-
ئابدۈشكۈر مۇھەممەدئىمن زادى نەدە تۇغۇلغان؟ - [تاغدىن_باغدىن]
Dec 27, 2008 | خەتكۈچ:
ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى ئۆزگەرتىشتىن پەيدا بولغان تەسىراتلار0
ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى ئۆزگەرتىشتىن پەيدا بولغان تەسىراتلار
غەيرەتجان ئوسمان
دۇنيا سىر بىلەن تولغان ، ئىنسانلار ئۇنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كەلگەن . بەزى سىرلار يېشىلىشكە تەشنا بولغان بولسا ، بەزى سىرلار بەكمۇ مۇرەكەپ بولۇپ ، ئىنسان ئەقلىنى لال قىلىپ كەلگەن . سىرلارنى يېشىش ئادەم بالىسىنىڭ مۇھىم بىر ئەمگىكى ھېسابلىنىپ كەلگەن . سىرنى يېشىش ئۈچۈن بەزىلەر ئاڭلىق ھەرىكەت قىلسا ، بەزىلەر ئىستېخىيىلىك يوسۇندا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن . بەزى سىرلار يېشىلگەندىن كېيىن كىشىلەرنى ئاجايىپ سۆيۈندۈرگەن بولسا ، بەزى سىرلار يېشىلمىسىمۇ ، ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىنى سۇسلاشتۇرماي كەلگەن . ئومۇمەن ، سىر ئىنتىلىش ، ئىجادىيەت ، مۆجىزە دېمەكتۇر . سىر ئەقىللىق ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۈمىد چىرىغى ، تەلپۈنۈش مەنزىلى . مۇبادا شۇنداق بىر چىراغ ئۆچۈپ قالىدىكەن ياكى تۇيۇق مەنزىل بولىدىكەن ، ئىنتىلىش ، مېھنەت ، ئىجادىيەت ۋە كەشپىيات توختاپ قالغان بولاتتى .
ئالىمنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىش جەريانىدىكى ئىزتىراپلار
1995-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى نامازدىگەر ۋاقتى ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي رايونى ئائىلىلىكلەر قورۇسى 17-بىنادىكى ئۆيۈمدىن سۈت سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىۋاتسام ، مەكتىپىمىز سۈت فېرمىسىنىڭ سۈت ساتقۇچىسى پالتاخۇن ئاكىنىڭ ئايالى خەيرىنساخان ( ئۇستازىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ ئۇدۇل ئىشىك قوشنىسى ) ناھايىتى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن ھالدا 18-بىنانىڭ 1-ئىشىكىدىن شىمال تەرەپكە يۈگۈرگەندەك مېڭىپ كەلدى . ئۇ مېنى كۆردى بولغاي ، _ ئۇكام غەيرەتجان ، تېز بولۇڭ ، ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىم بولالماي قالدى ، رەنا خانىممۇ ، بالىلارمۇ يېنىدا يوق ، تاكسى توسۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارايلى ، _ دېدى . مەنمۇ قولۇمدىكى سۈت قاچىسىنى قەيەرگە قويغىنىمنىمۇ ئاڭقىرماي ، يۈگۈرگەن پېتىم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ئۆيى تەرەپكە باردىم . بىناغا كىرىشىمگە پەرھاد ، ئەركىن قاتارلىق ئىككى ياش قوشنىلار كۆرپىگە ياتقۇزۇلغان مۇئەللىمنى ئىككى تەرىپىدىن تۇتۇپ ، 3-قەۋەتتىكى ئۆيدىن 2-قەۋەتكىچە ئېلىپ چۈشۈۋاتقان ئىكەن . تاسادىپىيلىق ھەم جىددىيچىلىك ئىچىدە كۆرپىنىڭ يېنىنى تۇتۇشۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدۇق ھەم ئىشىك ئالدىغا چۈشتۇق . مەن مۇئەللىمنىڭ باش قىسمىنى قۇچىقىمغا قويۇپ ، قوشنىلار بىلەن تاكسىغا چىقىپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يېتىپ كېلىپ ، كېسەل كارىۋىتىغا ئۇلاشتۇق . دوختۇرلار ناھايىتى تېزلا سايمانلارنى تەييارلاپ ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتى . ئالاھەزەل يېرىم سائەت ھەپىلىشىلدى . مەسئۇل دوختۇر ماڭا قاراپ ، _ بۇ كىشىنىڭ تۇغقانلىرى ياكى ئىگىسى بارمۇ ، _ دەپ سورىدى . مەن : _ مانا مەن ئىگىسى بولىمەن ، _ دېدىم ۋە ، _ ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمەيدىغاندۇ ، بۇ مەشھۇر ئادەم ، قۇتقۇزۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەڭلار ، _ دېدىم . مەسئۇل دوختۇر : _ بۇ ئادەم نەپەستىن قاپتۇ ، _ دېدى . مەن : _ نەپەستىن مۇشۇ دەقىقىدە قالدىمۇ ياكى ئىلگىرى قالغانمىكەن ، _ دېسەم ، دوختۇر : _ بۇنىسى نامەلۇم ، خېلى بۇرۇنلا نەپەستىن قالغاندەك تۇرىدۇ ، _ دېدى . مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋېتىپ ، قۇلىقىمغا قەتئىي ئىشەنمىدىم . ئۇستاز ، پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم مۇشۇنداق ئۆلۈپ كېتەمدۇ ، ئۆلۈش دېگەن مۇشۇنداق ئوڭايمۇ ، بۇ مەشھۇر زاتنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان مەن ۋە ئۇنىڭ بىر ئاشپەز قوشنىسى بار يەردىلا ئۆلۈپ كەتسە قانداق بولغىنى ، ئۇنىڭ قەدىناس ئايالى ، سۆيۈملۈك بالىلىرى ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى يېنىدا بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ ، دېگەنلەرنى ئويلاپ ، كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى . لېكىن ئۇستازنىڭ ۋاپاتى رېئاللىق ئىدى . ئۇنى قوبۇل قىلماي بولمايتتى . ۋاقىت ئۆتمەكتە . مەرھۇمنىڭ ئېڭىكىنى ۋاقتىدا تېڭىش لازىم ئىدى . دوختۇر - سېستىرالار ئېڭىكىنى تېڭىڭلار دەپ ئالدىراتتى . مەن مەرھۇمنىڭ يېقىن تۇغقىنىدىن بىرەرسى بولمىسا ، ئېڭىكىنى تېڭىپ قويساق ، ئۇنىڭ گېلىنى بوغۇپ قويغاندەك بولمامدۇ ، ئايالى ، بالىلىرى كېلىپ قالسا نېمە دەپ جاۋاب بەرگۈلۈك ، ئەڭ مۇۋاپىق ئىش يەنىلا ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ئېڭىكىنى تاڭسا ، دەپ ، دوختۇر - سېستىرالارنىڭ دالالىتىگە سۈكۈت قىلىپ تۇردۇم . كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە ئۇستازىم كۆزىنى ئېچىپ ، ئورنىدىن تۇرىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى . لېكىن مۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ۋاقىت ئۆتۈۋاتاتتى . سېستىرالار مەرھۇمنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىۋېتىشىمنى جېكىلىدى . ئامالسىز ئەھۋالدا بەلگىلىمە بويىچە رەسمىيەت ئۆتەپ ، 2.80 پۇڭلۇق داكا سېتىۋېلىپ ، كىچىك چاغلىرىمدا دادام رەھمەتلىك ئۆگىتىپ قويغان سۈرە - ئايەتلەرنى ئوقۇپ ، ئۆزۈم بىلگەن ئۆرپ - ئادىتىمىز بويىچە مەرھۇم ئۇستازىمنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىپ قويدۇم . ئۆزۈم بۇنداق ئىشلاردا تەمكىن بولساممۇ ، لېكىن بۇ قېتىم خۇدۈكسىرىگەندەك بولدۇم . يەنىلا مەرھۇمنىڭ ئۆز تۇغقانلىرى بۇ مۇقەددەس ئېڭەكنى تېڭىشى كېرەك ئىدى . ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ، ئاخىر ئۆز - ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم . شۇنداق دەپ قارىدىمكى ، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ بېشىنى قۇچاققا ئېلىپ ئولتۇرۇش ، ئېڭىكىنى تېڭىپ كۆزىنى يۇمدۇرۇش ماڭا نېسىپ بولغانىكەن ، ئۇنى تەقدىر ماڭا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرا بولغان ئىكەن . نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمەن ؟ ئۇنىڭ مۇنداق سەۋەبى بار :
مەن 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، بۇ ئورۇندا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن دېگەن بىر مۇئەللىمنىڭ بارلىقىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولدۇم . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنى پات - پات ئىزدىدىم . 1980-يىللىرى ئۇ بىزگە << ئېستېتىكا >> دەرسىنى سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى . دەسلەپ ، مۇئەللىمنىڭ ئاددىي - ساددا قىياپىتىگە ، لەرزان تەلەپپۇزىغا قاراپ ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەنسىتمەسلىكتەك نادانلىق كەيپىياتى بولۇپ قالدى . كېيىنچە مۇئەللىمنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق لېكسىيىلىرى ھەممىمىزنى تەبىئىي يوسۇندا ئۆزىگە رام قىلىۋالدى . شۇنىڭدىن باشلاپ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئىستېداتلىق بىر ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە يېڭىباشتىن نامايان بولىدىغان بولدى . بولۇپمۇ مەن 1983-يىلى 3-ئايدا ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگىتىپ ، ئۆز مەكتىپىمدە ھەم ئۆز كەسپىمدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدىم . شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى مەرھۇم ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۇستاز بىلەن مۇناسىۋەتنى ئىزچىل ياخشى ساقلاپ كەلدىم . لېكىن خېلى كۆپ كىشىلەر ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ، ئوغلىنىڭ تويىغا بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىپ ، تىمىسقىلاپ يۈرگەن چاغلىرىدا مەن ئېغىر مەمۇرىي بېسىم ۋە سۈنئىي چەتكە قېقىلىشلارغا پەرۋا قىلماي ، مۇئەللىم بىلەن بولغان ئالاقىنى باشتىن - ئاخىر ئۈزۈپ قويمىدىم . ئاسپىرانتلارغا ئۆتىدىغان دەرسلىرىنى سىرتتىن ئاڭلاپ تۇردۇم ، دوختۇرخانىغا بېرىپ ، ساناقلىقلا خىزمەتداشلىرى قاتارىدا يوقلاپ تۇردۇم . ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا كۆپچىلىك خىزمەتداشلىرى قايمۇقۇش ئىچىدە ئۇنىڭدىن يىراقلاپ تۇرغان چاغلاردا مەن ئەڭ يېقىن تۇردۇم . مانا مۇشۇلارنىڭ شاراپىتىدىنمۇ مەرھۇم ئۇستاز ۋاپات بولغاندا ، مەن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى سۈپىتىدە ئېڭىكىنى ئۆز قولۇم بىلەن تاڭدىم . مەن بۇ ئىشنى تولىمۇ لايىقىدا قىپتىمەن دەپ ئويلايمەن .
مەڭگۈلۈك سىر بولۇشقا يۈزلەنگەن ئالىمنىڭ تۇغۇلغان جايى
مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم 2-ئاينىڭ 28-كۈنى يەرلىكىدە ياتتى . شۇ كۈنى مەرھۇمنىڭ خىزمەتداشلىرى دوستلىرى ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن بولۇپ ئون ئەچچە ئادەم ئۇنىڭ ئۆيىگە جەم بولۇپ ئۆلۈم ، نەزىر ئىشى ۋە << مۇسىبەتنامە >> ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولدۇق . مۇزاكىرىگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ھاكىم جاپپار ، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل نىياز ، تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئازاد سۇلتان ، ئابباس بۇرھان ، ساۋۇت موللاخۇن ، سېلىم توخسۇن ، ئىسمائىل ئوسمان ، رەنا خانىم ۋە مەن قاتارلىقلار بار ئىدۇق . مۇزاكىرىدىن ئىلگىرى ئىسمائىي نىياز ، ئازاد سۇلتان قاتارلىقلار مەكتەپ ئارخىپخانىسىغا بېرىپ ، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر ماتېرىياللارنى خاتىرىلەپ كەلدى ( بۇ ئەسلىي ماتېرىيال بۈگۈنكى كۈنگىچە مېنىڭ قولۇمدا ) . مۇشۇ ماتېرىيال ئاساسىدا ئالدى بىلەن مەرھۇمنىڭ << مۇسىبەتنامە >>سىنى تەييارلاش ئىشى قولغا ئېلىندى . دەسلەپ گەپ مەرھۇمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى بېكىتىشتىن باشلاندى . مەرھۇمنى قەيەردە تۇغۇلغان دەيمىز ، دەپ سۆز باشلىدى ئارىدىن بىرەيلەن ، _ ئاتۇشتا تۇغۇلغان دەيمىز ، _ دېدى ئابباس بۇرھان ئەپەندى . ساۋۇت موللاخۇن ئەپەندىمۇ دەرھال سۆز ئېلىپ ؛ _ شۇنداق ، ئاتۇشتا تۇغۇلغان دەيمىز ، دەپ تەكىتلىدى . ئارىدىن مويدىن بەگ ئەپەندىم ( بۇ ئادەم كېيىن مەرھۇم بىلەن قۇدا بولغان ) سۆز باشلاپ : _ دۇرۇس گەپ قىلايلى ، نېمىلا دېگەن بىلەن خۇدانى ئالدىساق بولماس ، قەيەردە تۇغۇلغان بولسا شۇ يەردە تۇغۇلغان دېسەك بولمىدىمۇ . نېمە قىلىمىز كىشىلەرنى ئالدايدىغان گەپنى قىلىپ ، _ دېدى . مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا مويدىن بەگ ئەپەندىم ، سول يېنىمدا ساۋۇت موللاخۇن ئەپەندىم ئولتۇرغان ئىدى . ساۋۇت موللاخۇن ئەپەندىم بىز ئولتۇرغان كىرىسلودا دۈمبەم تەرەپتىن ئوڭ قولىنى چىقىرىپ ، مويدىن بەگ ئەپەندىمنىڭ سول بېقىنىغا بىر قانچە قېتىم نوقۇغان ئىدى . كۆزۈم سولغا بۇرۇلغانىدى ، مويدىن بەگ ئەپەندىمنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرغان ئابباس بۇرھان ئەپەندىمۇ مويدىن بەگ ئەپەندىمنىڭ ئوڭ بېقىنىغا ھەدەپ نوقۇۋېتىپتۇ . نوپۇزلۇق ئىككى ئادەمنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىن مەنىلىك ۋە قاتتىق نوقۇشلىرى ، سورۇندا ئولتۇرغان يەنە بىر قانچە ئاتۇشلۇق مۇئەللىملەرنىڭ خۇددى كېلىشىۋالغاندەك ( ئۇلار كېلىشىۋالغان ، ئەلۋەتتە ) ئارقا - ئارقىدىن تەكىتلەشلىرى ئارقىسىدا ، << مۇسىبەتنامە >>گە مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ئاتۇشتا تۇغۇلغان ، دېگەن مەزمۇن كىرگۈزۈلىدىغان بولدى ھەم شۇنداق تەييارلاندى .
مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئابرويى خۇددى يانار تاغدەك بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ قىممىت شۇنداق ئېشىپ كەتتى . بۇنىڭ بۇنداق بولۇشىدا بىر تەرەپتىن ، ئالىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۇزۇن يىل بىخ ھالىتىدە تۇرۇپ ، چېچەكلەپ ، دەل ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئۈلگۈرۈپ مېۋە بېرىشكە ، بۇ مېۋىگە قىزىققانلارنىڭ ئاغزىنى تاتلىق قىلىشقا ، ئېھتىياجىنى قامداشقا توغرا كېلىپ قالدى . يەنە بىر تەرەپتىن ، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ، خىزمەتداشلىرى ، شاگىرتلىرى ھەم ئاتا - ئانىسىنىڭ يۇرتىدىكىلەر ئالدى بىلەن ئالىمنىڭ شان - شەرىپىنىڭ ئىززەت - ئابرويىنى قىلدى ، كەڭ دائىرىدە تەشۋىقات - تەرغىبات ھەرىكىتى شەكىللەندى . كېيىنچە ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەرھۇمنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ يۇرتىدىكىلەرنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە شاگىرتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئارقا - ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى ، كەڭ جامائەتنى ھەيرانۇ - ھەس قالدۇردى ، ئىلىم تەلەپكارلىرىنى مول مەنىۋىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ ، تارىخىي بۇرچنى ۋە ۋەزىپىنى شەرەپ بىلەن ئورۇندىدى .
مەرھۇم ئۇستازنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىدىن كېيىن ، مەن مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم . ئارىدىن يېرىم يىللار ئۆتكەندىن كېيىن مويدىن بەگ ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ، ئۇ كىشىدىن : _ مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم قەيەردە تۇغۇلغان بولغىيتتى ، ئۆتكەندە مۇسبەت كۈنى ئەجەب تالاش - تارتىش بولۇپ قالدى ، _ دەپ ئەتەي سورىدىم . مويدىن بەگ ئەپەندى بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ، _ مەن بۇ ھەقتە ئويلىنىپ كۆرەي ، مەسىلىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن سىزگە ئۇچۇر قىلاي ، _ دېدى . ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن مويدىن بەگ ئەپەندىگە ۋاقىتنى خېلى ئۆتكۈزۈپ ، ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم تېلېفۇن ئۇردۇم . بۇ مۆھتەرەم زات : _ ئىزدىنىۋاتىمەن ، ۋاقتى كەلگەندە سىزگە تېلېفۇن ئۇرىمەن ، _ دەپ سوئالىمنى جاۋابسىز قويدى . كېيىنچە بىر قانچە قېتىملىق سورۇن - مەرىكىلەردە ئۇ كىشىنى ئۇچراتقان بولساممۇ ، لېكىن جاۋاب سىر پېتى قېلىۋەردى . ئويلىدىمكى ، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ مۇسبەت كۈنى ئوڭدىن ۋە سولدىن قىلىنغان زەردىلىك نوقۇشلار سەمىمىي ، راستچىل ، سالاپەتلىك ، پەزىلەتلىك ، ئابرۇيلۇق پېشقەدەم بۇ جامائەت ئەربابىنى قاتتىق چۆچۈتىۋېتىپ ، ئېھتىياتچان قىلىپ قويغان بولسا كېرەك .
مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ تۇغۇلغان جايىنى توغرىلاشقا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەستايىدىل ئۇزۇن باش قاتۇرۇشۇمدا ، بىرىنچىدىن ، مويدىن بەگ ئەپەندىنىڭ : _ نېمە ئۈچۈن راست سۆزلىمەيمىز ، خۇدايىمنى ئالدىساق قانداق بولىدۇ ، _ دېگەن سۆزى كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقى ، راستچىل - سەمىمىي خاراكتېرىمنىڭ كۈچلۈكلۈكى ، ئارخىپ ماتېرىيال ۋە باشقا بىر قاتار ئەھۋاللار سەۋەب بولدى .
مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ تۇغۇلغان جايىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە ؟ بۇنى تارىخىي ، ئىجتىمائىي ۋە رېئال سەۋەبتىن سۈرۈشتە قىلىشقا توغرا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ .مەنبە:دىيارىم تورى
评论
ما غەيرەت مۇئەللىم ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ، ئاخىرىدا يەنىلا ئالىمنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىيتماپتۇ. بۇمۇ سىياسىغا باغلىنىشلىقمىدۇ؟ ھەي، ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە، كىمدىن تۇغۇلۇشىنى تاللاش ھوقوقى بولمىسا يە ! پەقەت چۈشەنمىدىم .
كىلىپ تۇراسىز .