• ھىكمەتلەر ``

    Posted by:tashqin @ 2010-06-16 12:42:56

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/66191440.html

    شىر ئاغرىپ قېلىپ ئۆڭكۈردە ئىڭراپ يېتىپتۇ. ئەتراپتىكى ھايۋانلار كەينى كەينىدىن ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ . ئۇنىڭ ئىڭراشلىرىنى ئاڭلىغان تۈلكىنىڭمۇ ئىچى سىيرىلىپتۇ  ھەمدە ئۇنى يوقلاپ چىقماقچى بولۇپتۇ. ۋە شىر ياتقان ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا كىلىپ يەرگە شۇنداقلا بىر قاراپتۇ دە قەدىمىنى توختىتىپتۇ. ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە ياتقان شىر تاقەتسىزلەنگەن ھالدا :ھەي تۈلكە نىمىشقا ئىچىگە كىرمەيسەن دەپ سوراپتۇ . تۈلكە: مەن ئۆڭكۈرنىڭ يېنىپ چىققان  ئاياغ ئىزلىرىنى كۆرمىدىم ئەھۋال شۇنداق تۇرسا ئىچىگە كىرىشكە قانداقمۇ پېتىناي دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ..

    چار پادىشاھ نىكولاي ھۆرىيەتپەرەسلەر قوزغىغان بىر مەيدان توپىلاڭنى تىنچىتىپ ئۇلارنىڭ رەھبىرى لىلىيۇنى ئۆلۈم جازاسغا بۇيرۇپتۇ ، ئۇ دارغا ئېسىلىپ تازا جان تالىشىۋاتقاندا ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كىتىپتۇ ، لىلىيۇ گۈپپىدە يەرگە چۈشۈپتۇ ، ئەينى چاغدا بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە تەڭرىنىڭ ئىرادىسى دەپ قارىلىپ جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسىدىن كەچۈرۈم قىلىناتتىكەن .لىلىيۇ ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن : قاراڭلار سىلەر ئارغامچا ياساشنىمۇ بىلمەيدىكەنسىلەر دەپ ۋارقىراپتۇ . بۇنى بىر چاپارمەن ئېقىتماي تېتىتماي چار پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ.چار پادىشاھ غەزەپلەنگەن ھالدا :ئۇنداقتا بىز ئىشنىڭ دەل ئەكىسچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرەيلى دەپتۇ. ئەتىسى لىلىيۇ قايتىدىن دارغا ئېسىلىپتۇ. بۇ قېتىپ ئارغامچا ئۈزۈلمەپتۇ.

            

     

                   1830-يىلى فىرانسىيەدە < ئىيۇل ئىنقىلابى > پارتلاپ ئۈچ كۈن مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندىن كىيىن ،ياشىنىپ قالغان سىياسىيون تارىللان پارىژدىكى ئۆيىنىڭ دەرىزىسى ئالدىدا تۇرۇپ مالىمانچىلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دىرەك بىرىدىغان قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ بىر ياردەمچىسىگە : پاھ ئاڭلىدىڭمۇ بىز غەلبە قىپتۇق ، دەپتۇ .
    بىز دىگىنىڭىز كىم ئەپەندى ، دەپ سوراپتۇ ياردەمچىسى . تارىللان دەرھال بارمىقىنى ئاغزىغا ئاپىرىپ : گەپ قىلما ، بىز دەپ كىمنى دىگىنىمنى ساڭا ئەتە چۈشەندۈرۈپ قويىمەن  دەپتۇ.


      مىلادىيدىن ئىلگىرى 1-ئەسىردە رىم ئىمپىرىيسىنىڭ خاقانى قەيسەر قوشۇن تارتىپ ئەنگىلىيەگە ھۇجۇم قىپتۇ ، بارلىق سەركەردە سەرۋازلىرى ئەنگىلىيە قۇرۇقلىقىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئۇ ئۆزلىرى ئولتۇرۇپ كەلگەن كىمىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۋىتىپتۇ، ھەمدە ئەسكەرلىرىگە مۇنداق دەپ خىتاپ قىلىپتۇ ،: مانا بارلىق كىمىلەر كۆيدۈرۋىتىلدى، دىمەك بىزگە دۈشمەننى مەغلۇپ قىلماقتىن باشقا چىقىش يولى يوق .


    بىر كۈنى ئىككى قەدىناس دوسىت سەيلى قىلغىلى چىقىپتۇ . ئۇلار ئىككىسى ئورمانلىقتا پاراڭلىشىپ كىتىۋاتسا ئالدىغا بىر يولۋاس ئۇچراپتۇ . بۇ ھالنى كۆرۈپ بىر دوستى دەرھال ئىڭىشىپ ئايىقىنىڭ بوغىچىنى چىڭىتقىلى تۇرۇپتۇ . بۇنى كۆرگەن يەنە بىر دوستى : بۇ نىمە قىلغىنىڭ، بىز ھەرقانچە تىز يۈگۈرسەكمۇ يولۋاستىن تىز  يۈگۈرەلمەينىزغۇ، دەپتۇ دوستى . يەنە بىر دوستى قوپۇپ : مەن سەندىن تىز يۈگۈرسەملا بولدى دەپتۇ ...


         ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ ئۆز دۆلىتىگە قايتىۋاتقان يولىدا ئۆلۈم كىسىلى تىگىپتۇ ، ئۇ ھەم دەرھال قول ئاستىدىكىلەرگە قەغەز-قەلەم ئەكەلدۈرۈپ مۇنداق دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپتۇ. : مەن ئۆلگەندىن كىيىن ئككى قولۇمنى تاۋۇتنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قويۇڭلار بۇنى پۈتۈن پۇقرالىرىم كۆرۈپ ئىبىرەت ئالسۇنكى ، مەن ئىسكەندەر پادىشاھ بولۇپ نۇرغۇن دۆلەتنى بويسۇندۇردۇم ، نۇرغۇن مال دۇنياغا ئېرىشتىم ھالبۇكى ئاخىرىدا ئىككى قولۇم قۇرۇق كەتتىم .

       

     


    收藏到:Del.icio.us