-
رۇبائىيلار
Posted by:tashqin @ 2010-06-13 22:19:49
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65961988.html
جاھاندا بولساڭمۇ تەڭداشسىز دانا .
گۈزەللەر ئىچىدە بىردىن بىر رەنا ،
بىر بېشى بار ئادەم يەنىلا ئۆزۈڭ.
نە ھاجەت ئەيلىمەك شۇنچە تەمەننا.پىيالە ئالدىدا باش ئىگىپ چەينەك .
كەمتەرلىك بابىدا بولىدۇ ئەينەك،
بىر دەملىك پەرۋازى ئۈچۈن غادىيىپ،
ئەخلەتلەر ئاستىغا تاشلىنار لەگلەك.ئەي دوستۇم چىرايغا سالمىغىن نەزەر.
دۇنيادا بولسىمۇ تەڭداشسىز گۈزەل،
ئۇ قىزنىڭ ۋىجدانى بولمىسا ئەگەر.
تىرناقنىڭ كىرىمۇ ئۇنىڭدىن ئەۋزەل.مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم .
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم ،
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا.
بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.ئېيىق ئادەم بولمايدۇ يۈدۈپ يۈرۈپ باقساڭمۇ.
يەرگە كىرمەس شوينىنى بازغان بىلەن قاقساڭمۇ،
قارا بولسا تەلەتىڭ ئاقارمايسەن ئۆلگۈچە.
ناشتىلىققا سوپۇن يەپ مىڭ يىل سۇدا ياتساڭمۇ،
收藏到:Del.icio.us