•                                                                                   

    مەن مۇسۇلمان، ئەمما مەن تېرورچى ئەمەس" بۇ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى ھەربىر ھەقىقى مۇسۇلماننىڭ يۈرەك سۆزى    بولۇپ قالدى، ھىكايىدىكى باش پىرسۇناژ رىزۋانخان (شاھرۇھخان باش رول ئالغان) دەل 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىدىكى يەكلەشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەم ئۇچرىغان مۇسۇلمان بولۇپ،  ئۆزىنىڭ بىر ياخشى ئادەم بىر ياخشى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئامېرىكا پرېزدېنتى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن چەككەن جاپالىرى تەسۋېرلىنىدۇ، بۇ فىلىمنىڭ باشقا ھىندىستان مۇھەببەت كىنولىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە يېرى شۇكى  مەزكۈر فىلىمدە ھەقىقى تۇرمۇش كارتىنىسى ئەينەن تەسۋىرلەنگەن. ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى 2009-يىلى شاھرۇھخان ئامېرىكىغا بېرىپ ئۆز فىلىمىنى تەشۋىق قىلماقچى بولغان ۋاقتىدا يېڭى جېرسىي شىتاتىدىكى نيۇۋاك ئايرۇدۇرىمىدا تۇتۇپ قېلىنىپ توپتۇغرا ئىككى سائەت سوراق قىلىنغان، سەۋەبى شۇكى ئۇنىڭ ئىسمىدا ئىسلام پۇرىقى بولغانلىقى، ئاخىرىدا ئامېرىكىدىكى ھىندىستان كونسولىنىڭ ئوتتورىغا چىقىشى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن، مەزكۈر فىلىمدىمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇن قىستۇرۇلۇپ ئۆتۈلگەن ....