-
2010-08-15
روھىمدىكى مۇھەممەتجانغا - [مۇھەممەدجان سەيدۇللا]
روھىمدىكى مۇھەممەتجانغا
قولۇڭنى بەر، ماڭايلى ئەمدى،
سۇ ئاستىدا قالغىچە قىرلار.
توپان كېلىپ باسقان دۇنيادا،
ئىشەن، نوھنىڭ كېمىسى ھەم بار.
ئۇزاق بولدى، بەك ئۇزاق بولدى،
مەن بۇ ھالدا كۆرگىلى سېنى.
ئاچچىق كىشنەر سەن مىنگەن تۇلپار،
سەن كۆتۈرگەن بايراقلار قېنى؟
سەن يىقىلساڭ تۈگەيمەن مەنمۇ،
تۈگەر تالاي روھ ۋە تالاي تەن.
تۈگەر شېئىرىڭ يورۇتقان تۈنلەر،
تۈگەر شېئىرىڭ ياراتقان ۋەتەن.历史上的今天:
ئىككى شېئىر 2010-08-15جان ئوغلۇم 2010-08-15ئىككى شېئىر 2010-08-15قارىغىن، بۇ ماڭا... 2010-08-15كۆيگەن شەھەر 2010-08-15
收藏到:Del.icio.us