• 版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/67203453.html

    ئەدەبىياتى تەرەققى تاپمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن سۆز ئېچىش مومكىن ئەمەس .چۈنكى ئۇ بىر روھى ئىلىم . ئىلىم -پەننىڭ تەرەققىياتىمۇ دەل ئەدەبىياتتىن باشلانغان

    ھايۋان چېغىدا ئالدىغا قويوپ بەرگەن يۇندىنى ئاۋال پۇراپ بېقىپ .ئاندىن ئىچىدۇ .بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىز ھازىر ئالدىغا قانداق مەدىنيەت ئۇچىرسا ،يېڭىلىق دەپ قۇبۇل قىلىۋەرمەكتە ،مۇشۇ نوقتىدىن ئىيتقاندا ،ھازىر بىر قىسىم ھايۋانلار بىز ئۈچۈن ئۈلگە .

    .

    .

     

    بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا-ئانىدىنمۇ ئارتۇق ھۆكۆمدار ۋە يىتەكلىگۈچى بولمايدۇ . بەزى ئاتا-ئانىلار نامسىز بۈيۈك ئۇستاز بولسا ،بەزى ئاتا -ئانىلار جىنايەت ۋە رەززىللىكنىڭ ياراتقۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .

    .

      سىز باشقىلارنىڭ .ھەسەتخورلىقىغا ئۇچىرسىڭىز ،سىزنىڭ نەتىجە قازانغانلىقىڭىزنىچۈشەندۈردۇ .  ،باشقىلارغا ، ھەسەتخورلۇق قىلسىڭىز سىزنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىڭىزنى چۈشەندۈردۇ

    .

    يانفۇن قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ،ئېغىز بىلەن قۇلاقنىڭ ئارلىقىنى يىقىنلاشتۇرغىنى بىلەن ،قەلىبلەرنىڭ يىراقلىشىشىغا يول ئېچىۋاتىدۇ .

    .

    سەن يۈكۈنۈپ بەرمىسەڭ ،خەقمۇ شىللەڭگە مىنەلمەيدۇ .

    .

    بىراۋنى چۈشەنسىڭىز ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز .

    بىراۋنىڭ تەبىئىتى ۋە ھەركەت قىلىش ئۇسسۇلىنى پىششىق بىلسىڭىز ،ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلالايسىز .

    بىراۋنىڭ مەقسىدىنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلىسىڭىز ،ئۇنى قايىل قىلالايسىز .

    بىراۋنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلسىڭىز ،ئۇنى ئۆزىڭىزگە قول قويدۇرالايسىز .

    بىراۋنىڭ مەنپەئەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلىسىڭىز ،ئۇنى تىزگىنلىيەلەيسىز .

    .

    سىتۇدىنىتلىرىمىزنى مىللى مەدىنىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ كىتىۋاتىدۇ ،دىيىشتىن بۇرۇن ،ئۇلارغا بىلىم بەرگەن ئوقۇتقۇچىىلارغا قاراشقا توغرا كىلىدۇ .

    .

    ئەر كىشىدىن غۇرۇر كۆتۈرلۈپ كەتكەندە ،ئايال كىشىدىن ھايا كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ .

    .

    يىگىتلەرنىڭ يېرىم يالاڭغاچ قىز ئالدىدىكى سۈكۈتى ،ۋىجدانى ئالدىدىكى يەنە بىر سوئال .

    .

    دۇنيا تارىخىدىن مەلۇمكى ،ئىلىم -پەندىن قوغلانغان تىلنىڭ شۆھرىتى بولمايدۇ ،ئەدەبىياتتىن قوغلانغان تىلنىڭ جېنى بولمايدۇ .پەلسەپەدىن قوغلانغان تىلىنڭ  مىڭىسى بولمايدۇ .سىياسى تۇرمۇشتىن قوغلانغان تىلىنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ . ئائىلىدىن قوغلانغان تىلىنىڭ ئۆزىمۇ بولمايدۇ .

    .

    كۈلدۈرگە ئارتىسلىرىنىڭ ئويۇنلىرىغا قاقاھلاپ كۈلۈپ ،ئۇبدانلا چاۋاك چېلىپ ،ئالقىشلاپ قويساڭلا كۇپايە ، ئۇلار ھەرگىزمۇ جاراھەتلەنگەن ،بۇرۇقتۇملانغان ،تىڭىرقىغان روھقا تەسكىنىلىك بىرەلمەيدۇ .

    .

    زامانىمىزدا مۇقام ئاڭلايدىغانلار ئاز ،ئۇنىڭ بىلەن ماختىندىغانلار كۆپ .

    بۇ بىزدىكى كۆچەت تىكىشنى ياختۇرمايدىغان ،مىۋىگە ئامراخلىق پىسخكىسى .

    .

    بىز غەرىپ مەدىنيىتىدىن ئۆزىمىزگە نىمىنى ئۆزلەشتۈردۇق ؟ -ئەلۋەتتە ھاياسىزلىقنى ،.

    .

    قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقىمايدۇ . بىزدە ئاشۇ قاغىچىلىكمۇ ئاڭ يۇقمۇ ؟

    .

    دۇنيا تارىخىدىن ساۋاق شۇكى ،كىيىنكىلەرنىڭ پىشانىسىدە قۇللۇق تامغىسى بار دىيىلسە ، ئۇنى ئالدىنقىلار قالدۇرۇپ كەتكەن .

    .

    بۇ دۇنيا ھەر بىر ئادەمگە پۇرسەتنى يارتىپ بەرگەن ،ئەمما ۋاقىتنى يارتىپ بەرمىگەن .

    .

    ئەرلەر بۇزۇلسا باشقىلارغا ئىشلەيدۇ . ئاياللار بۇزۇلسا ئۆزىگە ..

    .

    ئۆز تارىخىدىن پەخرلىنىشنىلا بىلىپ ،كۆز ئالدىدىكى رىقابەتنى كۆرەلمىگەن قەۋىم مەڭڭگۈ خار قەۋىمدۇر .

    .

    ئەڭ قوپال مەخلۇق ئىيىق ، پىل ، ئەڭ ياۋۇز مەخلۇق يولۋاس -شىرلارنى تەربىيلەپ سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىشكە كۆندۈرگەنلەرنى كۆرۈپ ،ئاتا-ئانىلارنىڭ <<باللىرىمىز تەربىيەگە كۆنمىدى ،گەپ ئاڭلىمىدى >> دىگندىن گۇمانلىنىپ قالدىم .

    .

    دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ھازا ئۈچۈنلا ئەمەس ،ئۆلۆمنىڭ دەھشىتىنى چۈشۈنىش ،ئۆلگۈچىدىن ئىبرەت ئىلىپ ،ھاياتنىڭ قەدرىگە يىتىش ئۈچۈندۇر .

    .

    ئاياللانىڭ يېىرم يالاڭغاچ كوچىغا چىقىشى ،ئەرلەرنىڭ ۋىجدانسىزلىقىنى مەسخىرە قىلىشى .

    .

    نادانلار شەھرىدە ،ئالىم ئەڭ غېرىپ .

    .

     

     

     
    ماقالە ئەسلى مەنبەسى : kangsay tori 

    收藏到:Del.icio.us