• 2009-04-11

    ئۇيغۇر تىلى - [تەرمىلەر ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەر]

    ئۇيغۇر تىلى

     

    Uyghur tili

     

     

    ئابدۇرېھىم زۇنۇن

    (مۇخەممەس )

     

     

    بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۇتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،

    مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،

    بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى،

    مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،

    بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى

     

    ئانا تىل ھەردەم قۇۋم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى ،

    ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ،

    ئانا تىل چوڭۇ- كىچىكنىڭ يۈرىكى ، تاغ - يۆلىكى،

    ئانا تىل ۋاسىتە - قورال ئالاقىدە ، قەلب ئەينىكى ،

    بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى .

     

    پەڭە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم ،

    تارىتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەر قاچان ئەنبەر تىلىم ،

    ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر ، كەۋسەر تىلىم ،

    بولدى ئەل دۈشمەنلىرىگە تىغ - تەبەر ، نەشتەر تىلىم ،

    ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى .

     

    <a> بىلەن كىردى ئېغىزغا ، تىل - زۇۋانغا مەڭگۈ تەم ،

    قىلدى تىل ئاقىل ، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم ،

    تىل چېچېلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم ،

    تىل بىمار ، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا ، ئاچلارغا يەم ،

    خاسىيەتلىك تىل تۇمار ، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى .

     

    يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام ،

    مەن ئىجات ئەتتىم مۇشۇ تىلدا ، قىلىپ پەرۋاز داۋام ،

    مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام ،

    مۇشۇ تىل بەردى چىدام ، مەردلىك ، ۋاپادارلىق مۇدام ،

    قان قېرىنداشلارغا رىشتە ، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى .

     

    سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق ،

    ئۇ - چىراغ ، پەرۋانە بىز ، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق ،

    ئانا تىل يىلتىز ، ئوزۇق ئالغۇچى بىز _ نوتا - ئۇلاق ،

    ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ ، تاپتۇق ئەقىل ، سەمرىپ قۇلاق ،

    بىزگە پۇتمەس كان ، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى .

     

    قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا ،

    تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا ،

    ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش ، <مىڭ ياشا !>دېگەن سادا،

    مۇشۇ تىل شۆھرەتكە ناىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما ،

    ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى .

     

     

    شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان ،

    مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان ،

    مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ ، ھەزرەت ناۋاىي تاپتى شان ،

    مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان ،

    مەڭگۈ ئەڭۇشتەر ، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى .

     

     

    مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق ، بىباھا ،

    مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا ، خاتا ،

    مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان ، مېھرى ئاتەش جان ئانا ،

    مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات ، جاننى ئاتا ،

    پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ - ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى .

     

     

     

    ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار ،

    ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئېپتىخار ،

    ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۇلباھار ،

    ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار ، ھېكمەت ، مۇھەببەت ... ھەممە بار ،

    بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۇردۇر ، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى .

     

     

    بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس ، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم ،

    ئۆز تىلىم بار ، ئاي ، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم ،

    بارمۇ مەندەك باي جاھاندا ، ئۆتتى شاد ھەر ئاي ، يىلىم ،

    ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم ،

    ماڭا ئۇستاز ، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر ، ئۇيغۇر تىلى .

     

     

    خىسلىتى يازغانغا پۇتمەس ، تىل ھايات ، بىزمۇ ھايات ،

    مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق ، ئەل - يۇرت ئاۋات ،

    كۇنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات ،

    مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن ، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد ،

    ئۇتتى مەيلىمنى ، بېرىپ دىل ، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى .

     

     

    تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ ، باش قاشلىما ،

    بولسا بىل كۆپ تىل ، ئەقىل ، كۈچ تاپ ھامان ، يانپاشلىما ،

    بۇ قورالدىن پايدىلان ياخشى ، كېيىن كۆز ياشلىما ،

    شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما ،

    قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر ، مۆتىۋە ر ئۇيغۇر تىلى .

     

     

    ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا ،

    شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا ،

    ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا ،

    چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا ،

    سۈيىدە ئاق ، ئوتىدا كۆيدۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى !

     





    评论

  • ناھايىتى ياخشى يېزىلغان شىئېركەن ، رەھمەت !
    شاھىمەردان ئەخمەت ئۇيغۇرى 回复Xadlik说:
    سىزنىڭمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بىلوگومنى زىيارەت قىلىپ تۇرغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن
    2009-04-20 03:33:42
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.