-
2010-08-15
گۇناھلار - [پاسئان شېئىرلىرى]
گۇناھلار
ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان
تىل نەقىشلىرىدىن ئۆتۈۋاتقان
يولۇچى باھارنىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە
بىرنەچچە قېتىم يۈز بەرگەن تۇغۇلۇش گۇناھى ئولتۇرىدۇ.
بۇلۇتلار پەلەمپەيدىن ئۆرلەيدىغان زامان
ئۇنىڭ ۋە كەينىمىزدىكىلەرنىڭ.
مۆرىمىزدە چېكەتكىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ ياشاۋاتقان ئاق شاخلار.
شاخلارنىڭ سايىسى ــ پەلەك.
بۇدەم
پىلدىرلاپ تۇرغان قاراقلىرىڭغا باش ئۇرىمەن
ئۇ تۆكۈلىدۇ.
ئۆسۈۋاتقان پۇتلىرىڭنى ئۈستۈمگە ئالىمەن
ئۇ قورساق كۆتۈرىدۇ.
ئاستىنقى دۇنيانىڭ غەملىرى ــ سۇ ھەم بالىياتقۇ.
دېمەك، سەن تېخى بۈيۈك ئورماننىڭ بوسۇغىسىدا...
تىلىڭدا تىلىمنىڭ بۆرىسى بار.
سوزۇق كۈچۈكلەر
ئۈزۈك كۈچۈكلەرنى كېمىگە ئېلىپ چىقىپ سېمۋوللاشتۇرار.
ئۇدۇركى، شەبنەم كەبى مالايلارنىڭ ۋەھىي ساندۇقى!
ئاۋازنىڭ شۇڭقار تەرىپىدىن كولانغان قۇيرۇق سۆڭىكى!
ھەمدە پەرشتە كىيىملىرىنى توشۇيدىغان ياغاچ ھاممال...
ناخشىلار تېنىڭنى كۆپتۈرىدۇ.
شېئىر چېچىڭنى ئاقلايدۇ.
پەقەت مەنلا سېنىڭ تۇرالغۇڭنى قوغدايدىغان
ئېرا چىۋىنى ۋە دېڭىز بارخىنى.
بىز يوللارنى تۇغقاندىن كېيىن
ئاڭا ماس كېلىدىغان يولۇچىلارنى ياسايمىز.
بىراق، ئۇلار ھەممىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.
بىزنىڭ كۈل بولىدىغان دەۋرىمىز
بىراقلا ئوچۇق يەلكەنلەرگە ئايلىنىدۇ.
يېزىق ئارىسىدىكى ئېسىلىپ ئۆلۈشلەر بىلەن
ئاۋۇ چوققىدا شامالغا يۈزلىنىشنىڭمۇ
سەنچىلىك مەنىسى يوق.
قارىلايدىغان قۇشلار چېچىمدىن تارتقۇشلىماقتا.
تېنىڭ غارىدىكى شادىمان بېسىم مېنى تۆۋەنگە چىللايدۇ.
لېكىن، سەن ئۇ يەردە ئەمەس.
بىپەرۋالىقىمغا تەشەككۇر
ئەنجۈر ئىكەنلىكىمگە قارغىش
يوچۇن كەپەمگە تەڭرى ئومۇملاشقاندا
مەن ئۇ يەردە ئەمەس!
غاڭزاڭنى تىلىڭغا توغىرلا–دە،
چىگرالارنى شورىغاندەك شورا.
قورسىقىڭنى دېڭىزغا قويۇپ بەر–دە،
بېلىقلاردەك غىزالان.
شۇندىمۇ تاشتەك چۆكمەكتىسەن،
گويا ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن
بەختلىك كىشىلەر تېپىۋالغان
رەڭسىز تېرەڭنى
ماڭا ئاتىغاندەك...
2010 – يىل 7 – ئاۋغۇست
历史上的今天:
ئىككى شېئىر 2010-08-15جان ئوغلۇم 2010-08-15ئىككى شېئىر 2010-08-15قارىغىن، بۇ ماڭا... 2010-08-15كۆيگەن شەھەر 2010-08-15
收藏到:Del.icio.us