-
<<ئۆزلۈك ۋە كىملىك >>تىن ھېكىمەتلەر - [تاغدىن_باغدىن]
Apr 18, 2009 | خەتكۈچ:
بىر يامغۇرلۇق كۈنى مۇستاپا كامال مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ،ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كىتىپ بارغاندايولدا بىر كالا ھارۋىسنى يېتىلەپ كىتىپ بارغان بىر ئايالغا ئۇچراپ قالىدۇ.ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى كىچىك بالا شىددەتلىك يامغۇرنىڭ دەستىدىن قاتتىق يىغلاۋاتاتتى،لېكىن ھېلىقى ئايال بالىسى بىلەن كارى بولماي ھارۋىنى ئەديال بىلەن يۆگەپ،قولىدىكى قامچىسى بىلەن كالىنى تېزراق مېڭىشقا زورلاۋاتاتتى . بۇنى كۆرۈپ مۇستاپا كامال ھېلىقى ئايالدىن سورايدۇ:
__ ھەي ئايال،ھارۋىدىكى نىمە؟
___ قورال-ياراغ!
__ نەگە ئېلىپ ماڭدىڭ؟
__ ئالدىنقى سەپكە!
__ ھارۋىنى نىمىشقا ئېرىڭ ھەيدىمىدى؟
__ ئېرىم ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتتى!
__ بالا ھۆل بولۇپ كىتىپتۇ،ئەدىيال بىلەن بالىنى يۆگىۋېلىشىڭ كېرەك ئىدى!
_ شۇنداق بالامنى يۆگىۋالسام ياخشى بولاتتى، _ دەيدۇ ھېلىقى ئايال مۇستاپا كامالغا مەردانىلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ،__ لېكىن ھارۋىدىكى قورال-ياراغلار ھۆل بولۇپ كەتسە ۋەتەن مۇنقەرز بولىدۇ.بالام ئۆلۈپ كەتسە،يەنە بالا تۇغالايمەن،لېكىن ۋەتەننى قايتا تۇغالمايمەن؟!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇستاپا كامال ئاتتىن سەكرەپ چۈشىدۇ-دە،ئۈستىدىكى يامغۇرلۇقنى سېلىپ،ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى بالىنى يۆگەپ قويىدۇ.ئاندىن ھېلىقى ئايالغا قاراپ:
__ ساڭا ئوخشاش ئۇلۇغ ئانىلار بولىدىكەن،تۈرك ۋەتىنى ھەرگىز مۇنقەرز بولمايدۇ ، __ دەيدۇ...
... پارىژ شەھىرىنى زىيارەت قىلىۋېتىپ - داۋاملىق ئالدىغا مېڭىپ < زەپەر دەرۋازىسى > غا بارماقچى بولدۇق. دەريا ساھلىدىن ئايرىلىپ، چوڭ كوچىغا كىرىدىغان چاغدا يۈنلىشتىن ئېزىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق. فرانسۇزچە بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن يول بەلگىلىرىدىن يۆنلىشىنى بىلىۋالغىلى بولمىدى. ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئىت يىتىلىۋالغان بىر خانىم ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئەدەپ بىلەن ئىنگىلىزچە سورىدىم:
- ياخشىمۇسىز، خانىم، زەپەر دەۋازىسىغا باردىغان چوڭ كوچىغا قانداق ماڭساق بولىدىكىن، كۆرسىتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟
ھېلىقى ئايال فرانسۇزچە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدى. بىز ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي، بېشىمىزنىڭ چايقىدۇق. برى چاغدا ھېلىقى ئايال كەسكىن بىر تەلەپپۇزدا ئاخىرى ئىنگىلىزچە گەپ قىلدى:
- نېمىشقا فرانسۇزچە گەپ قىلمايسىلەر؟
_ كەچۈرۈڭ، خانىم، - دېدىم مەن ئوڭايسىزلانغان ھالدا، - بىز فرانسۇزچە بىلمەيىتتۇق.
- شۇنداقمۇ، - دېدى ھېلىقى ئايال سوغوق بىر تەلەپپۇزدا، - فرانسىيىدە، بولۇپمۇ پارىژدا فرانسۇزچە سۆزلەش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ خۇددى لوندۇن ياكى نىيۇيۇركتا ئىنگىلىزچە سۆزلەش مۇتلەق زۆرۈر بولغاندەكلا بىر ئىش! بوپتۇ، كىيىنكى قېتىم پارىژغا ساياھەتكە كەلگنىڭلاردا فرانسۇزچە سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يولنى دەپ بىرەي، موشۇ تارچۇقتىن ئۆتۇپ چوڭ كوچىغا چىقاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئۇدۇل ماڭساڭلار بولىدۇ. زەپەر دەرۋازىسى يىراقتىن كۆرۇنۇپ تۇرىدۇ.
_ رەھمەت، خانىم!
بىز يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ھېلىقى ئايالنىڭ سۆزلىرى ماڭا باشقىچىلا تەسىر قىلدى ....
ئەسئەت سۇلايمان _<<ئۆزلۈك ۋە كىملىك>>سەلكىن مۇنىرىدىكى ئېنكاسلاردىن تېرىۋېلىندى.