-
ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن شاللاقمۇ؟
Posted by:tashqin @ 2010-07-05 18:24:31
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/68225013.html
ئەنگلىيەلىك تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ:<<ئەرلەر كۆزىنى يۇمۇپ - ئاچقىچە بولغان
ئارىلىقتا مەلۇم بىر ئايالغا<ھۇجۇم>قىلىش ياكى قىلماسلىقنى بېكىتىپ بولىدۇ
،ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنى <شاللاق>دەپ ئەيىبلىسەك ئادىل بولمايدۇ،
چۈنكى بۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ چىرايىغا قاراپلا، ھەش - پەش دىگۈچە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىققا يارايدىغان
ياكى يارىمايدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىل- ئۇلاردىكى
<<قەدىمىي گېن> نىڭ گۈزەل چىرايلار ئەرلەرنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
بىراق ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللار ئەرلەرنىڭ ھەقىقىي ھىسياتىنى چۈشىنىشكە نەچچە ھەسسە كۆپ ۋاقىت
سەرپ قىلىدۇ،بۇنداق بولۇشىغا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە مەڭگۈ ھەمراھ بولۇپ
ياشايدىغان مۇقىم ئىدىيەلىك ئەر ياكى ئەمەسلىكى،ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقىنى
بېكىتىشكە ئۇرۇنىدىغانلىقى سەۋەب بولىدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ ياشاشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئىقتىدارى>>.
تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دېيىشتى:<<بۇ تەتقىقاتقا 20ئەر ۋە ئايال قاتناشتى،
بىزئۇلارنى مەلۇم بىر خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولۇشقا يېتەكلەپ،بۇ جەرياندا
ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە بولغان ئۆزگىرىشلەنى خاتىرىلىدۇق.سىناققا قاتناشقانلارنىڭ بۇ
خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولۇش داۋامىدا يەنە بىر تۈركۈم يات جىنىسلارنىڭ سۈرىتىنىمۇ كۆردى
،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گۈزەل چىرايلارمۇ،سەت تۇرقلارمۇ بار ئىدى.
سىناقنى قوبۇل قىلغان ئەرلەر گۈزەل ئاياللارنى كۆرگەندە دىققىتى چېچىلدى
،ئەمما ئاياللار ئاۋۋالقىدەك بىر خىل ئىپادىدە بولدى.
بەرھەق ، ئەرلەرنىڭ كۆزى گۈزەل ئاياللارنى كۆرگەندە ھەقىقەتەن ئالاق - جالاق بولۇپ كېتىدۇ،
بۇيەردىكى ئامىللارنىڭ ئەڭ مۇھىمى،چىراينىڭ گۈزەللىك دەرىجىسى
،ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ <شاللاق>مىجەزىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس>>.
مۇتەخەسسىسلەر ئاخىرىدا مۇنداق دېيىشتى:
<<بىز ھەقىقەتەن ئەرلەرنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارىلىقتا
ئاياللار ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ بولالايدىغانلىقىنى بايقىدۇق>>.
شىنخۇا ئاگنېتلىقى :مەنبەسى 历史上的今天:
كىم ئەڭ كىلىشكەن؟ 2010-07-05QQدىكى "ئوۋچى"لار (ھېكايە) 2010-07-05دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك دۆلەت_ دانىيە 2010-07-05
收藏到:Del.icio.us