-
2010-08-15
ئېيتقۇم كەلمەس ناخشىلارنى ئېيتىمەن - [قەيسەر تۇرسۇن شېئىرلىرى]
ئېيتقۇم كەلمەس ناخشىلارنى ئېيتىمەن
ئېيتقۇم كەلمەس ناخشىلارنى ئېيتىمەن
كۆڭلى تارتماي تاماق يىگەن بالىدەك.
ئىچ-ئىچىمدىن پىغان ئۆرلەپ تۇرسىمۇ،
قونىۋالدى گۈل ئۈستىگە كېپىنەك.
بىراق مېنىڭ بىردەستىمۇ گۈلۈم يوق،
ناخشىلارنى ئەركىلەتكەن بەرگىدە.
ئەزرائىلغا شېئىر ئوقۇپ بېرىمەن،
سۆيگۈ، ئاشىق، ھايات، ئۆلۈم ھەققىدە.
بۇ دۇنيادا قۇدرەتلىكتۇر ھەممىدىن،
كۆز ياشلىرى سىمۇۋۇللۇق بالىلار.
مەنمۇ تېخى بالا ئىدىم تۈنۈگۈن ،
خىياللىرى يۇلتۇزلارنى يىغلىتار.
بالىلىقىم يۈركۈمنى قىلسا قان،
كېپىنەككە ئايلانغۇملا كېلەتتى.
قىزىل گۈلۈم ئەشۇ قاننىڭ ئىچىدە
بىر جەسەتنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى.
رېئاللىققا يۈزلەنمەسكە نە ئامال؟
تاشلاپ كەتتى مېنى گۈل ھەم كېپىنەك.
كۈن نۇرىدىن زېرىكمىگەن تاغ كەبى
زېرىكمىدى ئاھ ئۇرۇشتىن بۇ يۈرەك.
بولدى ماڭا ئېيتىپ بەرمە ھېكايە
بولدى ماڭا ئېيتىپ بەرمە ھېكايە
تۇرمۇشۇمدا ھېكايىلەر ئاز ئەمەس.
تۇرساممۇ گەر سەندىن چەكسىز يىرگىنىپ،
بىلدىم سېنى ھاياتىمدىن مۇقەددەس.
ئۆتمۈشتىكى ھېكايىلەر بىر-بىرلەپ،
ئايلاندۇرۇپ چىقار مېنى ئېتىزغا.
ئاھ، نەقەدەر ھوسۇلسىزدۇر بۇ ئېتىز،
كۆز ياشلىرىم ئايلانماقتا دېڭىزغا.
بۇ دېڭىزدا يوقتۇر ئەسلا بېلىقلار،
ئەمما سىرلىق دولقۇنى بار بىپايان.
بۇ دېڭىزنىڭ بېشى ھەمدە ئاخىرى،
پەقەت سېنىڭ چۈشلىرىڭگە تۇتاشقان.
چۈشلىرىڭدىن ئويغىنىپلا تاڭ سەھەر،
كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىزنى ئايلىنىپ؛
مەن تۇرارمەن ئېيتىپ ساڭا ھېكايە،
دان تۇتمىغان باشاقتەكلا سارغىيىپ.
历史上的今天:
ئىككى شېئىر 2010-08-15جان ئوغلۇم 2010-08-15ئىككى شېئىر 2010-08-15قارىغىن، بۇ ماڭا... 2010-08-15كۆيگەن شەھەر 2010-08-15
收藏到:Del.icio.us