-
Google Mapsنىڭ ئىقتىدارى يېڭىلىنىپ،كوچا مەنزىرىسى ئىقتىدارى ئىلغارلاشتى. 2008-11-27
Google Mapsخەرىتە قۇرالى سەيشەنبە كۈنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەشغۇلات يۈزىگە نىسبەتەن چوڭ كۆلەمدە ئاكتىپلاش ئېلىپ باردى،ئاساسلىقىStreet Viewكوچا مەنزىرىسى ئىقتىدارىغا قايتىدىن لاھىيلەش ئېلىپ باردى.
يېڭى قۇرال كۆزنىكىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىGoogle Earthنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇلۇپ،كوچا مەنزىرىسى كۇنۇپكىسىنىڭ ئورنىغا كىچىك بىر سېرىق رەڭلىك ئادەم شەكىللىك كۇنۇپكا ئالماشتۇرۇلدى.
ئىشلەتكۈچىلەر بۇ كىچىك ئادەمنى خەرىتىنىڭ خالىغان بىر يېرىگە يۆتكىسە،شۇ جاينىڭ كوچا مەنزىرىسىنى كۆرەلەيدۇ.
ئىشلەتكۈچى كوچا مەنزىرىسى كۆرۈنىشىدە يۆتكەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغان ۋاقتىدا،مۇناسىۋەتلىك يۆلىنىش يۆتكىلىشى ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى خەرىتىدە چىقىپ تۇرىدۇ.
خەرىتىنىڭ سول تەرىپىدىكى كىچىك بەلگىنى باسقاندا،كوچا مەنزىرىسى بىلەن خەرىتىنى ئايرىپ كۆرسەتكىلى بۇلىدىغان بۇلۇپ،Google Mapsئارقىلىق ئورۇن باشلاش ئېلىپ بارىدىغان ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاسانلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
مەنبە:http://tech.163.com/digi/08/1127/10/4ROGN8K9001618J1.html
收藏到:Del.icio.us
<< 10دانە داڭلىق خاتىرە كومپىيۇتېر لاھىيىسى | باش بەت | قەغەزسىز خەت يازالايدىغان قەلەم مەيدانغا كەلدى. >>