يارىم سەن نىگارىم سەن.
بوينۇمدا تۇمارىم سەن.
ئاخشىمى قاراڭغۇدا.
چىراغنى ياندۇرۇپ ئولتۇرۇڭلار.
سەنمۇ ئېيتقىن دەردىڭنى.
مەنمۇ ئېيتاي دەردىمنى.
بىر مەھەللىدە چوڭ بولۇپ.
قولۇڭنى تۇتۇپمۇ باقمىدىم.
يارىم كېلىدۇ قاراپ.
سۇمبۇل چېچىنى تاراپ.
مەن يارغا نېمە قىلغان.
جىم تۇرالماي ئالىيىۋاتىدۇ.
دۇتار چېلىپ ئولتۇرسام.
خىيالىمغا سەن كەلدىڭ.
دەردىڭ بولسا ئېيت يارىم.
مەن ھازىر سوتتا ئىشلەۋاتىمەن.
باغنى باغۋەن باقىدۇ.
بۇلبۇل قاناتنى قاقىدۇ.
يىغلىما قارا كۆز يىغلىما.
گىرىملىرىڭ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
ئېگىز تاغقا چىققاندا.
قولىڭىزدىن مەن تارتاي.
بار ئويۇننى سىز ئويناڭ.
مەن ئولتۇرۇپ رەسىمگە تارتاي.
ئالما ئاتسام دەرياغا.
لەيلىۋېلىپ چۆكمەيدۇ.
سەن يارىمنىڭ ئوتىدا.
سەي قورىسا پىشمايدۇ.............