|
UKY ئىملا قائىدىسى
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى يەنى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) بىلەن خەت يازغاندا تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە يېزىش كېرەك.
1. جۈملىنىڭ بىرىنچى سۆزىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.
2. ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى، دۆلەت ناملىرى، مىللەتلەرنىڭ ناملىرى ۋە يەر-جاي ئىسىملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: Mehmud Qesqeri, Uyghur, Amérika, Ürümchi
3. خاس ئىسىملارنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. چەتتىن كىرگەن خاس ئىسىملار ئۇيغۇر تىلىغا بوي سۇندۇرۇپ يېزىلىدۇ، ئەسلى شۇ تىلدا يېزىلىشىنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.
مەسىلەن: Qesqer, Yüsüp Xas Hajip, Niyu York (New York), Béyjing (Beijing), Arman
4. قىسقارتىلغان ئىسىملار چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: AQSh, BDT, UKY
5. خەلقئارا بىرلىكلەر، قىسقارتىلما سۆزلەر ۋە تاۋار ناملىرى ئۆز پېتى يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: MTV, VCD, DVD, m, cm, volt, Microsoft
6. قىسقارتىلغان سۆزلۈكلەرنىڭ ئىچىدە قوشما ھەرپ بولسا شۇ ھەرپنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ يېزىلىپ ئىككىنچى ھەرپى كىچىك يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: A.Q.Sh (ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى)، B.D.T. (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ، Sh.U.A.R. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
7. مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ ناملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni
8. يۇقۇرىكىلەردىن باشقا ئەھۋاللاردا ھەرپلەر بىردەك كىچىك يېزىلىدۇ.
9. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم ئۇزۇك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف (') بىلەن ئايرىپ يېزىلىدۇ.
مەسىلەن: sen'et, chet'el, qet'iy, jem'iyet
10. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف بىلەن ئايرىپ يېزىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر گراماتىكىسى بويىچە يەنى ئۇيغۇر تىلىدا ھەر بىر بوغۇمدا بىر سوزۇق تاۋۇش بولىدۇ، ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كېلىشىنىگ ئۆزىلا بوغۇم ئايرىشنىڭ بىشارىتىدۇر.
مەسىلەن: maarip, muellim, daire, mueyyen, tebiiy, paaliyet
11. پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن s'h, n'gh, n'g, ng'h لار ئارىسىغىمۇ ئاپوستروف قوشۇپ قويىلىدۇ.
مەسىلەن: Is'haq, Özbékistan'gha, Hin'gan, Cheklen'gen, Ganggirap, Baslan’ghuch
|
|