ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن سائەت:

  • 2009-04-07

    <ناۋا پىراگراممىسى ۋاقىتلىق توختىتىلدى>دىن تۇغۇلغان ئويلار

    <ناۋا پىراگراممىسى ۋاقىتلىق توختىتىلدى>دىن تۇغۇلغان ئويلار

    Nawa programmisi waqitliq toxtitildin tughulghan oylar

     

    شاھىمەردان

     

    ئاپتونۇم رايونلۇق رادىئو –تېلىۋىزىيە نازارىتى تېلېۋىزىيە پىراگراممىلىرىنىڭ ۋاقتىنى تەڭشىگەنلىكتىن ناۋا پىراگراممىسى<ۋاقىتلىق توختىتىلدى>ئەسلىدىكى ناۋا پىراگراممىسىنىڭ ۋاقتىغا تەرجىمە فىلىم ئورۇنلاشتۇرۇلدى.< 2009يىلى 2-ئاي>

    ھەي .....توۋا بىز ئۇيغۇر رادىئو تېلىۋىزىيەسىدە نىمىنىڭ كۆرۈش ئاڭلاش نىسبىتى يوقىرى بولسا شۇنىڭ تۈرلۈك  قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلى <ۋاقىتلىق > توختىلىپ كىتىشى قىززىق ئىش .  بىر يىلنىڭ ئالدىدا رادىئودىمۇ بىر ناخشا تەلەپ قىلىش پىراگراممىسى يولغا قويولغان (ئىسىمدە قىلىشىچە يېڭى بىر چاستوتا يولغا قويۇلغانغۇ دەيمەن، ئىسمى ئىسىمدە قالماپتۇ ) ، ئاڭلاش نىسبىتى شۇنداق يوقىرى ئىدى . ئەمما بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا پىراگراممىنىڭ ئوتتورىدىن ئۈزۈلۈپ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ پىراگراممىلىرىغا ئۇلاپ قويۇپ جىمجىتلا يوق قىلدى ، ئەمدى بىر رادىئو ئاڭلاشقا قىززىققاندا رادىئونىمۇ ئاڭلىماسلا قىلىۋەتتى ، ھازىر ئۇ چاستوتا پىراگراممىلىرى بارمۇ يوقمۇ بىلمەيمەن ، ئەمدى قوپۇپ .......

    ئاڭلىسام بىزدىمۇ بۇ پىراگراممىغا بولغان تالاش تارتىش ئاز ئەمەسكەن  ،بىر ئوبدان ئېلىپ بېرىۋاتقان پىراگراممىنى چەتئەللىشىپ كەتتىيەي ، زامانىۋىلىشىپ كەتتىيەي دىگەندەك گەپ سۆزلەر.........توۋا ..ياقتۇرمىسا ئاڭلىمىسىلا كۆرمىسىلا  بولمىدىمۇ ، ھېلىمۇ ئۇيغۇر تېلىۋىزىيەلىرىمىزدە شۇلار ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان دۆلىتىمزدە ئىشلەنگەن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان ۋەتەننى سۆيۈش توغرىسىدىكى تەرجىمە فىلىملەر ، ئېلان - سەھىپىلەر ،80-يىللاردىن تارتىپ ھازىرغىچە قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ناخشا ئۇسۇللىرىمىز .......، قاراڭ نىمىدىگەن مول پىراگراممىلار شۇلاردىن بىرەرىنى تاللاپ كۆرسىلا بولمىدىمۇ؟ ئەمدى قوپۇپ ياشلىرىمىزغا ھازىرلاپ بەرگەن كىچىككىنە بىر سائەتكىمۇ يەتمەيدىغان پىراگراممىدىنمۇ  قۇسۇر ئىزدەپ .......... ،ھەر ئادەمنىڭ قىززىقىشى ئوخشاش بولمايدۇ-دە

    ...شۇڭىغۈ بىز مىللەتنىڭ ھالى مۇشۇ . ئۆزىمىز قىلالمايمىزيۇ  قىلغان خەقتىن قۇسۇر ئىزدەيمىز ، شۇ پىراگراممىنىڭ ئورنىغا سىياسى ئۈگىنىشتىن بىرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىمۇ ئولتۇراتتۇق كۆزىمىزنى مۆلدۈرلىتىپ .

    شۇ مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىدىكى خادىملارغىمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ ،( گەرچە ئۇلار كۆرمىسىمۇ) كىچىك ۋاقىتلىرىمدىغۇ دەيمەن ،تېلىۋىزورنى ئاچساملا  شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسىنىڭ فىلىملىرىنى كۆرەتتىم ،چۈنكى ئۇ چاغدا پىراگراممىلار ئاز لېكىن ساز ئىدى ، ئۇيغۇر دراممىلىرى ، ئۇيغۇر كىنولىرى ، چەتنىڭ شۇ چاغدىكى نادىر فىلىملىرى ،....

    ھازىرچۇ.... بۇ توغرىلىق ئانچە بەك سۆزلىمەي ، بەلكىم بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغانلار باردۇ . ئەمما ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئۆز مىللىتىمىزگە خاس بولغان پىراگراممىلارغىمۇ ئازىراق ئورۇن بېرىپ قويسا ،ئاساسلىق كۆرسىتىدىغىنىم ، ئۇيغۇر دىرامما ھەم  كىنولىرى ،  ھەرقىتىم تەڭرىتاغ گۈلزارى پىراگراممىىسى بىرەر سەنئەتكارنى تۇنۇشتۇرغاندا شۇ سەنئەتكار رول ئالغان كونا دىراما كىنولارنى كۆرسەتكەن چاغدا ئۆيدىكى چوڭ كىچىك ھەممىمىز  شۇ فىلىملەرنىڭ قانداق فىلىم ياكى دىراما ئىكەنلىكى ، مەزمۇنى ، ھازىر پەقەت كۆرسىتىلمەس بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ كىتىمىز . ئەجابا ئەشۇ چاغدىكى ئۇيغۇر دىراما كىنولىرىنى كۈندە ئەمەس ھەر ھەپتىدە بىرەر سائەت ۋاقىتنى ئاجرىتىپ قويسا چوڭلارمۇ خوش بولۇپ قالسا كىيىن تۇغۇلغان بالىلارمۇ ئەشۇ چاغدىكى ئۇيغۇر كىنو دىراممىچىلىقىنى بىلىپ قالسا ، ئۇنتۇپ قالمىسا (شەخسەن مەنمۇ نۇرغۇن كىنو دىراممىلارنى ئەسلىيەلمەيمەن) ........

    ئۇيغۇر رادىئو –تېلىۋىزىيسىدىكى بارلىق خادىملىرىمىز : بىلىمىز جاپا تارتىۋاتىسىلەر .ئۇيغۇر رادىئو –تېلىۋىزىيسىدە ئىشلەيدىغان خادىملارغىمۇ بىسىم كۆپ .گەپنى قىسقىلا قىلساق نىمىلا دىگەن بىلەن بىز دىگەن ئاز سانلىق مىللەتتە .  ئەمما ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى <تەشۋىقات>نىمۇ قىلايلى ، تەرجىمىنىمۇ قىلايلى ئەمما ئۆزىمىزنىڭكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى   .

    خۇدايىم بۇيرىسا <ناۋا > پىراگراممىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرسا.......

     





    评论

  • ھەق گەپ قىپسىز بۇرادەر ! شۇنداق ياخشى ناخشىلار ھەم ناخشىچىلار بارلىققا كەلگەن ئىدى .
    مۇمكىن بولسا بۇ كىنونىمۇ تەرجىمە قىلىۋەتسەڭلار !
    ئادرىس :
    http://v.youku.com/v_show/id_XMTc1MjA3ODM2.html
    ش. ئە. ئۇيغۇرى 回复nur719说:
    رەھمەت ئالدى بىلەن كورۈپ باقاي. ۋاقىت يەتكەندە چوقۇم قىلارمىز
    2010-07-09 01:39:52
  • hak gap
  • مىنىڭ شىنجاڭ تىلۋۇزيە ئىستانسىدىكى يىقىن ئاغىنەمنڭ ئىتىشىچە ،ناۋا پىرگۇرمسى تەكشۇرۇپ باھالاش جەرياندا،نۇرۇغۇن پىشقەدەملەرنىڭ ئالدىىن ئوتەلمەي قاپتۇ ئاساسى جەھەتتىن 80-90پىرنسىت ئادەم بۇ پىرگىرممنى ياقتۇرماپتۇ،ھەمدە بۇ پىرگىرامنى بىرلىشپ باشقۇرۋاتىقان قارلۇق ئۇن سىن نەشىرياتىمۇ باشتا بىكارغا بىلەت تاقىتىپ كىردىغان ئىشنى ئوزگەرتىپ ،پۇل ئالىدىغنا قىلۋاتپتۇ،ھەمدە يۇرتۋازلق سەل ئىغىرلاپ قاپتۇ
    ش. ئە. ئۇيغۇرى 回复kulmas说:
    بۇنداق ئىشلارغا توۋا دىمەي ئىلاجىمىز يوق ، شۇڭا بىز ئۇيغۇرنىڭ كۈنى مۇشۇدە
    2009-05-24 19:42:24
  • پروگراممىسى قويۇلغاندىن تارتىپ، مەن كۆرمىدىم. شۇنىڭ ئورنىغا مەن ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان.
    شۇ ۋاقىتتىكى دىراملارنى قويۇپ بەرگەن بولسا شۇنچىلىك خوش بولاتتىم. <<سىز بىزگە ئىشىنەمسىز؟>> دىگەن دىراملىلار ھىلىھەممۇ يادىمدا.
    ش. ئە. ئۇيغۇرى 回复Jewlaniy说:
    ئەمما ھازىرچۇ نە شۇ دىراما نە ھازىرقى ناۋا ، نە چوڭلارنىڭ كۆرىدىغىنى يوق نە ياشلارنىڭ ..ئارتۇقچە گەپ قىلماي ، بىلوگومنى زىيارەت قىلغىنىڭىزغا رەھمەت
    2009-04-22 18:00:29
  • بىر قىسىم پىكىرلىرىڭىزگە مەنمۇ قوشۇلىمەن بىراق بەك قايناپ كەتمەڭ..............
    ش. ئە. ئۇيغۇرى 回复arslan说:
    قايناپ نىمە قىلاي دوستوم
    2009-04-07 21:16:23
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.