• 2010-08-15

    بەش يىل - [پەرھات تۇرسۇن شېئىرلىرى]

     

    بەش يىل

    پەرھات تۇرسۇن

     

    ھەر بىر بەش يىل ئۆمۈرنىڭ بىر باسقۇچى

    مەن بەش ياشتا مەكتەپكە كىرگەن

    ئۇچاغلاردا ۋاقت بەك ئۇزاق ئىدى

    بىر پوممىششىك خوشنىمىز تۇرمىدىن چىققاندا

    باشقىلار ئۇنى بەش يىل ياتتى دىيىشكەن

    ئو، نىمە دىگەن ئۇزاق ۋاقت!

    مەن ھەيران قالغانىدىم

    بۇ مەن ئۇچۇن بىر ئۆمۈرگە تەڭ ئىدى

    چۈنكى مەن ئۇچاغدا ئاران بەش ياشتا

     

     

    بەش يىللىق ئالي مەكتەپ ھاياتى

    پەقەت بىر ئەدەبىيات سەنەت كۆڭۈل ئېچىش جەريانى بولدى

    بىراق ئىسەنكىرەش ۋە پاراكەندىلىك

    بۇ بەشيىلنى بەكمۇ ئۇزارتىۋەتتى

    تەننىڭ تەلىپىگە بولغان قارشىلىقتىن

    ئۇنى قوبۇل قىلغىچە بولغان بۇ ئۇزاق جەرياندا

    ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋاقتى بەكمۇ يىراق بىلىنەتتى

     

     

    ھازىر كىشىلەرنىڭ بىر بىرى بىلەن ئارىلىقى بارغانسىرى يېقىنلاپ كەتتى

    باشقىلارنىڭ تىكىلىپلا تۇرغىنىنى دائىم ھېس قىلغىلى بولىدۇ

    ئۇلارنىڭ ئاغزىنىڭ پۇرىقى نېرى كەتمەيدۇ

    ۋاقت بارغانسىرى قىسقارماقتا

    ئاغزىمنى ئەمدىلا ئېچىپ

    بىر جۈملە سۆزنى ئېيتىپ بولالمايلا

    بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى

     

    2005-يىل 5-ئاي

     


    收藏到:Del.icio.us