• 2010-08-15

    ئۆزۈمدىن بىر ۋاراق ئاچسام - [غوجى مۇھەممەد شېئىرلىرى]

     

    ئۆزۈمدىن بىر ۋاراق ئاچسام

     

    ئۆزۈمدىن بىر ۋاراق ئاچسام

    چېچىم ئۆركەشلەر شاماللارنىڭ قەلەندىرىگە

    ئۆزۈمدىن بىر ۋاراق ئاچسام...

    مەندە مەندىن باشقا ھىچكىم يوق

    مەندە مەندىمۇ يوق يالغۇزلۇق

    مەندە چىقىپ كەتكەن ئايالنىڭ بوش كارۋىتى

    مەندە قايتىپ كېلىدىغان ئايالنىڭ زىبۇ- زىننەت ساندۇقى

    مەندە كەلمەيدىغان، كەتمەيدىغان ئايالنىڭ قۇرۇپ قالماس ئىلھام بۇلىقى

    سازلار ۋارقىرار قاندىن سوڭەككە

    يېتىپ بارالماس ھىچىبىر كارۋان تەشنا يۈرەككە

    كۆرمەس چۈشلەرنى كېچىلەردە نە قىلاي؟

    قېچىپ يۈرگەن ئاسمان بىلەن ئەگەشمىگەن دۇنيانى

    ئەينەك دېرىزىنى ئاچقاننى، ئۆلگەن ئادەم قىپيالىڭاچ قاچقاننى

    سۇدىن تار ئەشكەننى، ئوتتىن ۋىل- ۋىل تۈگمىلەرنى يەشكەننى

    ئاھ!...

    قاراڭغۇدىن يورۇق يۈزۈم كۆرۈندى

    ئۆزۈمدىن بىر ۋاراق ئاچسام!

     


    收藏到:Del.icio.us