-
2010-08-15
ساھىبجامال بېلىق - [ئەركىن نۇر شېئىرلىرى]
ساھىبجامال بېلىق
ئەركىن نۇر
مەن باقىمەن ساڭا ھەرقاچان
مۇھەببەتنىڭ كۆزىدە
ئى، بېلىق تەنلىك ساھىپجامال قىز
سەن مېنىڭ باغرىمدا، ئىچكى قىسمىمدا−
ئىزدەمسەن چوڭقۇرلۇق چوققىسىنى ئەڭ؟
قۇچاقلاپ ياتقىنىم سۇ ئەمەس، بەلكى
بىپايان تەنھالىق، زۇلمەتكە تولغان
دېڭىزمەن، سەن ئۈچۈن چەكسىز بىر دېڭىز
جىسمىڭدا يانغاچقىمۇ ئالەمچە سۆيگۈ
سەن يارالغان قىززىققان بىر مەخلۇق بولۇپ
سالقىندايسەن دائىما
چوڭقۇرلۇقۇم دەرخىنىڭ سايىسىدە
زىمىستانغا تولسىمۇ ئىچىم
توڭلىماستىن زەررىچە
ئۈزىسەن، يايرايسەن لەززەت دېڭىزىدا شۇ پېتىم
قاپقاراڭغۇ، زۇلمەتلىك
مېنىڭ ئىچىم شۇ قەدەر
سەن ھېرىسمەن بولغاچقا
ئىچىمدىكى كېچىگە
قىلىسەن سەپەر
مەيىن دولقۇنلارغا ئايلىنىپ
سىلايمەن، سۆيىمەن سېنى قانغۇچە
چۆكىسەن چوڭقۇرلۇقىمغا، تاپالمايسەن ھېچ−
چوڭقۇرلۇقىمنى، كەزسەڭمۇ قانچە-قانچە
باغرىمدا ئۇخلايسەن تاتلىق
شېرىن چۈشكە ئايلىنىپ
كېزىمەن روھىڭنى، تېنىڭنىمۇ ھەم
شۇندا، بېلىق بولۇپ مەن ساڭا
ئىچكىرىلەپ كىرىمەن
چوڭقۇرۇڭدىكى ئۆلۈم قۇلۇلىسىنى ئوينىماق ئۈچۈن
شۇ پەيت، سوزۇلۇپ ياتقان بىر دېڭىزسەن ئەركەم
ئىچىمنىڭ ئىچىدىكى مۇز تاغلار ئارا
سەن ياشايسەن ئېسكىموسلاردەك
ئى، بېلىق تەنلىك ساھىبجامال قىز
ئىشىكىڭنى ئاچ، مەۋجۇدىيىتىمىز ئايلانسۇن بىر-بىرىگە
غېرىبانە، مەنىسىز ھايات
كۆيسۇن
ئىچ-ئىچىمىزدىن پاراسلاپ چاچرىغان قىزغىنلىق چوغىدا
مەن باقىمەن ساڭا ھەرقاچان
چوڭقۇرلۇقۇمغا شۇڭغۇ
شۇڭغۇغىن چاپسان
历史上的今天:
ئىككى شېئىر 2010-08-15جان ئوغلۇم 2010-08-15ئىككى شېئىر 2010-08-15قارىغىن، بۇ ماڭا... 2010-08-15كۆيگەن شەھەر 2010-08-15
收藏到:Del.icio.us