-
مىر ئەھمەتجان مۇزەپپەر
Posted by:tashqin @ 2010-06-10 19:10:35
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65674204.html
ئەسلى مەنبە : شىنجاڭ شەھەر گېزىتى. تور مەنبەسى :
تەڭرىتاغ تورى .
2010-يىلى 20-يانۋار چۈشتە خەيكۇدىكى قىشلىق مەشىق بازىسىدا مەشىق قىلىۋاتقان لۇنىڭ " U19 " كاماندىسى ئەزالىرى خوشاللىققا چۈمۈلدى.ئۇلار زالغا توپلىشىپ ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبۇل كاماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان سەپدىشى مىرئەھمەدجان مۇزەپپەرنى تەبرىكلىدى.
مىر ئەھمەتجان مۇزەپپەر بىراقلا ئىككى رېكورد ياراتتى؛ بىرى ، ئۇ تارىختىن بۇيان دۆلەت كاماندىسىغا تاللانغان تۇنجى ئۇيغۇر پۇتبۇلچى. يەنە بىرى ئۇ لۇنىڭ كۇلۇبى پۇتبۇل مەكتىپى قۇرۇلغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان پۇتبۇل مەكتىپىدىن بىراقلا دۆلەت كاماندىسىغا تاللانغان پۇتبۇلچى.
مىر ئەھمەتجان مۇزەپپەر 1991-يىلى تۇغۇلغان. بوۋىسى تەنتەربىيە خىزمىتى بىلەن ئۇزاق شۇغۇللانغان. مىر ئەھمەتجان كىچىكىدىن باشلاپلا بوۋىسىغا ئەگىشىپ قەشقەردىكى كاماندىلاردا توپ تەپكەن، بىر قېتىملىق تاساددىبى پۇرسەتتە لۇنىڭ " U19 " پۇتبۇل كاماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى فەن شۆۋىي مىرئەھمەدجان نىڭ پۇتبۇلدىكى ماھارىتىگە كۆزى چۈشكەن شۇنداقلا مىرئەھمەدجان نى لۇنىڭ " U19 " كاماندىسىغا قۇبۇل قىلغان.
مىر ئەھمەدجان لۇنىڭ پۇتبۇل مەكتىپىدە مەشىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا ،شىنجاڭ كاماندىسىغا ۋاكالىتەن ئاپتۇنۇم رايوننىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
مىرئەھمەدجان مۇزەپپەر نىڭ ئەھۋالىنى كاماندا باش مەشقاۋۇلى فەن شۆۋىيدەك ئوبدان بىلىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. ئۇ تونوشتۇرۇپ مۇنداق دېدى :" مىرئەھمەدجاننىڭ دۆلەت كاماندىسىغا تاللىنىشىدا مۇنداق سەۋەپلەر بار. بىرىنچى ، مىر ئەھمەدجان ئاسىيا ياشلار پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە پۇتبۇل تالانتىنى نامايەن قىلىپ ، دۆلەت كاماندىسى باش مەشقاۋۇلى گاۋ خۇڭبۇ نىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىككىنچىدىن ، دۆلەت ياشلار كاماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى سۇ ماۋجىن ۋە لۇنىڭ پۇتبۇل مەكتىپى بۇ ئۇيغۇر پۇتبۇلچىنى دۆلەت كاماندىسىغا تونوشتۇردى. "
فەن شۆۋىي مىر ئەھمەدجانغا مۇنداق باھا بەردى :" ئۇ ھەرقانداق جاپالىق مەشىقتىن ھەرگىز قاچمايدۇ، ئۇنىڭ كەسىپكە بارلىقىنى بىغىشلاش روھى ناھايىتى كۈچلۈك.ئۇنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى قابىلىيتى تەڭپۇڭ بۇلۇپ ،مەيلى مۇداپىيەدە بولسۇن مەيلى ھۇجۇمدا بولسۇن ئىنتايىن روشەن ئالاھىيدىلىكى بار."
مىر ئەھمەدجان ئۆزىنىڭ تۇنجى بۇلۇپ دۆلەت كاماندىسىغا تاللانغان ئۇيغۇر پۇتبۇلچى ئىكەنلىكىدىن قىلچە مەغرۇرلانمىدى، ئۇ زىممىسىگە تىخىمۇ ئېغىر يۈكنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى ھىس قىلدى.ئۇ مۇنداق دېدى : " مېنى تەربىيلىگەن ئۇستازلىرىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن ، دۆلەت كاماندىسىدا تىخمۇ تىرىشىپ مەشىق قىلىپ ، تالانتىمنى يەنىمۇ نامايەن قىلىپ ، خەلقىمگە تىخىمۇ چوڭ شەرەپ كەلتۈرىمەن."
收藏到:Del.icio.us