• دۇنيادىكى ئەڭ - [تاغدىن_باغدىن]

    May 12, 2009 | خەتكۈچ:

    دۇنيادىكى ئەڭ تار ،ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت ____
         چىلى تولۇق ئىسمى چىلى جۇمھۇريىتى  ،جەنۇبى ئامرېكا قىتئەسىگە جايلاشقان .شەرىق تەرىپى ئارگىنتىنا بىلەن ،شىمالى لىۋيە بىلەن چىگرىلىنىدۇ .ئومۇمى كۆلىمى 74.1767تۈمەن كۇۋادىرات كېلومىتىر  .جەنۇپ شىمال ئۇزۇنلىقى 4332كېلومىتىر .غەرىپ شەرىق كەڭلىكى 90_401كىلومىتىرغىچە كىلىدىغان بولۇپ ،دۇنيادىكى ئەڭ تار ،ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت ھېساپلىنىدۇ .

    دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز پايتەخىت _____
       لاباس بولۋېيەنىڭ پارلامىنت ۋە ھۆكىمەت جايلاشقان ئورۇن .پۈتۈن دۆلەتتىكى ئڭ چوڭ شەھەر .دېڭىز يۈزىدىن 3577مېتىر ئىگىز .دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز پايتەخىت ھېساپلىنىدۇ .نوپۇسى 10000000.

    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقى ___
       دۆلىتىمىزدىكى تارىم ئويمانلىقى ،دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقى ھېساپلىنىدۇ .كۆلىمى 53تۈمەن كۇۋادىرات كېلومىتىر .مەركىزى تەكلىماكان قۇملىقى بولۇپ كۆلىمى 33.7 تۈمەن كۇۋادىرات كېلومىتىر،دۇنيادىكى 2-چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېساپلىنىدۇ .

    دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش توپى _____
              شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇندىكى بودالا سارىيى دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش توپى ھېساپلىنىدۇ .سوڭزەن گەنبۇنىڭ مەلىكە ۋىنچىڭ بىلەن توي قىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ سېلىنغان ،بودالا --مەنىسى :بۇددا دىنىىنىڭ  مۇقەددەس جايى دىن ئىبارەت

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك قۇرئان ______
        2002-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى نېڭشىادا دۇنيا بويچە ئەڭ كىچىك قۇرئان بايقالدى ،بۇ قۇرئاننىڭ ئۇزۇنلىقى 19.6سانتېمىتىر ،كەڭلىكى 13.2سانتېمىتىر.قېلىنلىقى 6.1سانتېمىتىر.ئېغىرلىقى 1.1گىرام كىلىدىكەن .بۇ قۇرئان ناھايتى كىچىك بولسىمۇ ،لىكىن بەك مۇكەممەل ساقلانغان .لوپا ئەينەك ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ خەتلىرىنى ئوقۇغىلى بولىدىكەن

     ئەڭ گۈزەل پېلانىت ___
          ساتىرون  قوياش سېستىمىسىدىكى 9چوڭ سەييارىنىڭ بىرى ،قوياشتىن يىراقلىقى جەھەتتە 6-ئورۇندا ،ماسسىسى جەھەتتە 2_ئورۇندا تۇرىدۇ .يىراقتىن قارىغاندا،چىرايلىق شىلەپە كىيۋالغان ئالەم ساياھەتچىسىگە ئوخشايدۇ .ئەتراپىدا چىرايلىق نۇر ھالقىسى بار .قوياش سېستىمىسىدىكى ئەڭ چىرايلىق پىلانېت ھېساپلىنىدۇ .

    دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز ئات
    بۇ ئاتمۇ جېنىس دۇنيا رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ئىگىزلىكى 1.9812مېتىر .ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ھايات ئەڭ ئىگىز ئات ھېساپلىنىدىكەن !

    ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچى .
    ھېندىستانلىق بۇ 74ياشلىق بوۋاي دۇنيادىكى ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچى دەپ ئاتالغان بولۇپ ،ئۇ 37قېتىم تولۇق ئوتتۇرغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەن بولۇپ ھازىر ئۇ كىيىنكى قېتىملىق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋىتىپتۇ .

    دۇنيادىكى تۇنجى ئۈستەل كومپىيوتىرى
    1985-يىلى ياپۇنىيەدە ياسالغان بولۇپ ئىسمى “the King of the Laptop”。.ئىچكى ساقلۇغۇچىسى 256KB،قاتتىق دىسكىسى يوق .ئېغىرلىقى 6.8كېلوگىرام كىلىدىكەن

    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇش ___
    تۆگەقۇش دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇش ھېساپلىنىدۇ .ئافرىقىدا ياشايدىغان بولۇپ ،ئەركەكلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 155كېلوگىرامغىچە كىلىدۇ ،توپلىشىپ ياشايدىغان بولۇپ ،بېر توپتا تەخمىنەن 5-50قۇش ياشايدۇ .توخۇمىنىڭ دىئامىتىرى13سانتىمىتىر ،ئېغىرلىقى 1.35كېلوگىرام ئەتراپىداكىلىدۇ .ئەڭ تىز سائەتلىك سۈرئىتى65كېلومىتىر .

    ئەڭ كىچىك قۇش ___
    ھەرە قۇش دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك قۇش ھېساپلىنىدۇ ،ئېغىرلىقى 2گىرام ئەتراپىدا كىلىدۇ .ئاساسەن لاتىن ئامرېكىسىدا ياشايدۇ .

    ئەڭ ئۇزۇن بۇرۇن ____
    تۈركىيەلىك بۇ ئەرنىڭ بۇرنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن بۇرۇن بولۇپ ،ئۇزۇنلىقى 8.8سانتىمىتىر كىلىدىكەن،ھەمدە دۇنيا جېنىس رىكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن ئىكەن .

    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش ___
    1960-يىلى5-ئاي22-كۈنى چېلىدا يۈزبەرگەن بولۇپ ،دەرىجىسى 9.5بال .بۇ يەر تەۋرەش دېڭىز تاشقىنى ۋە يانار تاغنىڭ پارتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ،5000ئادەم ئۆلگەن .200تۈمەن ئادەم ئۆي ماكانسىز قالغان

    ئەڭ چوڭ تاللا بازىرى____
    ئامرىكىنىڭ 沃尔玛百货有限公司。 بولۇپ ،1962-يىلى قۇرۇلغان ،ھازىرغىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش كارخاناسى ھېساپلىنىدۇ .10دۆلەتتە 5000دىن ئارتۇق تاللا بازىرى بار ،ئومۇمى خزمەتچىسى 1500000كىشى ،دۆلىتىمىز بازىرىغا 1996-يىلى 8-ئايدا كىرگەن ،دۆلىتىمىزدىكى خىزمەتچى سانى 19000.

    ئەڭ كىچىك قاتتىق دىسكا ____
    3-ئاينىڭ 17-كۈنى ياپۇنىيەدە ياسالغان .دىئامېتىرى 2.1سانتىمىتېر ،سىغىمى 2--4G،تىلفۇن ۋە سفىرلىق ئاپراتلارغا سالغىىلى بولىدىكەن .

    دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىسىم____
    شىۋىتسىيەلىك بۇ بالىنىڭ ئىسمى دۇنيا بويچە ئەڭ ئۇزۇن ھېساپلىنىدۇ ،بالا 5ياشقا كىرگۈچە ئاتا-ئانىسى بۇ بالاغا ئىسىم قويمىغاچقا شۇ يەرنىڭ قانۇنى بويچە ،ئاتا-ئانىغا 5000شۇيەر پۇلى جەرىمانە قويۇلغان،شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاچچىغى كىلىپ بالىغا Brfxxccxxmnpcccclllmmnprxvclmnckssqlbb1111bبۇنداق ئىسىم قويغان ،بۇ ئىسىم 38ھەرىپ ،4رەقەمدىن تۈزۈلگەن .

    نوپۇس زىچلىقى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت ___مۇڭغۇلىيە بولۇپ ،كۆلىمى1،564،000كۇۋادىرات كېلومىتىر ،ئاھالىسى 2،800،000كىلىدىكەن ،ھەر كۇۋادىرات كېلومىتىر يەرگە تەخمىنەن 1ئادەم توغرا كىلىدىكەن .

    نوپۇس زىچلىقى ئەڭ يۇقرى دۆلەت ___مۇناكۇ بولۇپ (The Principality of Monaco) كۆلىمى 1.95كۇۋادىرات كېلومىتىر،ئاھالىسى 32400،ھەر كۇۋادىرات كېلومىتىر يەرگە تەخمىنەن 16620ئادەم توغرا كىلىدىكەن .


    دېڭىز چىگرىسى ئەڭ ئۇزۇن دۆلەت ____كانادا ،دېڭىز چىگرىسى ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 202،080كېلومىتىر كىلىدىكەن .


    كالا ئەڭ كۆپ دۆلەت ___ھېندىستان بولۇپ ،دۇنيادىكى كالا ئومۇمى سانىنىڭ تەخمىنەن 5|1نى ئىگلەيدىكەن .


    قوي ئەڭ كۆپ دۆلەت ___ئاۋېستۇرالىيە بولۇپ ،ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر ئادەمگە 12500تۇياق تۇغرا كىلىدىكەن .


    نوپۇسى ئەڭ كۆپ پايتەخىت ___توكيو بولۇپ ،توكيودا جەمئى 12،000،000ئادەم بار ئىكەن .


    ئەڭ كۆپ تاق سۆز بار تىل ___ئېنگىلىس تىلى بولۇپ جەمئى 990،00تاق سۆز بار ئىكەن .


    ئەڭ ئۇزۇن يەر نامى ____กรุงเทพมหานคร อมรรัตนโกสินทร์ มหินทรายุธยา มหาดิลกภพ นพรัตนราชธานีบูรีรมย์ อุดมราชนิเวศน์มหาสถาน อมรพิมานอวตารสถิต สักกะทัตติยวิษณุกรรมประสิทธิ์  بولۇپ بۇ تايلانىد پايتەختى بانكوكنىڭ تايلانىد تىلىدا تولۇق ئاتىلىشى ئىكەن .


    ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت ___كۇۋەيىت بولۇپ ،2005-يىلى تەخمىنەن ھەر مىڭ ئادەمدىن 2.42ئادەم ئۆلگەن