-
پاجىئەلىك كۈننى خاتىرىلەش
Posted by:tashqin @ 2010-08-09 18:15:41
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/72364348.html
ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە تۇنجى ئاتۇم بومبا پارتلاش پاجىئەسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.بۇ يىلقى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تۇنجى قېتىم بىر ئامېرىكىلىق ئەمەلدار قاتناشتى.65 يىل ئىلگىرى 140 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان خىروشىما شەھىرىدىكى قايغۇلۇق مۇراسىمغا ياپونىيە باش مىنىستىرى نائوتو كان بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كى مۇن قاتارلىق ئون مىڭ دىن ئارتوق كىشى قاتناشتى.مۇراسىمدا سۆز قىلغان باش مىنىستىر نائوتو كان، ئاتوم بومبىنىڭ دەردىنى بىردىن ـ بىر ۋە تۇنجى قېتىم تارتقان ياپونىيەنىڭ يادرو قوراللاردىن خالىي دۇنيا يارتىشتا بايراقدارلىق رولىنى ئويناشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتەك تارىخىي بىر مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.بان كى مۇنمۇ سۆز قىلىپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كەڭ ـ كۆلەملىك ۋەيران قىلغۇچ قوراللارغا قارشى كۈرەشتە ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى قاتاردا رول ئوينايدىغان ھالغا كەلتۈرش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنى ئېيتتى.جەمئىي 74 دۆلەتتىن نۇرغۇن كىشى قاتناشقان بۇ يىلقى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا بىر يېڭىلىق بولدى. خىروشىما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىككى قېتىم ئاتوم بومبا تاشلىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇراسىمغا تۇنجى قېتىم بىر مەسئۇلنى ئەۋەتتى.مۇراسىمغا ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى جۇنروس قاتناشتى.1945 ـ يىلى 6 ئاۋغۇست كۈنى تۇنجى قېتىم ئاتوم بومبا تاشلانغان خىروشىمادا، شۇ كۈنى ۋە كېيىن بولۇپ، جەمئىي 140 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇنىڭدىن 3 كۈن كېيىن ناگاساكى شەھىرىگە ئىككىنچى ئاتوم بومبىنى تاشلىغان ۋە بۇ قورقۇنچلۇق پاجىئەدە 70 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
收藏到:Del.icio.us