ئانا تىلىم كۆيىۋاتقان ئورمان
ئىچىدە، ئۇچراپ قالدىم ئانا تىلىمغا.
ئانا دىسەم كەتتى قارىماي ،
مۇش تەككەندەك بولدى دىلىمغا.
ئانا تىلىم رەنجىپتۇ قەۋەت ،
خاپىلىقتىن بوپ قاپتۇ كېكەچ،
يېتىپ قاپتۇ مەخمۇت بوۋامنىڭ ،
قەۋرىسىدە مۇڭدىشىپ بىر كەچ.
ئانا تىلىم ئۆگەي ئاتىلىپ،
قوغلىنىپتۇ ئىسسىق ئۆيىدىن،
يات ئاۋازلار ،ناتونۇش نازلار،
ئورۇن ئاپتۇ ئۇنىڭ تۆرىدىن.
ئانا تىلىم ئۆگەي ئاتىلىپ،
ھەسرەت ئىچرە تۆكۈپتۇ كۆپ دەرت
ئۆز بالىسى خارلىغان شۇ كۈن،ئالمىشىپتۇ دوۋزاخقا جەننەت.
ئوغلى دەرمىش ئۆگەي ئانىسى،
چىرايلىقمىش ئۇندىن مىڭ ھەسسە،
يېقىملىقمىىش بۇلبۇل ئۈنلىرى،
نازىنىنلار قالارمىش چەتتە.
ئۇنتۇپ قاپتۇ ۋاپاسىز ئوغلى،
ئانا ئېيتقان ئەللەي ناخشىنى،
شۇ ناخشىدىن نۇرلانغانتىغۇ،
ساداقەتنىڭ سۈزۈك ئاسمىنى.
شۇ ناخشىنى ئاڭلىغان بۇلبۇل،
ھەسەت بىلەن تولغىنار ئىدى،
تەنھا كىيىك يولۋاس ئاغزىدىن،
ناخشا تامام يۇلقۇنار ئىدى.
شۇ ناخشىچۈن ئاشىق ناۋايى،
ئاشىقلىقتا ئۇلۇغ سانالغان،
شۇ ناخشىچۈن خەنمەيىر ئۇستاز،
ئاداققىچە مۇنبەر تالاشقان.
ھالا بۈگۈن بوينى قىسىلىپ،
نادامەتتىن دېمى سىقىلىپ،
نە ئۆيى يوق،نە بىر باش پاناھ،
سەرسانلىقتا قاپتۇقېقىلىپ.
ئېخ ئانا تىل ،ئانامدەكلا تىل،
ئەڭ ياخشى زات ئاتامدەكلا تىل،
بىر جېنىمغا مىڭ لەززەت بەرگەن،
بۆشۈكتىكى بالامدەكلا تىل.
سۆيەلمىدىم لېۋىم تۇرۇپمۇ،
سۆزلەلمىدىم تىلىم تۇرۇپمۇ،
يۆلەلمىدىم مەجرۇھ تېنىڭنى،
غەملىرىڭنى بىلىپ تۇرۇپمۇ.
ھالال ئىدىڭ قۇربانلىق قويدەك، يىيەلمىدىم چىشىم تۇرۇپمۇ،
تەستە سالغان قەسىرىم ئىدىڭ،
بېزەلمىدىم پۇلۇم تۇرۇپمۇ.
قەھۋە ئەمەس ئەتكەن چېيىمسەن،
بولكا ئەمەس قۇياش نېنىمسەن،
ئۆزگىلەرگە تىرىك يىتىمسەن،
مېنىڭ ئۈچۈن كىندىك قېنىمسەن.
سېنىڭ بىلەن ئۇچچۇر يوللىسام،
دوزاختىمۇ سىگنال ئاقىدۇ،
سېنىڭ بىلەن شېىر ئوقۇسام،
يۈرىكىمدىن باھار تامىدۇ.
مەھھمۇد بوۋام كەزگەن يۇرتلارغا،
سېنى يۈدۈپ ئېلىپ كەتكۈم بار،
بىر ئىشقىڭغا مىڭ تونۇر ياساپ، ئوتۇن بولۇپ كۆيۈپ كەتكۈم بار.
قايتاشىمدا كۆيۈك ئورماندىن،
ئۇچراپ قالدى شورلۇق شاتوتى،
سايرىمىغىن ئاۋارە قۇشلار،
بىز ياشاشتىن كەچمىدۇق تېخى!
ماھىرە ھاجىئەكبەر
2015-يىل 21-فېبرال |