• دۇنيادىكى 10چوڭ مۇھىت ھادىسىسى - [تەبئى پەن بىلىملىرى]

    May 12, 2009 | خەتكۈچ: مۇھىت بۇلغىنىش

    مۇھىت ئىنسانلارنىڭ ئەتراپىدىكى تەبئىي،سۈنئىي ئامىللارنىڭ ئومۇمى گەۋدىسى بولۇپ ،ئىنسانلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،يەنى مۇھىت نىڭ بۇزۇلۇشى ئىنسانلارنىڭ ھالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ئالدىنقى ئەسىردە ،تەبىئەت ئۆزىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىققا قارىتا ئىنسانلاردىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى قوللاندى.بۇنىڭدىن تەسىرى زور،زىيان ئەڭ چوڭ بولغان 10ى تۆۋەندىكىچە:

    1-بېلگىيە،ماس دەريا ھاۋۇزىدىكى تۇمان --
    بىلگىيەنىڭ سانائەت رايونى بولغان بۇ تار دەريا ھاۋۇزىغا ،ئەينەكچىلىك ،مېتال سانائىتى...قاتارلىق كۆپ قىسىم سانائەت زاۋۇتلىرى جايلاشقان بولۇپ،1930-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن5-كۈنىگىچە بۇ يەردە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمى شەكىللەنگەن.13تۇرخۇنىدىن چىققان غايەت زور ئىس_تۈتەك يېقىن قاتلامدىكى ئاتموسفېراغا توپلىشىۋېلىپ تارقالمىغان .شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن. بىر ھەپتە ئىچىدە 60ئادەم ئۆلگەن بولۇپ ،ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆپكە كېسلى ۋە يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ .نۇرغۇن چارۋا-ماللار زىيانغا ئۇچۇرغان .بۇ تارىختا خاتىرلەنگەن تەبىئەتنىڭ ئىنسانلاردىن تۇنجى قېتىم ئۆچ ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

    2-لوس-ئانجېلىستىكى خمىيىۋى تۈتەك ھادىسىسى--
    1943-يىلى ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانجېلىس شەھرى. بۇ شەھەردىكى 250مىليون ماشىنا ھەر كۈنى 1100توننا نېفىتنى يېقىلغۇ قىلىدىغان بولۇپ ،بۇلارنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان كاربون تۆت ئوكسىد قوياش نورى تەركىبىدىكى ئۇلترا بىنەپشە يورۇقلۇقنىڭ تەسىرى ئاستىدا سۇس كۆك رەڭلىك تۇمان ھاسىل قىلغان .شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەھەردىكى ئادەملەر كۆزى قىزىرىش ،بېشى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولغان .شۇڭا كىشىلەر بۇنى خمىيىۋى تۈتەكلىك زەھەرلىنىش دەپ ئاتىغان .1950-يىلى ۋە 1970-يىلى يۇقىرىقىغا ئوخشاش ھادىسە يەنە يۈز بەرگەن 1950-يىلىدىكىسدە 400دىن كۆپرەك ئادەم بەش ئەزا كېسەللىرى،نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلگەن .1970-يىلدىكىنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ ،پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنىڭ 4/3 قىسىمى مەلۇم كېسەللەرگە گېرىپتار بولغان .

    3-دۇرۇلا تۇمان ھاسىسى --
    ئامېرىكا ،پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ دۇرۇلا شەھىرىدە نۇرغۇنلىغان چوڭ تىپتىكى پولات تاۋلاش،سۇلفات كىسلاتا قاتارلىق زاۋۇتلار بولۇپ ،1948-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە ،پۈتۈن شەھەر ئاسمىنىنى قويۇق تۇمان قاپلاپ كېتىپ ،تارقالمىغان .نەتىجىدە پۈتۈن شەھەردىكى 14000ئادەمنىڭ ئىچىدە 6000ئادەمدە كۆز قىزىرىش،باش ئاغرىش،كۆڭلى ئېلىشىش ،ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەرلەر كۆرۈلگەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 17 ئادەم كېسىلى ئېغىرلاپ ئۆلگەن.

    4-لوندون تۇمان ھادىسىسى--
    1952-يىلىدىن بۇيان لوندوندا بۇنداق ھادىسىدىن 12قېتىم يۈز بەرگەن .1952-يىلى 12-ئايدا بۇ ھادىسە سەۋەبىدىن بىر ھەپتە ئىچىدە 4000ئادەم ئۆلگەن،ئاساسلىق سەۋەبى كۆپ مىقداردا قويۇپ بېرىلگەن چاڭ-توزان ۋە كاربون تۆت ئوكسېدلاردۇر .ئۇ ۋاقىتتا پۈتۈن شەھەرنى تۇمان قاپلىۋالغان بولۇپ ماشىنىلار كۈندۈزىمۇ چىراق يېقىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولغان .ئاھالىلەر ھەرخىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان .قىسقىغىنە 2ئاي ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ 8000غا يەتكەن .

    5-ياپونىيە مىياموتو ناھىيىسىدىكى ئېغىر كېسەل(مىياموتۇ كېسىلى )--
    (1953_1956-يىللار) ياپونىيىنىڭ مىياموتۇ(熊本)ناھىيىسىدىكى بىر سانائەت زاۋۇتى چىقارغان كېرەكسىز سۇ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سىماب بار بولۇپ ،بۇ سىماپلار بەزى بىر يوللار ئارقىلىق جانلىقلارنىڭ بەدىنىگە كىرگەن .يەنى ئەڭ ئاۋال بۇ يەردىكى بېلىق يەيدىغان مۈشۈكلەر كۆپلەپ دېڭىزغا سەكرەپ ئۆلۈۋالغان ،كىيىن بۇ ناھىيىدىكى پۈتۈن مۈشۈكلەر يوقاپ كەتكەن .كىشىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي ئاشى خىل ئالامەتكە شۇ ناھىيىنىڭ ئىسمى بىلەن نام بەرگەن .1956-يىلىغا كەلگەندە ئادەملەردىمۇ ئاشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان .يەنى توختىماي تىترەيدىغان ،تىترەش سەۋەبىدىن تاماق يېيىش قاتارلىق  ،نورمال تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى قىلالمىغان ھەمدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان .ياپونىيىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە 2248ئادەم زەھەرلەنگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1004ئادەم ئۆلگەن.
    6-سۆڭەك ئاغرىش كېسىلى --
    كادمىي (Cadmium،镉،   48نومۇرلۇق ئېلمېنېت ،ئېلمېنېت بەلگىسى Cd )ئادەم بەدىنىگە لازىم بولمايدىغان ئېلمېنېت بولۇپ، ياپونىيىنىڭ فۇشەن ناھىيىسىدىكى (富山) قوغۇشۇن،سىنىك كانى  مېرال تاۋلاپ قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز سۇ تەركىبىدە ئېغىر مېتال كادمىي بار ئىكەن ،بۇ كېرەكسىز سۇ دەريا سۈيىگە قۇيۇلغاندىن كىيىن ،ئادەملەر بۇ سۇنۇ ئىستىمال قىلغان ياكى بۇ سۇ ئارقىلىق سۇغۇرۇلغان زىرائەتلەرنى  ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن ،سۆڭىكى قاتتىق ئاغرىغان ،ھەمدە سۆڭەڭ دۈمچىيىپ قېلىش ،سۆڭەكنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش ،سۆڭەك ئاسان سۇنۇپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن .
    7-ياپونىيىدىكى گۈرۈچ شاكىلى مېيى ھادىسىسى_-
    نەچچە مىڭلىغان ئۆردەكلەر زەھەرلىك يەم_خەشەكنى يېگەندىن كىيىن ئۆلگەن ،كىشىلەر بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىغان .ئۇنىڭغا ئۇلاپلا 13000ئادەم زەھەرلەنگەن .چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ،ئادەملەر ۋە ئۆردەكلەر تەركىبىدە خلورفىنۇل بولغان گۈرۈچ شاكىلى مېيىنى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن ،زەھەرلەنگەنلىكى ئىسپاتلانغان .دەسلەپكى كېسەللىك ئالامىتى تىرە ئىششىش ،قول تەرلەش ،پۈتۈن بەدەنگە مودۇ چىقىش بولۇپ ،ئېغىرلاشقا ئەگىشىپ ،جىگەرنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەن ،ئاندىن پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار قاتتىق ئاغرىغان .يۆتەلنى توختىتىشقا ئامال بولمىغان .بۇ قېتىمقى ۋەقە ياپۇنىيە شال ئىگىلىكىگە ۋەھىمە پەيدا قىلغان .
    8-ھىندىستاننىڭ بومباي ۋەقەسى --
    1984-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ،بومبايدا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ،كاربون سانائىتى زاۋۇتىنىڭ باشقۇرۇشى قالايمىقان،نامۇۋاپىق مەشغۇلاتى سەۋەبىدىن زاۋۇت تۇرخۇنىدىن بىرخىل زەھەرلىك گاز چىقىپ كەتكەن(甲基异氰酸脂)ئومۇمى ماسسىسى 45توننا كېلىدىغان بۇ گاز بومباي ئاسمىنىدا قويۇق تۇمان بولۇپ شەكىللەنگەن ،ھەمدە سائىتىگە 5كېلومېتىر سۈرئەت بىلەن بومباي شەھەر مەركىزىگە <<ھۇجۇم>>قىلغان .ئۆلگەنلەر 20مىڭغا يېقىنلاشقان ،مىڭغا يېقىن ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەھەرلەنگەن ،50مىڭ ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان ،بۇ ھادىسە يەنە ھامىلدارلارنىڭ بالىسىنڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .سان-ساناقسىز چارۋا ماللار زەھەرلىنىپ ئۆلگەن.
    9-چېرنوۋىل يادرو ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى--
    1986-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ،ئۇكرائىنانىڭ شەھەر سىرتىدىكى چېرنوۋىل يادرو ئىستانسىدا باشقۇرۇشتىكى سەۋەنلىك تۈپەيلى 4-نومۇرلۇق رېئاكسىيە قازىنى پارتلاپ كېتىپ ،زور مىقداردىكى رادىئو-ئاكتىپلىق ماددىلار سىرىتقا ئېقىپ كەتكەن .غەربى ياۇروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەردىمۇ رادىئوئاكتىپلىق تەسىر بارلىقى ئۆلچەنگەن .30ئادەم ئۆلۈپ ،237ئادەم رادىئوئاكتىپلىق ماددىدىن يارىلانغان .كىيىنكى 20يىل ئىچىدە 30مىڭ ئادەم ئاشۇ ۋەقە تۈپەيلى راك كېسىلى بولۇپ قالغان .شۇ رايوندىكى ئاشلىق مەھسۇلاتى 20مىليون توننا كېمىيىپ كېتىپ ،7كېلومېتىر دائىرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر،ھايۋاناتلار پۈتۈنلەي ئۆلگەن .بۇ ھادىسە يۈر بېرىپ يېرىم ئەسىرگىچە 10كېلومېتىر دائىرىدە دېھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق قىلغىلى 100كېلومېتىر دائىرىدە سۈت ئىشلەپچىقارغىلى بولمىغان ،ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلىرىمۇ بەلگىلىك تەھدىت شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ،دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر يادرو بىلەن بۇلغىنىش ھادىسىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
    10-شۋېتسارىيەدىكى ۋەقە
    1986-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى شۋېتسارىيەدىكى بىر زاۋۇتنىڭ ئىسكىلاتى پارتلاپ كېتىپ ،30توننا تەركىبىدە گۇڭگۇرت بولغان كۈچلۈك زەھەر دەرياغا ئېقىپ كەتكەن .نەتىجىدە دەريانىڭ 150كىلومېتىرغىچە بولغان دائىرسىدىكى 600000دىن كۆپرەك بېلىق ئۆلگەن ،500كېلومېتىر دائىرىدىكى سۇنى ئىستىمال قىلىشقا بولمىغان .دەرياغا يېقىن جايدىكى بارلىق تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتى،پىۋا زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنالماي،تاقالغان .ئۇ دەريا تاكى20يىل <<ئۆلگەن دەريا >>بولۇپ قالغان .


    历史上的今天: