• 2010-08-15

    ئىككى شېئىر - [قەيسەر تۇرسۇن شېئىرلىرى]

     

    ئىككى شېئىر

    قەيسەر تۇرسۇن

     

    يامغۇرنىڭ سۈيى

     

    مەن ئىچتىم يامغۇرنىڭ سۈيىنى قېنىپ،

    يۈرمىدۈم خەق قانداق ئويلاپ قالار دەپ.

    يامغۇرسىز يۈرگىلى بوپتۇ بەك ئۇزاق،

    ھەركۈنى شەھەرگە كەلسىمۇ سەلەپ.

     

    يامغۇرنىڭ سۈيىدىن كەلدى بىر نەپەس،

    سۆيگۈ ۋە ياشلىقنىڭ ھېدىنى ئېلىپ.

    ئوت كەتكەن ئەينەكتە ماڭغاندەك گويا،

    بەدىنىم تۇيۇقسىز كەتتى ئوت ئېلىپ.

     

    شۇ ئوتنىڭ ئىچىدىن ئىزدىدىم سېنى،

    بىر دەردمەن دەريادەك كۆيمەكتە يۈرەك.

    كۆز يېشىڭ ئاھ، ئەشۇ دەريانىڭ سۈيى،

    ھېچقانداق كىشىنى قىلمايدۇ كېرەك.

     

    ياشلىقىم قۇشلارغا تولغان بىر قەپەس،

    يامغۇرلۇق دالاغا قويۇلغان ئېسىپ.

    سەككىز يىل ئىچىدە چوڭ بولمىدۇم مەن،

    ۋاقىتنىڭ ساقىلى كەتتى ئاقىرىپ.

     

    ئەڭ شىرىن گەپلەرنى ئۇزاتتى تۈنلەر،

    يامغۇرنىڭ سۈيىگە چىلاشتى ئاسمان.

    ھاياتنى ئۆلۈمنى قەدىرلەش ئۈچۈن،

    ئۆزۈمگە قايتىدىن قىلدىم جەڭ ئېلان.

     

    سۆيگۈ مېنى كۆيدۈردى تامام

     

    سۆيگۈ مېنى كۆيدۈردى تامام،

    بەدىنىمگە چېچىلدى كۈلۈم.

    ئاۋازىمنىڭ قاراڭغۇسىدا

    مېنى ساقلاپ تۇراتتى گۈلۈم.

     

    ئۇنىڭ قىزىل قولياغلىقى بار،

    ماڭا قايتا بەرمەيدۇ بىراق.

    ياغلىقتىكى ئۆلۈمنىڭ ھېدى،

    ئىنتىلدۈرەر ياشاشقا ئۇزاق.

     

    سۆيگۈ مېنى كۆيدۈردى تامام،

    كۆز ئالدىمدا ئىرماش-چىرماش يول.

    كۆڭۈل دېگەن سۇنغان پىيالە،

    رېئاللىقنى قىلماقتا قوبۇل.

     

    ھارغىنلىقىم يەتتى چېكىگە،

    مەن بەئەينى يىرتىلغان كىتاب.

    سۆيگۈنۈمنىڭ قولياغلىقىدا،

    ساقلىنىمەن چەكسىز ئاۋايلاپ.

     

    مەنبە-«تەڭرىتاغ» ژورنىلى2006-يىللىق3-سان

     


    收藏到:Del.icio.us