مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 372|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە قوشاق * نىجات سوپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2016-1-28 20:53:16 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە قوشاق

نىجات سوپى

ئۇيغۇر تىلى- بىزنىڭ تىلىمىز،
تارىخى بەك ئۇزۇن، بىلىمىز.
ئۇنىڭ بەزەن سۈپەتلىرىنى،
بىز تۆۋەندە بايان قىلىمىز.

ئۇندا سەككىز سوزۇق تاۋۇش بار،
تۆتى ئالدى، تۆتى كەينىدە.
«ئا، ئە» ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ،
«ئې، ئى»لارغا بەزى-بەزىدە.


يىگىرمە تۆت ئۈزۈك تاۋۇش بار،
ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئېيتىسەن ئۇنى.
سوزۇق بىلەن قوشۇلمىسا ئۇ،
بوغۇم بولماس، ئۇنتۇما بۇنى.

ئۈزۈكلەرنىڭ بەزى جاراڭسىز،
بەزىلىرى چىقار جاراڭلىق.
جاراڭسىزنى جاراڭلىتاي دەپ،
قىلىپ يۈرمە بىكار ساراڭلىق.

ئوتتۇز ئىككى تاۋۇش ھەممىسى،
ئوتتۇز ئىككى چىشىڭدەك گويا.
ئاسرىمىساڭ ئانا تىلىڭنى،
ئاغرىق باسار چىشىڭدىن تولا.

تۈركۈملەرگە بۆلۈنىدۇ سۆز،
مۇستەقىل ھەم بەزىسى ياردەم.
مەنالارنى قىلىدۇ ھاسىل،
بىر-بىرىگە بولۇشۇپ ھەمدەم.

ئىسىملارنىڭ كېلىشلىرى بار،
ئالتە ئىدى تۈرلىرى بۇرۇن.
خەمىت تۆمۈر تېپىپ نەچچىنى،
ئون نەچچىگە راستلىدى ئورۇن.

ئالماشلىرىڭ ئالمىشىپ قالسا،
سەنمۇ يۈرمە تىلدىن ئادىشىپ.
پېئىلنىڭ كۆپ ئۇلىنىشى بار،
ئالىم ئەھەت بەرسۇن قارىشىپ.

سۆزلىرىمىز بەزەن مەنىداش،
بەزەن بولار قارىمۇ-قارشى.
ئاھاڭداشنى ئايرىيالماستىن،
ئېيتىپ قالما خىجالەت مارشى.

جۈملە ئۆزى بىر چوڭ قۇرۇلما،
باش ۋە ياردەم بۆلەكلىرى بار.
بەزى سوئال، بەزىسى ئۈندەش،
بەزەن بۇيرۇق بېرىشلىرى بار.

ئىگە كېلەر ئالدىدا ئاكتىپ،
خەۋەر دائىم قالار ئارقىدا.
تولدۇرغۇچى، ھالەتلەر قېنى؟...
مۆكۈۋالار بەزەن دالدىدا.

تىلچى دوستۇم، يېڭى يېزىقنى،
ماقتاۋەرمە، ئەمدى ئامال يوق.
شۈكرى قىلىپ كونا يېزىققا
ئېسىلايلى، كۆڭۈل بولسۇن توق.

ھوشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئاكاملار،
قىلىپ بەردى نۇرغۇن ئىشنى ھەل.
ئەندى ئازراق تىرىشساق يەنە،
بولۇپ كېتەر توققۇزىمىز تەل.

تىل- ئالاقە قورالىمىزدۇر،تىل
ئىشقىدا كۆيەيلى، دوستلار.
ئۇنى ھەردەم توغرا قوللىنىپ،
چىن يۈرەكتىن سۆيەيلى، دوستلار.

2016-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، غۇلجا.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:17 , Processed in 0.054606 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش