• 2010-08-15

    بۇ يۈرەك - [غوجى مۇھەممەد شېئىرلىرى]

     

    بۇ يۈرەك

    غوجى مۇھەممەد

     

    يارۇ- جانان دەردىدە  ئاھ، بولدى خۇمدان بۇ يۈرەك،

    يىغلىدى زار، قىلدى نالە، چەكتى ئەبغان بۇ يۈرەك،

    ئىشىق چۆلىدە مەشرەبىدەك قىلدى ئىسيان بۇ يۈرەك،

    بۇلبۇلى بىچارىدەك گاھ يىغلىدى قان بۇ يۈرەك،

    كەزدى گاھى بوپ قەلەندەر دەشتى ھېجران، بۇ يۈرەك،

    بولدى سۇلغۇن گۈل- چىمەنلەر ئىچرە رەيھان بۇ يۈرەك.

     

    كەلمىدى ئاھ، سۈرتكىلى ياشىنى چۆللەردىن بوران،

    كەلمىدى يا بىلگىلى دەردىنى تاغلاردىن تۇمان،

    كەلمىدى ياكى سوراپ ھالىنى باغلاردىن خازان،

    كەلمىدى يار، ياكى تەندىن چىقمىدى بۇ خەستە جان،

    ئول پىراقنىڭ خەنجىرىدە  بولدى ۋەيران بۇ يۈرەك،

    لەئلى مارجاندەك چېچىلدى، بولدى سەرسان بۇ يۈرەك.

     

    كۈندۈزى كۈنگە بېقىپ، زۇمرەت ساماغا يىغلىدى،

    كېچىسى تۈنگە كىرىپ غايىب ساداغا يىغلىدى،

    قەلبىدە گۈر- گۈر كۆيۈپ تۇرغان گۇناغا يىغلىدى،

    يىغلىدى، سوزدى قولىن، قادىر خۇداغا يىغلىدى،

    يىغلىدى ئاھ يىغلىدى، بولدى پەرىشان بۇ يۈرەك،

    قانۇ- ياش، دەردى- ئەلەمگە بولدى سۇلتان بۇ يۈرەك.

     

    مەي دېدى كەلدى زەھەر ئاھ، گۈل دېدى كەلدى تىكەن،

    سۇ دېدى كەلدى باياۋان، چۆل دېدى كەلدى چىمەن،

    بار دېدى يوق بولدى ھەممە، يوق دېدى بولدى رۇشەن،

    كىيدى ئۇ روھ- تېنىگە ئاخىر جۇدالىقتىن كىپەن،

    بارچە غەۋغالارنى يارسىز، ئىيىتتى يالغان بۇ يۈرەك،

    يار يولىغا تەلمۈرۈپ ئاھ، تۆكتى گىريان بۇ يۈرەك.

     

    بولمىسا سۆيگۈ ئەگەر دۇنيا بىنا بولماسمىدى؟

    كۆيمىسە دىلدا پىراق، دوزاخ ئوتى يانماسمىدى؟

    تۇرمىسا كۈندە ئۆلۈپ ئاشىق يۈرەك قانماسمىدى؟

    تاپسا گەر ۋەسلى- مۇراد،ئالەمدە يار قالماسمىدى؟

    كۆيدى دوزاختەك لاۋۇلداپ، بولدى گۈلخان بۇ يۈرەك،

    يەتتە ئىقلىمغا ئىشىقنى قىلدى داستان بۇ يۈرەك.

     

    2002- يىل 15- ئىيۇل. خوتەن


    收藏到:Del.icio.us