-
2010دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلى
Posted by:tashqin @ 2010-07-16 17:06:56
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/69435832.html
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابقىسىدىكى ئەڭ ياخشى جەڭگىۋار قوشۇننى سايلاپ چىقتى، بۇنىڭغا ئىسپانىيە كوماندىسىدىن بەش ئادەم تاللاندى.
شىنخۇا ئاگېنىتلىقى، 12-ئىيۇل تېلېگراممىسى: ئىسپانىيە كوماندىسى 11-ئىيۇل 1:0 نەتىجە بىلەن گوللاندىيە كومانسىنى يېڭىپ، جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقسىى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىسپانىيە كوماندىسنىڭ غەلبە مارشى ئىچىدە پەردىسىنى ياپتى. فىرانسيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ ياخشى جەڭگىۋار قوشۇننى سايلاپ چىقتى.
6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى كاسسىلاس. شۇ كۈنى ئىسپانىيە كوماندىسى 0گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن شېۋىتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى.ۋاراتار: كاسسىلاس ( ئىسپانىيە )
ئىسپانىيە كوماندىسى يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قويدى، ئەلۋەتتە ۋاراتار كاسسىلاسنىڭمۇ تۆھپىسى زور. گۇرۇپپىدىن چىقىش ئايلانما مۇسابىقىسىدە، كاسسىلاسنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى شېۋىتسىە كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋالدى، لېكىن كاسسىلاس تەدرىجىي ھالدا ئەسلىگە قايتىپ، ئىسپانىيە كوماندىسىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە لوبېننىڭ ئۇرغان توپلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن تۇتىۋالدى. دېمەك كاسسىلاس دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ۋاراتار دېگەن شەرەپكە لايىقلىقى ئىسپاتلاندى.
7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئەزاسى لامۇس يەردە ئولتۇرۇۋېلىپ رېپىرغا ئىپادە بىلدۈرمەكتە. شۇ كۈنى، 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە.
ئوڭ بېك: لامۇس (ئىسپانىيە)
مۇداپىئە توپچىسى بولۇش سۈپىتىدە، لامۇسنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىش مۇمكىن، لېكىن ھەقىقەتەن مەسىلە يوق. ئۇ ئەڭ مۇنەۋەر ئارقا مۇداپىئىچى. ئىسپانىيە كوماندىسى-- گېرمانىيە كوماندىسى ۋە گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىلىرىدە، لامۇس مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئوڭ تەرەپ مۇداپىئەچىلىك ۋەزىپىسىنى ياخشى جارى قىلدۇردى.
ئوتتۇرا بېك: فېردرىچىس ( گېرمانىيە )
گەرچە 31 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن فېردرىچىس يەنىلا مۇسابىقە مەيدانىدا سالماقلىق بىلەن ئۆزىنىڭ پېشقەدەم سەركەردىلىك سالاپىتىنى نامايەن قىلدى. چەبدەسلىك بىلەن پاس بېرىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى. گېرمانىيە بىلەن ئارگېنىتىنانىڭ مۇسابىقىسىدە تۇنجى توپنى كىرگۈزدى.ئىسپانىيە كوماندىسىكى پۇللېر بىلەن كوماندا ئەزاسى پىك توپ كىرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ
ئوتتۇرا بېك: پۇللېر (ئىسپانىيە)
مۇسابىقە مەيدانىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈرۈپ ھەم جان پىدالىق بىلەن مۇداپىئە قىلىپ، كىشلەرنىڭ قەلبىدە باسالىق ئارقا سەپ مۇداپىئىسىنىڭ جاھىل ھەم مۇستەھكەملىكىنى نامايەن قىلدى. تولىمۇ ئاكتىپلىق ھەم چەبدەسلىك بىلەن گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كاللا توپتىن بىرنى سېلىپ، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىگە ياردەم قىلدى.
كېنتىللو (سولدا)
سول بېك: كېنتىللو ( پورتۇگالىيە )گەرچە پورتۇگالىيە كوماندىسى بالدۇرلا ئۆيىگە قايىتپ كەتكەن بولىسمۇ، لېكىن ئارقا سەپ مۇداپىئىچىسى كېنتىللونىڭ ئىپادىسى كىشلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ. ئۇ مەيداندا سول تەرەپتە ئاكتىپلىق بىلەن يۈگۈرۈپ مەيلى مۇداپىئەنى ساقلاش ياكى ھۇجۇم قىلىشتا بولسۇن كۆرىنەرلىك ئۈنۈم ياراتتى. كېنتىللونىڭ ئىپادىسى تولىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، پورتۇگالىيە كوماندىسنىڭ بىر توپنىمۇ كەتكۈزۈپ قويماسلىقتەك نەتىجە بىلەن غەلبىلىك ھالدا گۇرۇپپىدىن چىقىشىغا زور ياردىمى بولدى.
Bastian Schweinsteiger
ئوتتۇرا مەيدانچى: Bastian Schweinsteiger
بالاك بولمىسمۇ گېرمانىيە كوماندىسى يەنىلا ياخشى ئوينايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھازىر باشقا بىر ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا مەيدانچىنى مەركەز قىلدى، يەنى Bastian Schweinsteiger. ئۆلچەملىك پاس بېرىش ھەم ئۈنۈملۈك ھۇجۇم، گېرمانىيە كوماندىسىغا كاپالەت ئېلىپ كەلدى. ئەنگىلىيە ھەم ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە <كىچىك چوشقا> سۆزسىزلا مەيدان تەشكىللگۈچى بولۇپ قالدى.Javier Martinez Aguinaga
ئوتتۇرا مەيدانچى: جاۋېر ( ئىسپانىيە )
يېقىنقى پۇتبول ساھەسىدە، بەلكىم جاۋېرغا يېتىدىغان ئوتتۇرا مەيدانچى بولماسلىقى مۇمكىن. ئىسپانىيە كوماندىسنىڭ چېمپىيون بولىشىغا قەدەر بولغان مۇساپىدە، ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسدە، ئۇنىڭ پاس بېرىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان. ئىسپانىيە كوماندىسنىڭ چېمپىيونلۇق تىزىملىكىدە، بۇنداق بىر تالانت ئىگىسىنىڭ بولمىسا بولمايدۇ.ئوتتۇرا مەيدانچى: مۇللېر ( گېرمانىيە )
مۇللېرنىڭ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىىسى مۇسابىقسىدىكى ھوسۇلى ئەڭ كۆپ. بەش توپ كىرگۈزۈش ھەم ئۇيۇشتۇرغان ھۇجۇمىنىڭ كۆپ بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى بولۇپ باھالىنىپ <ئالتۇن كەش> نى كىيدى. بۇمۇ ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان مۇللېرغا نىسبەتەن تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئىش بولدى. لېكىن ئۇنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق، چۈنكى ئۇ ئەمدى تېخى 21 ياشقا كىردى.6-ئاينىڭ 19-كۈنى، گوللاندىيە كوماندا ئەزاسى سىنىدا (ئوڭ تەرەپتىكىسى) بىلەن كوماندا ئەزاسى توپ كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ. شۇ كۈنى گوللاندىيە ياپونىيە كوماندىسىنى 1:0 نەتىجە بىلەن يېڭىۋالدى.
ئوتتۇرا مەيدانچى: سىنىدا (گوللاندىيە)گولاندىيە كوماندىسى گەرچە كۈچتۈڭگۈرلەر لوڭقىسىنى كۆتىرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن سىنىدانىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسىگە كۆز يۇمساق بولمايدۇ، بىرازىلىيە كوماندىسىدىكى جەڭدە، سىنىدا ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى. گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ ياخشى پاس بېرىش ئۈنۈمى ھەم بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارى بىلەن گوللاندىيە كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرگە سۆرەپ كىرەلىدى.
ئىنىستا
سول تەرەپ ھۇجۇمچىسى: ئىنىستا ( ئىسپانىيە )
ئىنىستا ھەل قىغۇچ مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزدى، بۇ ئىسپانىيە كوماندىسىغا ياردەم قىلىپ تارىخنى يېڭىلىغانلىق بولۇپلا قالماستىن، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى توپچىلارنىڭ قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئەڭ ياخشى پۇت ماھارىتى، نەپىس توپ كونترول قىلىشى ھەمدە مۇسابىقىنىڭ ھالقىلىق پەيتىنى ياخشى ئىگىلەش جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ئۈمىدىگە ياخشى جاۋاب قايتۇردى.فېرلاند
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى: فېرلاند
ئۇراگۋاي كوماندىسنىڭ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشىدە، فېرلاندنىڭ مۇكەممەل بولغان ماھارىتىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. فېرلاندنىڭ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپىنىڭ كۆپىنچە يىراق ئارىلىقتىن ئۇرۇلغان توپ. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ تولىمۇ كېلىشتۈرۈپ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا ئۇرغان توپى بىلەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە بەش توپ كىرگۈزۈش ھەم ئوتتۇرا مەيدانغا قايتىپ ھۇجۇم تەشكىللەش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.شىنخۇا تورى كاكتوس تەرجىمىسى :مەنبەسى
收藏到:Del.icio.us