-
2010-08-15
رەڭگارەڭ سۆزلەر - [غوجى مۇھەممەد شېئىرلىرى]
رەڭگارەڭ سۆزلەر
ئۆلۈمنىڭ ئاپئاق رەڭگىنى قارا رەڭدە ئالداۋاتىسەن
ھاياتنىڭ سىرىق سۇلىرىنى يېشىل رەڭدە چايقاۋاتىسەن
ئۆمرۈڭنى زىرىكىشلىك قىزىل رەڭدە بوياۋاتىسەن
مۇھەببەتنىڭ مەينەت كېسەللىكىنى
ھەتتا
يۈرىكىڭنىڭ مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكىنى
ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ
قاراڭغۇ كوچىلاردىن مەشئەل كۆتۈرۈپ ئۆتكەنلىكىنى
ئۆلۈكلەرنىڭ ئەبەدىلىك تەبەسسۇمىدا
تەڭرى چىھرىدەك
ھەممە رەڭلەرنىڭ ئۈزۈل- كېسىل ئۆچكەنلىكىنى
سۆزلەۋاتىسەن...
历史上的今天:
ئىككى شېئىر 2010-08-15جان ئوغلۇم 2010-08-15ئىككى شېئىر 2010-08-15قارىغىن، بۇ ماڭا... 2010-08-15كۆيگەن شەھەر 2010-08-15
评论