلىگلەر ياشايدۇ. بۇ دەريا تۈرك ئەللىرىنىڭجەيھىنىدۇر» (1–توم 124–بەت) دەپ يازىدۇ. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بۇ ئەسىرىدە گەرچە ‹ئىلى›نېمە ئۈچۈن دەريا نامى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، بىراقبۇ نامنى دەريادىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق قاراشنى ئىپادىلىگەن.قانداقتۇر يۇرت، ئەل، دۆلەت نامى دەپ ئىزاھلىمىغان ۋە ياكى ئۆز لۇغىتىدىكى «ئىل» سۆزىنىڭلۇغەت مەنىسىگە باغلاپ شەرھىيلىمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نامنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەلۋەتتەدەريادىن ئىزدىشىمىز زۆرۈر.
2. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە بولغان ئەپسانە،رىۋايەتلەر مەلۇم تارىخىي ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ئېغىزدىن–ئېغىزغا،ئەۋلادتىن–ئەۋلادقا كۆچۈپ، ھەربىر دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، خىلمۇخىلۋارىيانتلار ئاساسىدا شەكىللىنىپ داۋاملىشىدىغان تارىخىي ئاساسلارنىڭ بىرى. ھەرقانداقمىللەتنىڭ كۆپلىگەن قەدىمىي تارىخىي ئاساسلىرى ئەپسانە–رىۋايەتلىرىدە گەۋدىلىنىدۇ.دېمەكچى ‹ئىلى› ئاتالغۇسى ھەققىدە ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان رىۋايەتلەرنى بىز يېنىكلىكبىلەن تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ. يۇقىرىقى تىلغا ئېلىنغان بەزى ماقالىلاردا بۇ خىل رىۋايەتلەربايان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق دەۋر جەھەتتىكى خاتالىق تۈپەيلىدىن بۇ رىۋايەتلەردىكىماھىيەتلىك مەزمۇن ئېتىراپ قىلىنمىغان.
خەلقىمىز ئىچىدە «ئىلى» ئاتالغۇسىغا مۇناسىۋەتلىكيۇقىرىقىغا ئوخشاش رىۋايەتنىڭ خىلمۇخىل ۋارىيانتلىرى تارقىلىپ يۈرمەكتە. مەسىلەن، ئەينىدەۋردە دەريادا نۇرغۇنلىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكلىرى ئېقىپ كېلىدىكەن. بىر بوۋاي ئۇزۇنبىر ئىلمەك ياسىۋېلىپ، بۇ ھايۋانات ئۆلۈكلىرىنىڭ سۇنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن دەرياسىرتىغا سۈزىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر شۇ بوۋاينىڭ بۇ خىل ئىشىغا قارىتا دەريا نامىنى«ئىل دەرياسى» دەپ ئاتىغان ئىكەن. چىڭ خانىدانلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىن بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىئىلغا سۈرگۈن قىلغاندا نۇرغۇنلىغان سۈرگۈنلەر زۇلۇمغا چىدىماي دەرياغا ئۆزىنى ئېتىۋالغان.بايتوقايلىق بىر بوۋاي ئىلمەك ياساپ، ئۇلارنى دەريادىن سۈزۈپ قۇتۇلدۇرۇۋالغان. شۇنىڭبىلەن كىشىلەر بۇ دەريانى «ئىل دەرياسى» دەپ ئاتىغان.
ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن يۇقىرىقى رىۋايەتلەردىنشۇنى ھېس قىلىمىزكى، بۇ رىۋايەتلەر قايسى دەۋرنى ئىپادىلىگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،دەريانىڭ نامىنى «ئىل،ئىلمەك» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمىز.
3. ئىلى دەرياسى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكىدەريا بولۇپ، ئۈچ چوڭ ئېقىندىن تەركىب تاپىدۇ. 1–چوڭ ئېقىن تېكەس دەرياسى بولۇپ، بۇقازاقىستان تەۋەسىدىكى تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي يانباغرىدىن (يەنى قىرغىز تېغىدىن)باشلىنىپ، غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ، كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسىغا كەلگەندە، كۈنەسدەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىلى دەرياسىنى شەكىللەندۈرۈپ، غەربكە قاراپ ئاقىدۇ. باشلىنىشنۇقتىسىدىن نەسىللىك قوي فېرمىسىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 458 كىلومېتىر، يىللىقئېقىن مىقدارى 8 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، قار–مۇزلارنىڭ ئېرىشى ئاساسىداشەكىللەنگەن سۇنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ يۆنىلىش ئېقىن ئىلى دەرياسىنىڭ ئومومىي يىللىق ئېقىنمىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. 2–ئېقىن كۈنەس دەرياسى بولۇپ، ئومومىي ئۇزۇنلۇقى208كىلومېتىر. بۇ دەريا بايىنغولىن ئوبلاستىغا تەۋە ئېلىنقابىرغا تېغى بىلەن ئاۋرالتېغىنىڭ تۇتاشقان يېرىدىن باشلىنىدۇ. دەريا ئېقىنى كۆپىنچە ھۆل–يېغىن سۈيىنى ئاساسقىلىدۇ. قار–مۇزلۇق سۇ ناھايىتى ئاز. شۇڭا ئېقىن مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، يىللىقئېقىن مىقدارى 2مىليارد 100مىليون كۇب مېتىر. 3–ئېقىن قاش دەرياسى (ئىلى دەرياسىغاياندىن قېتىلغان، قېشىدىن قېتىلغان دەريا دېگەن مەنىدە) ئېلىنقابىرغا تېغىدىن باشلىنىپشەرقتىن غەربكە قاراپ ئېقىپ ياماتو ئەتراپىدا ئىلى دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. ئومومىي ئۇزۇنلۇقى300 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. سۇ ئېقىن مىقدارى 4مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.
ئىلى دەرياسىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى (ئاساسىي ئېقىنبولغان تېكەس دەرياسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن بالقاش كۆلىگىچە) تەخمىنەن 1500كىلومېتىركېلىدۇ. «كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسى»دىن تارتىپ، بالقاش كۆلىگىچە بولغان ئارىلىق«ئىلى دەرياسى» دەپ ئاتىلىدۇ. دەريانىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا ئاساسىيئېقىن تېكەس دەرياسى ‹نەسىللىك قوي فېرمىسى› غا كېلىپ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، غەربكەقاراپ ئاقىدۇ. مۇشۇ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئاساسلانغاندا، ئىلى دەرياسىنىڭ ئېقىنشەكلى ئەپكەشنىڭ ئىلمىكىگە ئوخشايدۇ. گەرچە كۈنەس دەريالىرى قوشۇلۇپ ئاقىدىغان بولسىمۇ،بىراق چوڭ ئېقىن تېكەس دەرياسى ئىلى دەرياسىغا نىسبەتەن «كۈنەس نەسىللىك قوي فېرمىسى»غاكەلگەندە بىر ئىلمەك ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دەريامۇ دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىپئىلى دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. دەريانىڭ ئىلمەك شەكلى خەرىتىگە ناھايىتى ئېنىق چۈشۈرۈلگەنبولۇپ، بۇ دەريا ئەسلىدە بىر ئىلمەك شەكىللىك دەريا. ئەجدادلىرىمىز كۆچمەن چارۋىچىلىقبىلەن شۇغۇللانغان دەۋرلەردە سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ ياشاش جەريانىدا دەريانىڭ جۇغراپىيلىكشەكلىنى ئاللىقاچان ئىگىلەپ بىلگەن. شۇڭا بۇ دەريانى «ئىلمەك دەريا»، قىسقارتىپ «ئىلىدەرياسى» دەپ ئاتىغان. «ئىل» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى نەتىجىسىدە تەبىئىي ھالدا كەينىگەبىر «ى» تاۋۇشى قوشۇلۇپ فونتېكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، «ئىلى دەرياسى» دەپ ئاتالغان.
4. «ئىلى» ئاتالغۇسى يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئىلى دەرياسىنىڭنامى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئومومىي ئاتالغۇ بولۇپ، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭئومومىي نامىغا ئايلانغان. شۇڭا ھازىرغا قەدەر ئىلى دەريا ۋادىسىغا تەۋە بولغان ئىلىئويمانلىقىنىڭ ئومومىي ئاتالغۇسى بولۇپ كەلمەكتە. ئادەتتە ئىستېمالدا «ئىلى» ئاتالغۇسىتىلغا ئېلىنسا، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن كەڭ كەتكەن زېمىنلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
دېمەك، ئوموملاشتۇرغاندا، يۇقىرىدىكى پاكىتلار شۇنىچۈشەندۇرىدۇكى، «ئىلى» سۆزى جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مىلادىدىن بۇرۇنقىدەۋرلەردىلا مۇشۇ زېمىندا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرچەنام دەپ قاراشقا بولىدۇ.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
*«شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتمولوگىيىسى»، قۇربانجانئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخان
* «تۈركىي تىللار دىۋانى»، مەھمۇد قەشقىرى
* «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 1986–يىللىق سانلىرى،1987–يىل 4–سان
* «ئىلىنىڭ يەرلىك جۇغراپىيىسى»
* «جۇڭگونىڭ يەر شەكلى خەرىتىسى» (ئۇيغۇرچە)
مەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى، 2007–يىل 4–سان،ماقالە ئاپتورى: ئادىل ئارۇپ (غۇلجا شەھەرلىك 21–ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇشگۇرۇپپىسىدا)


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:12 , Processed in 0.061330 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش