سىڭىپ كەتتىم بۇ ئاخشام
تۈركىيىلىك ياش ناخشىچىسى Bora Duran (بورا دۇرئان) نىڭ روك ئۇسلۇبىدا ئېيتىلغان «سىڭىپ كەتتىم بۇ ئاخشام» ناملىق مۇھەببەت ناخشىسى ئۆزىنىڭ يېقىملىق ملودىيىسى ۋە يۈرەكنى تىترەتكۈچى كۈيلىرى بىلەن تۈركىيىدىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا سەنئەت ساھەسىدە كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، بىزمۇ بۇ ناخشىنى ھوزورىڭلارغا سۇندۇق، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر...
تەرجىمە قىلغۇچى : NAWA 0998
رەڭدار خەتكۈشلەر
كۆپ باھالانغان فىلىملەر
- 660كرۇدس جەمەتى (توردا كۆرۈش تەمىنلەندى)
- 197پەلەستىنلىك زەھرانىڭ كۆزلىرى
- 137ئەگرى-توقاي بىر يولدىمەن
- 133ئىنجىل مېنى ئىسلامغا قانداق باشلاپ كىردى؟
- 95پەرىشتە
- 87ھىندىستان ھېكايە فىلىمى : ئۈچ ئەخمەق
- 831001 كەشپىيات ۋە سىرلار كۈتۈپخانىسى
- 74پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىنسان ھۆرمىتى
- 66چالما-كېسەك قىلىنغان سۈرەييە
- 65ئۆلۈم بىزنى ھەر ۋاقىت كۈتۈپ تۇرىدۇ
- 60كۇردلار ۋادىسى-ئىراق
- 58گېسى باغلىرى
- 51نۆلنىڭ ھاياتى
- 49رامىزان
- 43چاناق قەلئە ئۈچۈن چال
- 42مىنيەلىك ئابدۇللاھ
- 41قېرىنداشلىق
- 40لەگلەك قوغلىغۇچى بالا
- 39راس يالغان بېنلادىن
- 39ئاشىق 2
ياخشى ناخشىكەن...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇربەگ ، بۇ مىنىڭ شاھ ئۇيغۇر بىلوگىدا تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلغان ئەسىرىم، كۆپرەك يول كۆرسىتەرسىلە، رەھمەت.
بۇ ناخشىنى ئۇيغۇربەگ بىلەن تەرجىمە قىلغانما، ياخشى ناخشىكەن
ئۆزى مۇستەقىل تەرجىمە قىپتۇ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ناخشىنىڭ تەرجىمىسىدە گەپ يوق. تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى قېرىنداش تىل بولغاچ نۇرغۇن سۆزلەر ئوخشىشىپ كېتىدۇ ياكى ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ ماس كېلىدىغان سۆزلەر ھامان چىقىدۇ. بۇ ناخشىدىكى تەرجىمە ئاساسەن ئۇيغۇرچىدىكى مەنە تەرجىمىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىپتۇ، يەنى بەزى سۆزلەرنى ئۇدۇل تەرجىمە قىلماي ئۇيغۇرچىدىكى باشقا سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەش، تېكىستتە يوق سۆزلەرنى قوشۇپ قويۇش قاتارلىق قاتارلىق كىچىككىنە كەمچىلىك بار دەپ قارايمەن. مەنمۇ يېڭى ئۆگەنگەندە مۇشۇنداق تەرجىمە قىلاتتىم، كېيىن بارا-بارا بۇ ئىشلارغا كۆنگەندە بىۋاستە تەرجىمەلا قىلىڭ، ئارتۇق سۆز قوشۇشتىن ساقلىنىڭ.
ئەمدى مەنمۇ ھېلىھەم ئۆگەنگۈچى بۇ تىلنى...
قالدۇرغان سۆزىڭىزنى كۆردۈم. بۇنىڭ تەرجىمىسىنى ناۋا0998 تەرجىمە قىلىپ ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن، مەن كىرىشتۈرگەن، ناۋا0998 تەرجىمە قىلغاندا سىز ئېيتقاندەك ئۇدۇل تەرجىمە قىلغانىكەنتۇق، بىراق مەن كۆنۈپ قالغان تەرجىمە ئادىتىم بويىچە ئازراق بەدىئىي ئىش قوشۇپ كىرىشتۈرگەن، بۇندىن كېيىن بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىمەن، بولۇپمۇ تۈركچە MTV لارنى ئۆز ئەسلىنى ساقلىغان ئاساستا تەرجىمە قىلىمەن، بەرگەن تەكلىپىڭىزدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم، رەھمەت، داۋاملىق قەدەم تەشرىپ قىلغايسىز قېرىندىشىم!!!
ياخشى ناخشىكەن رەخمەت
رەخمەت
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ناخشىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسىنى تەمىنلىسەڭلار بوپتىكەن !~!