-
2010-08-15
قاراقچى - [غوجى مۇھەممەد شېئىرلىرى]
قاراقچى
سۆلكەتلىك پەرىشتەم قېنى سەن، قېنى،
باھاردەك باغرىڭغا ئالمامسەن مېنى.
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن كۆزۈڭگە قاراپ،
سەزمەكتە يۈرىكىم ئۇزاق كېچىنى.
ئاق ئېتىم باغلاقلىق چۆلدە توغراققا،
يايلىنى تارايدۇ ئۇنىڭ بورانلار.
قىلىچىم پارقىراپ تۇرۇپتۇ،ئايدا،
بىلەيدۇ توختاۋسىز ئۇنى زامانلار.
تەييارمەن كۈلپەتكە،تەييارمەن دەردكە،
تەنتەنە قىلىمەن چەككەنچە ئازاب.
بىر جېنىم مىڭ بولۇپ قىلىدۇ بايرام،
ئۆلۈمنىڭ يەنە بىر ئىسمىنى توۋلاپ.
كېتىمەن تۇيدۇرماي يېرىم كېچىدە
قاراقچى دە، لېكىن تۆكمىگىن كۆزياش.
بىلەيسەن،باغلايدۇ نۇرىدا مېنى،
سەھەردە شەرقتىن چىققان شۇ شۇ قۇياش.
历史上的今天:
ئىككى شېئىر 2010-08-15جان ئوغلۇم 2010-08-15ئىككى شېئىر 2010-08-15قارىغىن، بۇ ماڭا... 2010-08-15كۆيگەن شەھەر 2010-08-15
收藏到:Del.icio.us