باش بەت قىلىشساقلىۋېلىش مال ھارۋىسىدا 0 دانە تاۋار بار OPEN-MUSIC

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 243|ئىنكاس: 1

مەشھۇر مۇقامچى تۇردى ئاخۇن ئاكىنى سىزىدىغانلارغا مەلۇمات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەت رامزىرى: نۇرمال چوڭ

493

تېما

14

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 831
نادىر تېمىسى: 106
تىللا: 3049
تۆھپە : 7503
توردا: 961
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-4 12:05:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!كۆرۈۋاتقىنىڭىز يانفۇن نۇسقىسى،كومپىوتىردا زىيارەت قىلسىڭىز تىخىمۇ كۆپ ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىسىز.
(مەشھۇر مۇقامچى تۇردى ئاخۇن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن)

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن

نۇرمۇھەممەت دۆلەت

tt.jpg

ئۆتكەن يىلى (1980-يىلى) 11-ئايدا ئېچىلغان جۇڭگۇ ئەدەبىيات- سەنئەتچىلىرىنىڭ 4- قۇرۇلتىيىدا يولداش جۇياڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقامنى «مىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن شەرق مۇزىكا تارىخىدىكى غايەت زور بايلىق» دەپ ناھايىتى توغرا باھالىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە ھاياتىنى ھەممە تەرەپلىمە مۇزىلىق تىل بىلەن ئىپادىلىگەن چوڭ ھەجىمدىكى مۇزىكا قامۇسى بولغان ئون ئىككى مۇقام ئۆز بېشىدىن تولىمۇ ئۇزاق تارىخنى بېسىپ ئۆتكەن. بىز مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2- ئەسىردىلا «مۇقدۇر» مۇقامىنىڭ بولغانلىقىنى، بۇ مۇقامنىڭ ھازىرقى قۇمۇل مۇقاملىرىدىكى «ئۇلۇقدۇر» مۇقامىنىڭ قەدىمىي تارىخىي شەكلى ئىكەنلىكىنى («جىننامە» 25-جىلد ‹مۇزىكا تەزكىرىسى›، «كىيىنكى خەننامە» ‹بەنچاۋ تەزكىرىسى›، «شەرھى تارىخنامە»گە قارالسۇن.) مىلادىدىن كىيىنكى 4- ئەسىردە ۋىدۇساكا ناملىق كۇچار مۇقامى ئۇستىسى بولغانلىقىنى (تۇماسنىڭ «تۇخار تىلى دەرسلىكى»دە مىسال كەلتۈرۈلگەن «ئارنىمى جاتاكا» ھىكايىسىگە قارالسۇن.)، كۇچار مۇقامچىلىقىنىڭ شۇ چاغلاردا بەرپا بولۇشقا باشلىغان قىزىل، قۇمتۇر مىڭ ئۆي غار نەقىشلىرىدە سۈرەتلەنگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. كىيىنكى جۇ خانلىقى دەۋرىدە چاڭئەنگە كەلگەن ئاتاقلىق كۈيشۇناس سۇجۇپ كۇچار مۇزىكىچىلىقىنىڭ بىر زامان مۇزىكا مۇنبىرىنى ئاۋات قىلغان ماھىرى بولغان بولسا، سۇي سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاقارىماندا (بەيمىندا) كۇچار كۇيشۇناسلىقىنىڭ يەنە بىر مەشھۇر ۋەكىلى بولدى.

ئوتتۇرا ئەسىر شەرق مەدەنىيىتىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۇچار كۈيشۇناسلىقى ئەنئەنىسى ئاساسىدا ئۇيغۇر مۇقامچىلىقى تېخىمۇ گۈللەپ خۇشپۇراق چاچتى. تاڭ دەۋرىدىكى 10 قىسىملىق مۇزىكا سېستىمىسىدا 6 قىسىمنى ئىگەللىگەن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكىلىرى يەنىلا كۇچار تېمپىرامىنتولوگىيىلىك (رېتىم) قانۇنىيىتى ۋە نەغمە ئۇسلوبىنى ئاساس قىلاتتى. تاڭ دەۋرىدىكى «چوڭ نەغمە»لەر دەل ئۇيغۇر خەلق مۇقامچىلىقىنىڭ كۈي (مۇزىكا)، ئەن (ناخشا)، جەۋلان (ئۇسۇل)دىن ئىبارەت ئىزچىل تارىخىي ئەنئەنىسىنى ئىپادىلىدى («مۇزىكا مۇئەسسەسىنىڭ نەزمە توپلىمى»دا كۈي ‹›، ئەن ‹›، جەۋلان ‹› ھەرىپلىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن). كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشۇلغان قىممەتلىك تۆھپە ھېساپلانغان ئۇيغۇر مۇقاملىرى تاڭ (618- 907)، سۇڭ (960- 1279) دەۋرىلىرىدە ئىچكى ئۆلكىلەرگە ۋە چەتئەللەرگە تېخىمۇ كۆپرەك تارالدى. «يېڭى تاڭنامە، شىزاڭ تەزكىرىسى»دە كۆرسىتىلىشىچە جۇڭزۇڭ پادىشا جىڭ چىڭ مەلىكىنى شىزاڭغا ياتلىق قىلغاندا كۇچار مۇقاملىرىنى توي سوغىلىرى قاتارىدا ئەۋەتكەن. شۈي جىئارۈي يازغان «دالىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخىي» ناملىق كىتابتا ئېيتىلىشىچە، پادىشا شۇەنزۇڭ كەييۈەن (713- 741) دالى يەرلىك ھاكىمى نىيەن جاۋ ۋاڭغا كۇچار نەغمىلىرىنى سوۋغا قىلغان، بەيزۇ خەلقى ئۆزىنىڭ دابىن چۇ ‹› نەغمىلىرىنى ئىشلىگەندە ئۇنىڭدىن پايدىلانغان. راھىپ شەن جۇڭ ئۆزىنىڭ «ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدە غەرپكە قىلىنغان ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق كىتابىدا ھىندىستاندىكى كامارۇپۇ مەملىكىتىنىڭ پادىشاسى جۇلام راجانىڭ ئۇنىڭغا «ھىندى ئەللىرىدە ماھاچىنا نەغمىلىرى ئوينىلىدۇ» دېگەنلىكىنى يازغان. ماھاچىنا- ماچىن دەپ ئاتالغان قەدىمكى خوتەننى كۆرسىتەتتى. ياپۇنىيە تارىخچىسى لىن جەنسەن ئۆزىنىڭ «سۈي- تاڭ ئەل نەغمىلىرى تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىدا كۇچار مۇزىكىسىنىڭ چاۋشەن ۋە ياپۇنىيىگە قەدەر يېتىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئىران ئابباسىيە خەلىپىلىكىنىڭ شەرقىي ئىراننى ئاساسىي تايانچ قىلىپ مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا گۇۋاردىيىسىگە  يۆلەنگەنلىكى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكىلىرىنىڭ ئىران مۇزىكىلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا تەسىرىنى تىزلەتتى. ھارۇن رەشت (786- 809) خەلىپىلىك ئۈستىدە تۇرغان چاغلاردا زالزال ئىران مۇزىكىسىنى ئىسلاھ قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويغان. زىراب ياۋرۇپالىقلار تېخى بىلمەيدىغان گۈزەل مىلودىيىلەرنى ئىسپانىيىگە ئېلىپ بارغان (ئەنگىلىيە لوندون داشۈېسىنىڭ شەرقشۇناسى پروفېسور بېرنارد لېۋس نىڭ «تارىختا ئەرەپلەر» ناملىق كىتابىغا قارالسۇن). باغدات ۋە دەمەشقتە ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمىي ئەبۇناسىر فارابىنىڭ (870- 950) مۇزىكىغا ئائىت 70 كە يېقىن چوڭ –كىچىك ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ «كىتابەل مۇسىقۇل كەبىر» (مۇزكا ھەققىدىكى چوڭ كىتاب) ناملىق كىتابى ئەينى زاماندا مۇزىكاشۇناسلىقنىڭ كىلاسسىك قوللانمىسىغا ئايلانغان. ئەبەيدۇللا لۇتفى، يۈسۈپ سەككاكى، ئاتايى ۋە ئەلشىر ناۋايى قاتالىق سەنئەت ئەربابلىرى ئۇيغۇر مۇقامچىلىقىنىڭ مەزمۇنەن يۈكسىلىشىگە زور تۆھپە قوشقان.

ئون ئىككى مۇقام 16- ئەسىردىكى ئابدۇرىشتخان دەۋرىدە قىدىرخان ۋە ئاماننىساخان قاتارلىق مۇقامشۇناسلار تەرىپىدىن تەرتىپكە سېلىندى ۋە ئىسلاھ قىلىندى. بۇ قېتىمقى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئىسلاھ قىلىشتا ئۈچ نوقتا ئاساس قىلىندى. بىرى، 10-، 15- ئەسىرگىچە داۋام قىلغان ۋە ئىنتايىن كەڭ تېرتورىيىگە يېيىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇقاملىرى بىلەن ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان، بىراق ئۆزلەشمىگەن غەيرى مۇقاملاردىكى ئېلىشاڭغۇلۇققا خاتىمە بېرىلىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى دىئاتونىك (تەبىئىي ئۈن- تەبىئىي ئاھاڭ) خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە قايتا رەتكە سېلىندى؛ ئىككىنچى، «چوڭ نەغمە»، «داستان»، «مەشرەپ»تىن ئىبارەت مۇقام شەكىللىرى ھەرقايسى مۇقاملىق كۈي شەكلى بويىچە يۈرۈشلەشتۈرۈلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى؛ ئۈچىنچىسى، مۇقام مۇزىكىلىرى دىنىي ۋە بىر قەدەر چۈشۈنۈكسىز ئىبارىلەر بىلەن تولغان شېئىرىيەتتىن ئازات قىلىنىپ، ئۆز دەۋرىدە كۈچلۈك مەرىپەتپەرۋەرلىك رولىنى ئويناۋاتقان ئۇيغۇر تۈرك شېئىرىيىتى بىلەن تېكىستلەشتۈرۈلدى. تۇردى ئاخۇن ئاكا ساقلاپ قالغان ئون ئىككى مۇقام ئەنە شۇ تەرتىپكە سېلىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن مۇقام ئىدى. 19- ئەسىردىكى مۇقامچىلاردىن قەشقەرلىك ئاكا- ئۇكا ھېلىم، سېلىملار بىلەن مۇھەممەت موللا، يەكەنلىك سېتىۋالدى قاتارلىق پىشقەدەملەر بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇردى. ئەينى زاماندا ئىلىغا يۆتكەلگەن ئالتە شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە مۇھەممەت موللا (1840- 1910) ئون ئىككى مۇقامنى ئەڭ تولۇق بىلىدىغان كۆزگە كۆرۈنگەن مۇقامچى ئىدى. ئۇنىڭ ئىزىنى خۇسۇسەن مۇقام داستانچىلىقى جەھەتتە ھەسەن تەمبۇر، روزى تەمبۇر، ھۈسەيىن تەمبۇر، بارات تەمبۇر، ئابلا تەمبۇر ۋە جامى ئاكا قاتارلىق سازەندىلەر باستى.

قاباھەتلىك كونا جەمىئيەتتە مۇقام مۇزىكىلىرىنىڭ تەقدىرى، بارلىق ئېزىلگۈچى ۋە خارلانغۇچى خەلقنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاشلا، «ئۇشاق مۇقامى»نىڭ بىرىنچى مەشرىپىگە سېلىنغان ناۋايىنىڭ مۇنۇ بېيىتىدە ئېيتىلغاندەك پاجىئە بىلەن تولغان ئىدى:

«ئېچىپ كۆكسۈم شىكابىن ئەيلەسەم كۆڭلۈمگە نە زارە،
ئېرۇر يۈز پارەئىي غەم تېغىدىن مىڭ پارە ھەر پارە. »

بىر زامانلاردا مۇزىكا داستانىنىڭ بۇلبۇلى بولغان مۇقامچىلار چۆل- جەزىرىلەرگە قوغلانغان ئىدى. بۇ ھالەتنى «بايات مۇقامى»نىڭ پەشرۇسىغا سېلىنغان مەشرەپنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ:

«ئىستىگەنلەر بىزنى سەھرايى بالادا ئىستەڭىز،
ۋادىئىي ھىجران بىلەن دەشتى پانادا ئىستەڭىز.»

شىمالى مىللىتارىستلار ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان جاھالەتلىك زامانلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىڭلىغان يىللاردىن بېرى ئۈزۈلمەي نۇر چېچىپ كەلگەن بۇ سەنئەت چەشمىسى قۇرۇپ كېتىشكە، بۇ مۇزىكىلىق ھايات گۈللىنىشى خانىۋەيران بولۇشقا يۈز تۇتقان ئىدى. شىمالى شىنجاڭدا ئون ئىككى مۇقامنى «چوڭ نەغمە»، «داستان» ۋە «مەشرەپ»لىرى بويىچە تولۇق بىلىدىغان نامايەندە قالمىغان، مۇقام داستانچىلىرى تېپىلسىمۇ بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ناھايىتى ئاز قالغان ئىدى. جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئەھۋالمۇ شۇنىڭغا يېقىنلىشىپ قالغان. دېمەك ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت ئۇزاق تارىختا شەكىللەنگەن ۋە راۋاجلانغان بۇ كىلاسسىك مۇزىكىلىق مىراس ھايات- مامات ھەلقۇمىگە كېلىپ قالغان ئىدى. بۇ پۈتۈن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان پاجىئەلىك مەنزىرە ئىدى.

شەرق قىزىرىپ، ئازاتلىق تېڭى جىلۋە قىلدى. ئون ئىككى مۇقامنىڭ قەدىمىي ماكانى شىنجاڭ تاڭ نۇرى ۋە باھار ئىللىقلىقىغا چۈمدى. زامان كۈلدى، خەلق كۈلدى. ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ مۇزىكىلىق تەپەككۇر جەۋھىرى بولغان ئون ئىككى مۇقاممۇ يېڭى ھاياتقا ئېرىشتى.

ئازاتلىقتىن كېيىن پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتى كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىسىنى توپلاش ۋە رەتلەش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بولدى. 1950- يىلى يازدا قەشقەر ۋالىسى، پىشقەدەم سەنئەت ئەربابى قاسىمجان قەمبىرىنىڭ تۇنشتۇرىشى بىلەن پىشقەدەم مۇقام ئۇستىسى تۇردى ئاخۇن ئاكا ئون ئىككى مۇقامنى سىمغا ئېلىش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، ئېلىمىزنىڭ مۇزىكا تارىخىدا مەڭگۈ خاتىرىلىنىشكە ئەرزىيدىغان بۇ ئۇلۇغۋار ئىشقا كىرىشتى. 1950- يىلى 8-، 9-ئايلاردا ئۈرۈمچىدە ئون ئىككى مۇقامنىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە سىمغا ئېلىندى. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى قۇرۇلۇشى ئالدىدىن قىلىنىۋاتقان داغدۇغىلىق خىزمەتلەر ئىچىدە ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىلىرىنى قايتىدىن تەپسىلى لېنتىغا ۋە پىلاستىنكىغا ئېلىش ئىشى ئىشلەندى. بۇ ئىشتا تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئون ئىككى مۇقامنى ساتار چېلىپ ئېيتىپ بېرىشى، ئۇنىڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇننىڭ داپ چېلىپ بېرىشى ئاساس قىلىندى. بۇ خىزمەتكە يەنە مەشھۇر داستانچى روزى تەمبۇر، مۇقامشۇناس زىكرى ئەلپەتتا، ئاتاغلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى ئابدۇۋېلى جارۇللايۇپ، مۇزىكاشۇناس يولداش ۋەن تۇڭشۇلار يېقىندىن قاتناشتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ مۇزىكىلىق ھايات دەرىخى قايتا باھارغا ئېرىشتى. يوقىلىش خەۋىپىگە ئۇچرىغان خەلقنىڭ بۇ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنى مىراسى قۇتقۇزۇلۇپ، سوتىسيالىزىمدىن ئىبارەت يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ خەلقنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنىڭ تارىخى قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ئەنە شۇ يەردە.

تۇردى ئاخۇن ئاكا بۇ ئۆچمەس تۆھپىسى ئۈچۈن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن خەلق سازەندىسى. تۇردى ئاخۇن ئاكا ئەسلى قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدىن بولۇپ، 1880-يىلى شۇ ناھىيىدە تۇغۇلغان، مۇقامچىلىقنى ئاتا كەسىپ قىلغان. بىراق زۇلمەتلىك كونا جەمئىيەتتە ئۇنىڭ بوۋىلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ دادىسى تەۋەككۇل ئاخۇن غۇربەتچىلىك ۋە خارلىق ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ قەشقەر، يەكەن، خوتەندىن ئىبارەت كونا مۇقام ماكانلىرىدا سەرگەردانلىق ۋە سەرسانلىق ئىچىدە 50 يىل مۇقامچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1952-يىلىدىن باشلاپ يەكەن، قەشقەر سەنئەت ئۆمەكلىرىدە رەسمى مۇقام ئۇستىسى بولۇپ خىزمەت قىلدى. دادىسى تەۋەككۇل ئاخۇندىنمىراس قالغان «باھارىم چىمەنزارىم» قاتارلىق 30 نەچچە ناخشىنى خەلققە تەقدىم قىلدى. «ھەممە دېھقانلار بىر ئائىلە»، «دوستلۇق» قاتارلىق يېڭى مۇزىكىلار ئىجات قىلىپ يەر ئىسلاھاتى كۈرىشىگە ھەسسە قوشتى. ئۇ يېشى چوڭىيىپ قالغانغا قارىماي، ئۆمۈرلۈك ئىپتىخارى، مىسلىسىز خۇشاللىقى ۋە جاسارىتى بىلەن ئون ئىككى مۇقامنى تولۇق ئېيتىپ، مۇرات- مەقسىدىگە يەتتى. پىشقەدەم خەلق سازەندىسى تۇردى ئاخۇن ئاكا ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ شېرىن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ مۇزىكا بايلىقىنى خەلققە تاپشۇرۇپ بېرىپ ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى.

ئون ئىككى مۇقام قۇتقۇزۇلۇپ قېلىندى! ئون ئىككى مۇقام نوتىلىرى يولداش ۋەن توڭشۇنىڭ بېرىلىپ ئىشلىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇھىم سوۋغا سۈپىتىدە 1965-يىلى مۇزىكا نەشىرياتى ۋە مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن ئىككى قىسىملىق كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىندى. شۇندىن كېيىن ئون ئىككى مۇقام توغرىسىدىكى ئىزلىنىش ۋە تەتقىقات جانلىنىپ كەتتى.

بۇ يىل (1981-يىل) پىشقەدەم  مۇقام ئۇستىسى تۇردى ئاخۇن ئاكانىڭ تۇغۇلغىنىغا بىر ئەسىر توشتى. تۇردى ئاخۇن ئاكا ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان، ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت خەلقنىڭ بۇ بىر قىممەتلىك تارىخىي مەدىنىي مىراسىنى ساقلاپ قېلىشتا ئۆچمەس خىزمەت كۆرسەتكەن مۇنەۋۋەر مۇقامشۇناس، مۇقام سازەندىسى ۋە مۇقامچىلىق ئۇستازى.

ئۇيغۇر خەلق كىلاسسك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقامنىڭ سوتسيالىزىم دەۋرىدە ئۆزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، بۈگۈنكى ھالەتكە يەتكەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆرگىنىمىزدە، مەرھۇم تۇردى ئاخۇن ئاكىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلىمەي تۇرالمايمىز. بىز ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش، تەرتىپكە سېلىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنى كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزنى زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك سوتىسيالىستىك مەملىكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇلۇغۋار يېڭى يۈرۈشكە خىزمەت قىلىدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىمىز لازىم.


مەنبە: «شىنجاڭ سەنئىتى» 1981-يىل، 1-سان.
تورغا ئۇزاتقۇچى: ھۇما



رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى 支付宝: 308206035@qq.com ئېسىم: 吐尔孙江 سەئىدىيەدىكى ھەر قانداق تىجارەت ھىسابات مۇشۇ ئىسىم، نۇمۇر بىلەنلا بولىدۇ..باشقا ھەر قانداق ھىسابات ئىناۋەتسىز

493

تېما

14

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 831
نادىر تېمىسى: 106
تىللا: 3049
تۆھپە : 7503
توردا: 961
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-11-11 08:52:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكا 1881-يىلى قەشقەر يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار يېزىسدا نەچچە ئەجدادىدىن تارتىپ ئەلنەغمىچىلىك بىلەن ياشاپ كەلگەن مۇقامچىلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى تەۋەككۇل ئاخۇن ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق نەغمىچىسى ۋە مۇقامچىسى بولۇپ، قەشقەردىكى مەدرىستە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مۇقامچى ئاكا-ئۇكا چىلىم ئاخۇن، موللاخۇن مۇقام، سېتىۋالدى قاتارلىق مۇقام ئۇستىلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىدىن ئۆگەنگەن. بىراق تەۋەككۈل ئاخۇن جاھالەتلىك كونا جەمئىيەتتە ئىززەت-ئېتىبار تاپالماي، ساتارىنى ھەمراھ قىلىپ خارلىق ۋە سەرسانلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرگەن. ئۇ ياشاش يولى ئىزدەپ ئائىلىسى بىلەن يېڭىسار ناھىيەسىگە كۆچۈپ بېرىپ لاۋا دېگەن كەنتكە ئورۇنلىشىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە نەغمىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
تەۋەككۇل ئاخۇن ئىككى ئوغلى ئىمىن ئاخۇن بىلەن بىلەن تۇردى ئاخۇننى بالا ۋاقتىدىن باشلاپ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەيدۇ ھەمدە ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ ئەلنەغمە سورۇنلىرىغا قاتناشتۇرىدۇ شۇنداقلا ئون ئىككى مۇقامنى سىستېمىلىق ئۆگىتىدۇ. ئۇلار 15-16 ياشلارغا كىرگەندىن باشلاپ، ئاتا-بالا ئۈچەيلەن بىر ئەلنەغمە گۇرۇپپىسى بولۇپ ئۇيۇشۇپ، نەغمىچىلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. تەۋەككۈل ئاخۇننىڭ ئۇستاز بولۇپ تەربىيەلىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشى نەتىجىسىدە ئىمىن ئاخۇن بىلەن تۇردىن ئاخۇن پەزىلەتلىك، خۇش چاقچاق، ئېغىر-بېسىق، چىقىشقاق مۇقامچىلاردىن بولۇپ يېتىلىدۇ.
ئۇلار دادىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن دادىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ مۇقامچىلىق ۋە نەغمىچىلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
تۇردى ئاخۇننىڭ ھال ئوقىتى بىر ئاز ياخشىلانغاندىن كېيىن ئۆي-ئوچاقلىق بولىدۇ. تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ بىرىنچى ئوغلى ھوشۇر ئاخۇنمۇ مۇقام داپچىسى بولۇپ يېتىشىدۇ. ئۇلار بىر گۇرۇپپا بولۇپ يېڭىساردا ئون نەچچە يىل ئەلنەغمىچىلىك قىلغاندىن كېيىن، 1930-يىللىرى ئەتراپىدا يەكەنگە بېرىپ ئۆز كەسپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا مۇقام يۇرتى-يەكەندىكى كۆپلىگەن داڭلىق مۇقامچىلار بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلار ئون ئىككى مۇقامنى ئورۇنلاش جەھەتتە ئۆز-ئارا ماھارەت كۆرسىتىشىپ، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدۇ. يەكەندىكى مۇقامچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇردى ئاخۇن ئاكىغا قايىل بولۇپ «ئۇستاز» دەپ ھۆرمەتلەيدۇ. بۇ چاغلاردا ئۇ خوتەن چىرادىن كەلگەن مۇقامچى سۇلايمان ئاخۇن بىلەن تونۇشىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئون ئىككى مۇقامنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىدۇ، كەم جايلىرىنى تولۇقلايدۇ. داڭلىق مۇقامچى ھېسابلانغان سۇلايمان ئاكىمۇ «سىلەر ئاكا-ئۇكا ئىككىڭلارنىڭ مۇقامچىلىق ماھارىتىڭلار يۇقىرى ئىكەن، مۇقامنى سىلەردىن ئۆگىنىش كېرەك ئىكەن» دەپ ئۇلارغا قول قويىدۇ.
ئۇلار بىر مەزگىل يەكەندە تۇرغاندىن كېيىن، قاغىلىق ناھىيەسىگە بېرىپ يەرلىشىپ قالىدۇ، قاغىلىق خەلقى ئۇلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ.
1945-يىللىرى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ تەسىرى بىلەن «تاشقورغان ئىنقىلابى» پارتلاپ، ئىنقىلابچىلار قاغىلىقنى ئىگىلەيدۇ. «بېتىم» نىڭ روھى بويىچە ئۇلار قاغىلىقتىن قايتقاندىن كېيىن، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى «ئىلى ئوغرىلىرىنى قارشى ئېلىپ ساز چالدىڭ» دېگەن باھانە بىلەن يەرلىك مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنى قۇترىتىپ ئاكىسى ئىمىن ئاخۇننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ. تۇردى ئاخۇن ئاكا بولسا قاغىلىق ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قامىلىدۇ. بىراق بۇ مۇقامچىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان قاغىلىق خەلقى بىرلىشىپ ساقچى باشلىقىغا نۇرغۇن پارا بېرىپ، تۇردى ئاخۇن ئاكىنى قاماقتىن ئېلىپ چىقىدۇ.
1946-يىلى ئۆلكە رەئىسى جاڭ جىجۇڭ، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى، سەيپىدىن ئەزىزى ۋە قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىقلار «ئون ئىككى بېتىم»نىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەندە، ئۇلارغا بېرىلگەن زىياپەتتە مۇزىكا چالدۇرۇش ئۈچۈن تۇردى ئاخۇن ئاكىنى چاقىرىدۇ. بۇ بەزمىدە تۇردى ئاخۇن ئاكا ئىجرا قىلغان مۇقام نەغمىسىنى ئاڭلىغان ئەخمەتجان قاسىمى، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار ئۇنىڭ ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، تۇردى ئاخۇن ئاكىغا ھۆرمەت تونى كىيدۈرىدۇ.
تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ كىچىك ئوغلى قاۋۇل ئاخۇنمۇ دادىسىنىڭ تەربىيەسى بىلەن قالۇن، چاڭ چېلىشتا يېتىشىپ چىقىپ، كۆزگە كۆرۈنىدۇ.
تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ بوۋىسى قاۋۇل ئاخۇن ئاكا (ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئەجدادلىرى نامەلۇم) دىن تارتىپ ھازىر شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىدا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىۋاتقان كىچىك ئوغلى قاۋۇل ئاخۇنغىچە نەچچە ئەجداد-ئەۋلادلار ئۆمۈر بويى مۇقامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئۈزۈلمەس دولقۇنىدەك زامانىمىزغا يېتىپ كېلىشىدە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان مۇقام ئۇستازلىرىدۇر.
ناۋادا يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر مۇقام ئۇستازلىرى قىدىرىخان يەركەندى بىلەن مەلىكە ئاماننىسالار ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەپ، يۈرۈشتۈرۈپ ئۇيغۇر مۇقام تارىخىدا ئۆچمەس خىزمەت كۆرسەتتى دېيىلسە، ئۇ چاغدا تۇردى ئاخۇن ئاكىنى ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئون ئىككى مۇقامنى قۇتقۇزۇپ قالغۇچى ۋە زامانىمىزغا يەتكۈزۈپ بەرگۈچى بىردىنبىر سەنئەت ئەربابى دېيىشكە بولىدۇ.
دەرۋەقە، تۇردى ئاخۇن ئاكا ئون ئىككى مۇقامنى چوڭ نەغمە، داستان ۋە مەشرەپلىرى بويىچە ئەڭ تولۇق، ئەڭ ساپ ساقلىغان ئىدى.
ئازادلىقىتن كېيىن خەلق ئاممىسىنىڭ قەد كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ، ئون ئىككى مۇقامنىڭ باھارى باشلاندى. تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ بىر ئۆمۈر كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشتى.
1950-يىلى 8-، 9- ئايلاردا ئۈرۈمچىدە ئون ئىككى مۇقام ۋە بىر قىسىم خەلق ناخشىلىرى سىنغا ئېلىندى، بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا پىشقەدەم مۇقامچى تۇردى ئاخۇن ئاكا بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن، داستانچى روزى تەمبۇر، داڭلىق مۇزىكانت ۋە مۇقامچى زىكرى ئەلپاتتا، ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى ئابدۇۋەلى جارۇللايۇۋ ھەمدە مۇزىكىشۇناس ۋەن تۇڭشۇلار قاتناشتى.
1955-يىلى ئون ئىككى مۇقام قايتىدىن تەپسىلىي لېنتىغا ۋە پىلاسىنكىغا ئېلىندى. بۇ قىتىمقى لېنتىغا ئېلىشتا پىشقەدەم مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ساتار بىلەن ئون ئىككى مۇقامنى تولۇق تېكىستى بويىچە ئوقۇپ چىقىشى، ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن ئاكىنىڭ داپ چېلىپ بېرىشى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى مۇقام تارىخىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەت دېيىشكە بولىدۇ.
تۇردى ئاخۇن ئاكا يەتكۈزۈپ بەرگەن ئون ئىككى مۇقامنىڭ نوتىسى 1956-يىلى مەركىزى مۇزىكا نەشرىياتى بىلەن مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي ئىككى توملۇق كىتاب قىلىپ نەشر قىلىندى، تېكىستلىرى بولسا ئايرىم-ئايرىم كىتاب بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
ئون ئىككى مۇقامنىڭ خەلقئارا نوتىغا ئېلىنىشى مۇقامنى يېڭى تارىخى دەۋرگە ئېلىپ كەلدى، مۇقام ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ خىزمەتلەردە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تۇردى ئاخۇن ئاكا خەلقنىڭ مۇقام بايلىقلىرىنى خەلققە يەتكۈزۈش ئارزۇسىغا ئېرىشىتى.
تۇردى ئاخۇن ئاكا 1956-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.


جۇغلانمىنى ئالماشتۇرغانلار كۆزنىكى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

تاقاش

سەئىدىيە تورى تەۋسىيىسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

ئۇلىنىش قوشوش|يانفون نۇسخىسى|سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى |

GMT+8, 2017-5-8 04:35 , Processed in 0.724803 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش