• 2010-08-15

    ئىزىڭدىن ماڭدى دىۋانە... - [غوجى مۇھەممەد شېئىرلىرى]

     

    ئىزىڭدىن ماڭدى دىۋانە...

     

    ( ئاتامغا مۇۋەششەھى مەرسىيە)

     

    مالامەت، جەبرىلەر ئىچرە تېپىپسەن رەھنەمالىقمنى،

    كىيىپ ھەم ئىشىق ئارا جەندە كېزىپسەن ئەۋلىيالىقنى.

     

    ئۇزايىڭ ھالەتى ئەنۋەر، سۆزۈڭ ھەم دۇررى- دۇردانە،

    ۋەتەن- ئەل قىبلىگاھىڭدۇر، يۇرۇتقان ئەنبىيالىقنى.

     

    ھامانە ئىزدىدىڭ ئىمكان كۆرۈشكە ھەق دىدارىنى،

    ئۆزۈڭگە كۇللى غەۋغادىن راۋا دەپ بىر خۇدالىقنى.

     

    ئەقىدەڭ دەممۇ- دەم ئۆرلەپ پەلەككە يانمۇ- يان بولدى،

    سامادا مىڭ قۇياش يىغلاپ تىلەيدۇ نۇر- زىيالىقنى.

     

    مۇشەققەت ئىچرە مېھنەتنى ئۆزۈڭگە  تۇتىيا قىلدىڭ،

    دىلىڭغا يار قىلىپ ھەر ئان مۇھەببەت- ئاشىنالىقنى.

     

    مۇراد گۈلزارىدا ھەرچاغ پىراققا ئىنتىلىپ ئۆتتۈڭ،

    ئىشىقنىڭ لەشكىرى كەلسە ئادا قىپ جان پىدالىقنى.

     

    ئەقىدەڭ يۇلتۇزى چاقناق، كۆڭۈلكى ئۇندا بىر ئاسمان،

    تالاشتى بارچە سەييارە ئۇنىڭدىن مۇترەبالىقنى.

     

    دەرىخا، بىۋاپا ئالەم جۇدا قىلدى سېنى بىزدىن،

    راۋا دەپ روھىناتىڭغا بىھىشتە مەرھابالىقنى.

     

    ئىغىر يەر ھەم ئىغىر ئاسمان ئارا يەنچىلدى ئارمانلار،

    سېلىپ دىللارغا ھىجراندىن ئەبەدلىك مۇپتىلالىقنى.

     

    ساداقەت تەڭرىگە بولسۇن ۋەياكى خەستە تۇپراققا،

    ئەگەر چىن بولسا ئۇ تاپقاي ھامانە دىلرابالىقنى.

     

    مۇقاملار نە ئۈچۈن يىغلار ياقاسى چاكۇ- چاك مەجنۇن،

    ئىشىقتىن بولمىسا پەرياد، ئاۋات قىپ كەربالالالىقنى.

     

    ئازارە، غەلۋە- ماجرادۇر جاھاننىڭ تەپسىرى ئاخىر،

    كىشىكىم دۇر- گۆھەر ئىچرە يوقاتسا كەھرىبالىقنى.

     

    ياتارغا يەر ئىرۇر كۆرپە، يىپىنچا ھەم ئاڭا ئاسمان،

    كىشىكىن كۆڭلى سەرساندۇر، ئۇنۇتسا بورىيالىقنى.

     

    ئىزىڭدىن ماڭدى دىۋانە، خۇدا دەپ نالىلەر ئەيلەپ،

    يېتەي دەپ ۋەسلىگە ھەقنىڭ، تامام قىپ بۇ جۇدالىقنى.

     

    لىكىن ئاھ، ياردا ئەس- يادىم، يۈزۈمدۇر قىبلىگە ھەيھات،

    ئەپۇ قىلغايمۇ مەھشەردە ئىگەم بۇ بىۋاپالىقنى؟!

     

    1996- يىل 27- ماي. قوشتاغ

     


    收藏到:Del.icio.us