• 版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/69845994.html

    جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى "9 غەلىتە ئىش"قا ئالىملارمۇ ئامالسىز قالدى

     

    دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىش بىلەن بىرگە كىشىلەرگە بىر قاتار چۈشەندۈرۈش تەس بولغان غەلىتە ھادىىسلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى.

     

     

    بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىس پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئەڭ سىرلىق بولغىنى، مۇسابىقىنىڭ ئافرىقىدا ئېلىپ بېرىلغىنى بولدى، تۇنجى قېتىم ساھىبخان دۆلەت كوماندىسى 16 كۈچلۈك قاتارىغا كىرەلمىدى، تۇنجى قېتىم ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپيۇن بولغان ۋە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندا گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدىلا سىقىپ چىقىرىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرگە چوڭقۇر ئەسلىمە ۋە يېڭى تىمىلارنى قالدۇردى. كىشىلەر جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلىگەندە، بەزى چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت، بۇلار كىشىلەرنى تەبىئەتنىڭ سىرلىقلىقى ۋە كىشىلىك ھاياتتىكى ئىشلاردىن خۇرسىندۇرىدۇ.

     

    بىئولوگلارنىڭ ئامالسىزلىقى ____ سەككىز ئاياغ "ھۆكۈما"

     

     

       

    گېرمانىيە ئوبخاسىن سۇ جانلىقلىرى موزىيىدىكى سەككىز ئاياغ پاۋلو، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى "ھۆكۈما"غا ئايلاندى. 2008-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، پاۋلو گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ 5 مەيدان مۇسابىقىسىنى توغرا پەرەز قىلغان، پەقەت ئەڭ ئاخىرقى مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى خاتا پەرەز قىلغان. بۇ نۆۋەت، پاۋلو يەنە بىر قېتىم كارامىتىنى كۆرسەتتى ھەمدە خاتالاشمىدى، توغرىلىق نىسبىتى %100 بولدى.

     

    بىئولوگلار بۇنى ئىلمى پىرىنسىپلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، پاۋلو ئۆزى يېمەكلىككە ئاساسەن دۆلەت بايرىقىنى تاللايدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقاردى. پاۋلو ھەقىقەتەن ئوچۇق قىزىل رەڭ بولغان دۆلەت بايرىقىنى تاللاشقا ئامراق، لېكىن نېمە ئۈچۈن 2008-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولغاندا ئۇ گېرمانىيە كوماندىسىنى تاللايدۇ؟ يەنە نېمىشقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيەنى تاللايدۇ؟ قارىغاندا رەڭ ھەرگىزمۇ پاۋلونىڭ پەرەز قىلىش ئۇسۇلى ئەمەستەك تۇرىدۇ. ئۇ نېمىشقا مۇشۇنداق توغرا تاپىدىغانلىقىمۇ بىئولوگلار چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز ئەھۋال.

     

    فىزىكاشۇناسلارنىڭ ئامالسىزلىقى ____ "JABULANI" (بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىشلىتلگەن توپ، خەنزۇچە ئاتىلىشى "普天同庆")

     

     

    ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزى (NASA) دىن كەلگەن ئالىملار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايلارنىڭ ھاۋا بېسىمى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى، مەسىلەن، قارشىلىق كۈچى ۋە لەيلىتىش كۈچىمۇ بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، پۇتبولمۇ دېڭىز يۈزىدىن بىر قەدەر تۆۋەن ئورۇندىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇچۇشى تېز ھەم تۈز بولىدۇ. يۇھاننسبۇرگنىڭ دېڭىز يۈزى 1680 مېتىر، شۇڭا بۇ شەرتكە چۈشىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى ھەرىكەتلىنىۋاتقان توپنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋىتىدىگەن، لەيلىتىش كۈچى بولسا توپنى تۈز سىزىقتىن يىراقلاشتۇرىدىكەن. بۇ ئىككى كۈچ ھاۋانىڭ مەۋجۈتلىقىدىن شەكىللەنگەن، ئەتراپتىكى ھاۋا شالاڭ بولغاندا، بۇ كۈچلەر ئاجىزلايدۇ، شۇڭا يۇھاننىسبۇرگدا توپ تەپكەندە توپ تېخىمۇ تېز ھەم تۈز مېڭىشى كېرەك.

     

    ئەمما، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول  مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلگەن توپ "JABULANI" گەرچە ھەقىقەتەن تېز بولسىمۇ، ئۇنچە تۈز ماڭمىدى. ئەڭ ياخشى مىسال، ئۇراگۋاي كوماندىسىدىكى ئالدى ھۇجۇمچى فورلاننىڭ مۇسابىقىدىكى ئىككى توپى، گانا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە، فورلان كۈچ ئىلمىنىڭ پىرىنسىپىغا زىت بولغان S سىزىقلىق ئىختىيارى توپنى تەپتى، گوللاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كىرگەن توپمۇ ئۇچۇپ كېتىۋىتىپ سەل يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتتى. سىرتىغا ئارتۇقچە ئويمان چىقىرىلغان "JABULANI"، ئايلىنىش كەمچىل بولغانلىقتىن، ھاۋا نىڭ تەسىرى بىلەن ئۇچۇش يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، توپ شەكلىنىڭ قانۇنىيەتسىز بولىشى توپ يۈزى ئەتىراپىدا سىممىترىك بولمىغان ھاۋا ئېقىمى پەيدا قىلىپ، توپنى يانغا ئىتتىرىدىغان كۈچنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ بەلكىم غەلىتە ئەگرى سىزىقلىق توپنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشى مۇمكىن، لېكىن قايىل قىلىش كۈچى ئاجىز. چۈنكى، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى كۆپىنچە ئىختىيارى توپنىڭ مېڭىشى قانۇنىيەتلىك، لېكىن ئوخشاش شارائىتتا، ئوخشا مۇسابىقىدىكى غەلىتە ئەگرى سىزىقلىق توپنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن.

     

    جۇغراپىيەشۇناسلارنىڭ ئامالسىزلىقى ___ ئادەم ئېگىزلىكتە تۇرسىمۇ "ئىنكاس يوق"

     

     

    جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئېگىزلىك رايوندا ئېلىپ بېرىلدى، 6 دانە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3 تۆۋەن ئىگىزلىكتىكى تەنتەربىيە مەيدانىغا سېلىشتۇرغاندا 5000 ئىنگلىز چىسى (تەخمىنە 1524 مېتىر) ئېگىز. ھاۋا تېخىمۇ شالاڭ بولغانلىقتىن، توپچىلارنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە بەدەن كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە توپچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېتىلىپ بارغىنى ناھايىت ئاز ئۇچرايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا توپچىلارنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىدە يۈگرەيدىغان ئارىلىقى تەخمىنەن 10 كلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز مەيداندا، ئۇلارنىڭ يۈگۈرۈش ئارىلىقى بەلكىم ئازىيىشى مۇمكىن. لېكىن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان سىتاتىستىكا مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن توپچىلارنىڭ يۈگۈرۈش ئارىلىقى 10 كلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

     

    باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئامالسىزلىقى ____ كىشىنىڭ كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتسە، قوشۇننى يېتەكلەش تەس

     

     

    ئانېلكا (阿内尔卡،Nicolas Anelka) نىڭ قوپاللىقى بىلەن، پۈتۈن كوماندا مەشىق تاشىلىدى، كوماندا باشلىقى ئېۋرا (埃弗拉،Patrice Evra) مەشىق تېرىنېرىنى مۇش بىلەن سالدى، كوماندىنى يېتەكلىگۈچى ئىستىپا بەردى..... فرانسىيە كوماندىسىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى ئىچكى نىزالىرى كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇىدۇ. باشقۇرۇش ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، باشقۇرغۇچىلار بىلەن قول ئاسىتىدىكىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش بولغاندا، باشقۇرغۇچىنىڭ خاتا بولسىمۇ، شەرتسىز ھالدا ئۇنىڭغا بويسۇنۇش كېرەك. بولمايدىكەن، پۈتكۈل باشقۇرۇش لىنىيىسى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ، يەنە كېيىنكىلەرگە باشقۇرۇش چىقىمى قالدۇرۇپ قويىدۇ. بىراق فرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن قارىغاندا ھىچقانداق باشقۇرۇش ئىزنالىرىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، داڭلىق توپ چولپانلىرى ئىنتايىن چوڭ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغان. فرانسىيە كوماندىسى ئىچكى قالايمىقانچىلىق چىقارغاندىن كېيىن، فرانسىيە تەنتەربىيە مىنىستېرلىكى مىنىستېرى، ھەتتا زۇڭتۇڭ ساركۇزى باش تېرىنېر دومنىكنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. لېكىن دومنىكنىڭ ئېۋرانىڭ پارتىلىشىنى كونترول قىلىشقا ئامالى يوق ئىدى.

     

    مەيلى فرانسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياكى دومنىك بولسۇن، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ قالايمىغان قوماندانلىق قىلىشىنى باشقۇرۇش ئىلمى جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز. 2008-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، دومنىك فرانسىيە كوماندىسىنى باشلاپ ئېچىنىشلىق ھالدا شاللىۋىتىلگەن ئىدى. لېكىن فرانسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يەنىلا ئۇنى ئورنىدا ئېلىپ قالدى، شۇنداق تۇرۇپمۇ، فرانسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى، "ئىشلەتكەن ئادەمدىن گۇمانلانماسلىق"نى قىلالمىدى، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۇلار باش تېرىنېرنى ئالماشتۇرۇش خەۋىرىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. لېكىن دومنىك كوماندىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، داڭلىق توپ چولپانلىرىغا مۇرەسسەچىلىك قىلىپ، بىر قىسىم ئىچكى نىزالارنى جەنۇبىي ئافرىقىغا سۆرەپ كەلدى. بۇمۇ باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا خىلاپ.

     

    ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئامالسىزلىقى ___ جەنۇبىي ئافرىقا راستىنلا پۇل تاپتىمۇ؟

     

    ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە، جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە نۇرغۇن پۇل تاپتى. ئەمما چۈشەندۈرۈش تولىمۇ تەس بولغان بىر نۇقتا شۇكى، نېمە ئۈچۈن ئۇلار تەكلىپ قىلغان توپ مەيدانىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى ئىش تاشلاپ قارشىلىق قىلىدۇ؟ شۇلار بىلەن بىرگە ئىش تاشلىغانلاردىن يەنە بىر قىسىم باشقا توپ مەيدانىدىكى خادىملارمۇ بار. ئىش تاشلاشنىڭ سەۋەبى بولسا، تەشكىللەش كومېتىتى ئۇلارغا مۇئاش بەرمىگەن.

     

     

    ئۇندىن باشقا، مۇتەخەسىسلەر دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىساتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ قارىغان ئىدى، لېكىن ئەڭ يېڭى ئىشسىزلىق نىسبىتى كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت 2010-يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدىلا، جەنۇبىي ئافرىقىدا 79 مىڭ ئادەم ئىشتىن قالغان، ئۆتكەن 12 ئايدا 240 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە، ئىشسىزلىق نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەن.

     

    مېتېئورولوگلارنىڭ ئامالسىزلىقى ___ تەڭرىمۇ تەسىرلەنگىنىدىن "يىغلىۋەتتى"

     

     

    مېتېئورولوگلار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن، پۈتكۈل جەنۇبىي ئافرىقا رايونىدا، يىللىق ھۆل-يېغىن ئازلايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا قۇياشنىڭ يورۇتۇش مىقدارى يېتەرلىك بولۇپ، كۆپىنچە رايونلاردا دەرىجىسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى ھەمدە ئۇلار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە يامغۇرلۇق جەڭنىڭ يۈز بېرىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس، دەپ پەرەز قىلىشقان. لېكىن ئەڭ ئاخىرى چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ئەھۋال يۈز بەردى، نۇرغۇن مۇسابىقىلەر يامغۇرلۇق ھەتتا مۆلدۈر ياغقان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلدى.

     

    مېتېروئولوگلار، ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئەڭ زىيان تارتقان كوماندا كورىيە كوماندىسى، ياپونىيە كوماندىسى، چاۋشىيەن كوماندىسى، ئەمما چاۋشىيەن كوماندىسىدىن باشقا ياپۇنىيە ۋە كورىيە يەنىلا 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى، ھاۋا رايىنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئانچە چوڭ دېگىلى بولمايدۇ، دە قارىدى. لېكىن ساھىبخان دۆلەت شۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغا ئەڭ ماسلىشىدىغان كوماندا بولىشى كېرەكتى، ئەكسىچە مۇسابىقىدە ئۇلار شاللىنىپ كەتتى.

     

    پىسخولوگلارنىڭ ئامالسىزلىقى ____ ئۇتقىنى كۆرەڭ، ئۇتتۇرغىنى گاراڭ

     

    روبىنىئو برازىلىيە گوللاندىيە تەرىپىدىن شاللىۋىتىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مەيداندىكى ھېسياتىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، برازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئىككى يېرىم مەيداندىكى نورمالسىز ھالىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. روبىنىئومۇ پىسخلوگ ئەمەس، لېكىن ھەقىقىي پىسخولوگلارمۇ بۇنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا 1:0 بولۇپ ئارقىدا قالغاندىن كېيىن، برازلىيە كوماندىسى، ئىككىنچى مەيداندا تاقەتسىزلىنىشكە باشلىدى، ئارقا-ئارقىدىن خاتالىق سادىر قىلىپ، كەيپىياتىنى كونترول قىلالماي قالدى.

     

     

    يەنە گېرمانىيە كوماندىسى، گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسى ۋە ئىككى مەيدان شاللاش مۇسابىقىسىدە ئوڭۇشلۇق ئوينىدى، گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدە، سېرۋىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرىۋەتكەن بولسىمۇ، مۇسابىقىدىكى ئەۋزەللىكنى قولغا ئالدى. لېكىن ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، گېرمانىيە كوماندىسى ئىككىلىنىش روھسىزلىنىش ھالىتىگە كېلىپ قالدى، تاكى قارشى تەرەپ توپ ئۇرغاندىن كېيىنلا ھوشىنى يىغدى.لېكىن كېچىككەنىدى. برازىلىيە كوماندىسىغا ئوخشاش، گېرمانىيىلىكلەرنىڭ رەقىبى ئالدىدىكى پىسخىك ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.

     

    پىسخولوگلار ئىلىگىرى يەنە، ئاساسلىق نۇقتا توپ ئۇرغۇچى توپچى ئەگەر ۋارتارغا قارىمىسا، توپنى تېخىمۇ ئاسان كىرگۈزەلەيدىغانلىقىنى، چۈنكى كۆزنىڭ توپچى تاللىغان يۆنىلىشنى ئاشكارىلاپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز بولغىنى، ئىسپانىيە كوماندىسىدىكى ئارونسو مۇسابىقىدە ئىككى قېتىم نۇقتا توپ ئۇردى، بىرىنچى قېتىم ئۇ ۋارتارغا تىكىلىپ تۇرۇپمۇ توپنى كىرگۈزدى، رېپىر ئۇنى قايتا تېپىشكە ئىشارەت قىلغاندا، ئارونسو ۋارتارغا قارىمىدى، نەتىجىدە توپ كىرمىدى.

     

    يەنە بىر ئەھۋالمۇ ئىنتايىن غەلىتە، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانى پەيدا بولغاندا، گېرمانىيە كوماندىسى ئارگىنتانى يېڭىۋالدى، مېركىل دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن، ئۇلار ئىسپانىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويدى، بۇ ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىسپانىيە خانىشى سوفىيەنىڭ كۆرۈش سەھنىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇلار زادى توپچىلارغا قانچلىك مەدەت ئېلىپ كەلگەندۇ؟

     

    ئىلاھشۇناسلارنىڭ ئامالسىزلىقى ___ ھەر قايسى "ئىلاھلار"نىڭ مەشھۇرلىقى

     

    ئىلاھشۇناسلىق ئىلمى ئاساسلىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى "پېرىخونلۇق جېڭى"دە نامايەن بولىدۇ، جەنۇبى ئافرىقىدىكى پېرىخونلار ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كوماندىسىغا ياردەم قىلدى، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى، جەنۇبىي ئافرىقا كوماندىسى ئويلىغاندەك ياخشى نەتىجە ئالالمىدى، نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان گانا كوماندىسى "8 كۈچلۈك"تە توختىدى. لېكىن پېرىخونلار ئۈمۈد كۈتكەن ساھىبخان كوماندا جەنۇبىي ئافرىقا كوماندىسى گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدىلا شاللىنىپ كەتتى.

     

    پېرىخونلارنىڭ كۈچى سىناققا بەرداشلىق بېرەلمىدى، لېكىن "ئالدىن ئېيتىلغان سۆز" لەر كارامىتىنى كۆرسەتتى. سەككىز ئاياغ پاۋلونى قويۇپ تۇرۇپ، پېلىنىڭ "شۇم ئېغىزى"نىلا دېسەك، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئىزچىل مەۋجۈد بولۇپ تۇرغىنىنىڭ ئۆزىلا بىر مۆجىزە. پېلى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە برازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئارگىنتىنا كوماندىسىنى كۆرۈپ قويغان، ئاخىرى ئىككى كوماندا شاللىنىپ كەتتى، پېلى ئۆزىنىڭ "مىڭ يىللىق چىراق" دېگەن نامىنى ساقلاپ قالدى. ئوخشىشىپ كېتىدىغان شەخسلەردىن جاگىرمۇ بار، بۇ گىگانت چولپان كىمنى قوللىسا شۇ ئۇتتۇرىۋەتتى، ئۇ ئامېرىكا، برازىلىيە ۋە ئىنگلادنى قوللىۋىدى، كەينى-كەينىدىن سەپتىن چۈشۈپ قالدى.

     

    ئۇندىن باشقا، قونچاققا يىڭنە سانجىپ قارغىش ئويۇنلىرىمۇ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە "مودا" بولدى. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى ئارگىنتىنا كوماندىسى، مىسسىنىڭ قونچاق ھەيكىلى برازىلىيىلىكلەر تەرىپىدىن سانجىلىپ بىر قىلىۋىتىلدى، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە "شاھ" دەرىجىلىك شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن دەرۋەقە ھىچقانداق ھوسۇل ئالالمىدى. برازىلىيىمۇ بەك پايدا ئېلىپ كەتمىدى، دۆلەت ئىچىدىكىلەر ئارگىنتىنانى قارغاۋاتقاندا، ئۆزلىرىمۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمىدى.

     

    بازارشۇناسلارنىڭ ئامالسىزلىقى ___ "سىرلىق ئايال

     

     

    2006-يىلى پىۋا شىركىتى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئېلانىنى توپچىلارنىڭ كالتە ئىشتىنىغا يوشۇرغان، نەتىجىدە بۇ ئارقىلىق خېلى ياخشى تەشۋىقات ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن ئىدى. لېكىن بۇ قېتىم ئۇلار يوشۇرۇن ئېلانلارنى ساھىبجاماللارغا يوشۇردى، بۇ پەقەت قىزلار ئامانلىق ساقلىغۇچىلار تەرىپىدىن سىرتقا چىقىرىۋىتىلىشنىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھىچقانچە دىققەتنى تارتالمىدى. ئوخشاشلا، تاماشىبىن سەھنىسىدىكى چولپانلار ۋە خانىملار ئۆمىكى، ھەمىشە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، تەشۋىقات رولىنى ئوينايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار دېگەن كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ياكى مودا ساھەسىدىكى كىشىلەر ئەمەسمۇ. ئەمما جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، خانىملار ئۆمىكى ئانچە كۆپ دىققەتنى تارتالمىدى، بۇ ئېنىقلا غەلىتە ئىش.

     

    ھەقىقىي ئېلان ئۈنۈمىگە ئېرىشكىنى لارىسسا.رېكىلمى، ئۇ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ ساھىبجامال بولۇپ قالدى. رالىسسا ھەتتا، ئەگەر پاراگۋاي يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلىگەن بولسا، مەيداندا يالىڭاچ يۈگرەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. پاراگۋاي شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ :"ئەگەر پاراگۋاينى يېڭىۋالغان ئىسپانىيە كوماندىسى چىمپيۇن بولسا، مەن ئۆزۈمنى دۇنيا ئاتىۋىتىمەن" دېگەن.

     

     شۇنچە داڭلىق خانىملار ئۆمىكى ۋە چولپانلارمۇ تەشۋىقات ئۈنۈمىگە يېتەلمىگەن يەردە، نېمە ئۈچۈن پاراگۋايلىق بۇ مودىل شۇنچە داغدۇغا قوزغايدۇ؟

     

    alkuyi.com 


    收藏到:Del.icio.us