• ‏شىنجاڭ كوماندىسى مەن يىغلايمۇ

    2012-06-12


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tashqin-logs/216966131.html

          رېپىرنىڭ ياڭراق ئەمما يېقىمسىز پۈشتەك ئاۋازىغا ئەگىشىپ ئىچىم ئاچچىققا تولۇپ نىمىشقىكىن كۆزۈمنى ياش ئەگىدى .گەرچە بۇنداق بىر كۈننىڭ ،ھامان بېشىمىزغا كىلدىغىننى ھىس قىلساممۇ لىكىن  بېشىمغا كەلگەندە يۈرىكىمنىڭ بۇنچىلىك .ئېچىشىپ كىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم  ,بۇرۇندىنلا ئۆزۈمنى بىر ھەقىقي پۇتبول مەستانىسى دەپ ئويلايتتىم   ،بىر كوماندىنى ياخشى كۆرۈپ ئۇلانىڭ كۈلكە-چاقچىقىغا  يىغا-قايغۇسىغا تەڭ ھەمرا بولدۇم، ئۇلانى ئىچىمدىن چىقىرىپ ياخشى كۆرگەندەك ھىس قىلاتتىم . لىكىن ئۇلار بىرەر مەيدان ئۇتتۇرۋەتسە ماڭا ئىنتايىن نورمال ئىشتەك تۇيۇلاتتى . بىراق بۇ قېتىم شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتتۇرۋەتكەندە مەن پەقەت چىدىمىدىم ،ئەسلىدە  بۇ مىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگىنىم ئەمەس بەلكى شىنجاڭ كوماندىسىغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىمكەن ‏‏.  
             بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن بولدى  ئەزىمەتلىرىمىزمۇ بۇرۇنقىدەكلا جېنىنى تىكىپ كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشتى ،لىكىن مۇشۇنداق «قاغا بالام ئاپپاق ،كىرپە بالام يۇمشاق» دەپ ئۆتۈپ كىتىمىزمۇ ياكى ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىمىزنى بىر يەكۈنلەپ قايتا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىمىزمۇ.  ئەمدى مەن ئۆزۈم يەكۈنلىگەن سەۋەنلىكلەنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي    
        1. ئىتتىپاقلىق    
        بىر كوماندا كوماندا بولۇپ  تەشكىللىنىپ ئۇزاق داۋام قىلىش دەۋىر سۈرۈش ئۈچۈن قانداق شەرت ھازارلاش كىرەك .  چوقۇم ئىتتىپاقلىشىش ئۈملىشىش كىرەك  پۇتبول مۇسابىقىسىنى 11ئادەم  ئوينايدۇ بىرەر ئىككى ئادەمگە تايىنىپ يىڭىش مۇمكىن ئەمەس . تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە بۇ ئەھۋالنى ھەمىمىز كۆردۇق ئەزالىرىمىز قېنى قىززىقلىقتىنمۇ ياكى كەينىدە قېلىپ جىددىيلىكتىنمۇ ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى بۇ بىزنىڭ كۈتكىنىمىزمىدى ؟  ھەم تۆنۈگۈنكى مۇسابىقىنى كۆرگىلى ئاپتونۇم رايوننىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى بېرىپتۇ ،بۇنداق ئىتتىپاقسىز ئەھۋالنى كۆرۈپ بەلكىم كوماندىغا تەسىرى بولىدىغان بەزى بىر سۆزلەنى ئېيتىپ يوليورۇقلانى بەرمىدى دىگىلى بولمايدۇ ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن  ئۆم خەق ئەنە ئاتىلشىمىزدىنلا  چىقىپ تۇرۇدۇ . شۇڭا ئىتتىپاقلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلسا
    ‏ 2. ئورۇن  ئالايدىغان  ھوجۇمچىنىڭ  بولماسلىقى  
    ‏،  ئىككى  ياندىن  بۆسۈش  ئاساسەن مۇۋاپىقىيەتلىك  ،  لىكىن  چىقارغاندىن  كىيىن  ئورۇن  ئالايدىغان ھوجۇمچى  يوق  ،  مەيلى  كاپىتانىمىز  بولسۇن  ياكى  ئۇنىڭ  كەينىدىكى  بوشلۇققا  كىرگەن  سايىلىرى  بولسۇن تازا ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس    
      ‏3.سەپ قالايمىقان
    ‏  سەپ بىر قەدەر چېچىلاڭغۇ  دەل ۋاقتىدا ئۆز ئورنىغا قايتالمايدىغان ئەھۋاللار كۆپ ،ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۈچىسى كىم ؟ بۇنى قايسىڭلار بىلىسىلەر ،  ئەزالىرىمىزنىڭ تېخنىكىسىنىڭ چىدامچانلىقىنىڭ يۇقىرىلىقى  ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ ،لىكىن پاس ياخشى ئەمەس ئۆز ئالدىغا توپ ھەيدەش ئەھۋالى كۆپ . ئەگەر مۇشۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتسە كۆپ پاسلىشىپ ئەنە شۇ تېخنىكىلىرىنى يەنە نامايەن قىلالايتتى دەپ ئويلايمەن . 
    ‏ ئىشىنىمەنكى شىنجاڭ كوماندىسى چوقوم كۈتكەن يىرىمىزدىن چىقىدۇ  .
    ‏    يەكۈنلىشىم مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ئازۇيۇم بۇ ئەرزىمەس تىمامغا كوماندا ‏ئەزالىرىنىڭ  نەزىرى يىتىپ قېلىپ ئازراق پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس      يەنە بىر گەپ  مەن كەسپى يازغۇچى شائىر ئەمەس خاتالىقتىن خالىي ئەمەسمەن نۇقسانلار بولسا سەمىمي پىكىر-تەكلىپلىرىڭلانى ئايىمىغايسىلەر...      ‏

     

    分享到: